خىتاي نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي دەسلەپتە جازا لاگېرىنى ئىنكار قىلدى. مۇخبرلار ۋە تەتقىقاتچىلار مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ئۇنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىدى. بۇ يىل مارتتا خىتاي بېيجىڭدا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا پۈتۈنلەي تۈرمە شەكلىدە باشقۇرۇلىۋاتقان لاگېرلارنى «ياتاقلىق مەكتەپ» دەپ پەردازلاپ كۆرسەتتى. دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ھەققىدە سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئۆزگىرىش قىلغان بىلەن ئىچىگە قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئىزچىل «دوختۇرخانا» دەپ كەلمەكتە ۋە بىگۇناھ تۇتۇلۇشنى «داۋالىنىش پۇرسىتى» دەپ بېزەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي لاگېر ھەققىدىكى سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتنى 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېنگىلىزچە، خىتايچە ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقاتماقتا. بۇ فىلىملەر يۇقۇرى سۈپەتتە ئىشلەنگەن بولۇپ بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىملىرىدىكى قوپاللىق، بىمەنلىك ۋە يالىڭاچلىقتىن ساقلىنىشقا، زىيادە سىياسىي ۋەز-نەسىھەتلەردىن بەكرەك چىن ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇلارنى قوزغايدىغان مەزمۇن ۋە سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىشكە كۈچىگەن.

خىتاي ئىشلىگەن لاگېرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق خەلقىمىز ئارىسىدا كۆرۈلگەن بىر قىسىم دىنىي پىكىرلەر، دىن نامىدا قىلىنغان پائالىيەت، تارقالغان چۈشەنچە ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ھادېسىدەك كۆرسىتىلگەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. خىتاي بۇ تەشۋىقاتلار ئارقىلىق بىرى خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياۋايى، جاھىل، ياۋۇز ۋە نادان قىلىپ كۆرسەتسە، يەنە بىرى دۇنيادىكى ئىسلامدىن ئۈركۈپ كەتكەن مىلياردلىغان كۆرۈرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنى ئاشقۇن دىنچى قىلىپ كۆرسىتىپ ۋە شەيتانلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە، ئاقلاشقا تىرىشقان.

خىتاي ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەردە ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكى جەھەتلەردە قارا سۈركەلمەكتە، قالاقلىقتا ئەيىپلەنمەكتە ۋە ھەتتا روھى كېسەل سۈپىتىدە تونۇلماقتا. بىرىنچى، ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، ھەيكەلتاراچلىق قاتارلىقلارنى ئۆچ كۆرۈش. ئىككىنچى، نىقاپلانمىغان قىزلارغا بېسىم ئېغىر، ئاتا-ئانىلار قىزلارغا، ئەرلەر ئاياللارغا مەجبۇرى جىلباپ كىيدۈرۈش. ئۈچىنچى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئېزىشى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ بالىلارنى مائارىپسىز، ئاياللارنى ھوقۇقسىز قويۇش. تۆتىنچى، ئاياللارنىڭ ئىشلىشىنى، گىرىم قىلىشىنى، مۇستەقىللىقىنى چەكلەش. بەشىنچى، قىزلارنى كىچىك ياتلىق قىلىش، نىكاھ ئەركىنلىكىگە چەك قويۇش. ئالتىنچى، ئاياللارنى بالا باققۇچى، مالاي ۋە تۇغۇت ماشىنىسى قاتارىدا كۆرۈش. يەتتىنچى، پەرزەنتلەرنى «كاپىر» بولۇپ كېتىدۇ، دەپ زامانىۋىي مائارىپنى ئۆچ كۆرۈش، سەككىزىنچى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقىرىش. توققۇزىنچى، شەرىئەتنى تەرغىپ قىلىپ ئەدىلىيەگە ئارىلىشىش.

خىتاي بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەرنى خىتايچە ئىشلەپ ئېنگىلىزچە خەتلىك قىلىپ تارقاتقان بولۇپ، ھازىر كەڭرى تارقىتىلماقتا. بەلكىم بۇندىن كېيىن باشقا تىللاردىمۇ تارقىتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، دۇنيادا خىتاينىڭ ساختىكارلىقىغا قارشى، ئۇنىڭ زالىملىقىنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇش ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلارمۇ كۆپ، ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ھېچ كىم گۇناھنى پەقەت بىرلا تەرەپكە قويۇپ تەپەككۇر قىلمايدۇ. بولىۋاتقان زۇلۇمنى كۆزىتىۋاتقان ئىنسانىيەتبۇنچە زۇلۇمغا نېمىلەرنىڭ سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى بىلىشتە بىزدىنمۇ نېمە ئۆتۈلگەنلىكىنى ئويلاشماي قالمايدۇ.

فىلىملەردىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا، خىتاي ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەت قاراشلارنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە بىلىنىشكە، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغۇچى، ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە بالىلارنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى ۋە ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلغۇچى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. مەسىلەن، بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە بىر قىز ئۆزىنىڭ ھاياتىنى سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ بۇرۇنقى سەھنە ھاياتىنى ئەكس-ئەتكۈزىدىغان رەسىملەر ئېكراندا گەۋدىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن جىلباپقا پۈركەنگەن ھالىتى كۆرسىتىلىدۇ. قىز بۇنى ئېرىنىڭ «دىني ئەسەبىيلىكى» گە مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئېنىقكى، بۈنى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەر پۈتۈنلەي بىز تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىيالمايدۇ. زۇرلۇق، زوراۋانلىقنىڭ كىم ۋە قايسىي چۈشەنچە بىلەن قىلىنسۇن، خاتالىقى ھەممىگە ئايان.

خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىش ھەقىقەتەن موھىم. خىتاينىڭ ئېكراندا بىزنى قانداق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، قانداق قارىلاۋاتقانلىقى، بىزنى قانداق ۋاستىلەر بىلەن پەننىڭ، سەنئەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ، تەرەققىياتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش بىز مۇھاجىرەتتە قىلىدىغان موھىم ئىشلارنىڭ بىرى. شۇڭا بىزدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئورگانلار قۇرۇلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكىس ئەتكۈزىدىغان تىياتېرلار ئوينىلىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان قوشۇن تەشكىل قىلىنىشى كېرەك.

خىتاي ئۇيغۇرنى قارىلاشتا بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى تۇتقا قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە بىزنى «ئاشقۇن ئىسلامچىلار» قىلىپ كۆرسەتتى. ھەتتا خىتاي بىگۇناھ خەلقىمىزنى قامىغان جازا لاگېرلىرىنى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن قۇرۇلغان «گۇەنتانامو» غا ئوخشاتتى ۋە دۇنيانى ئىسلام ئاشقۇنلىقىغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. مەنچە، بىز دۇنياغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆزگىچە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلدۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتقا قارشى ئەمەسلىكىنى، تەرەققىياتنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى، پەنگە، سەنئەتكە تەشنالىقىنى، پەرقلىق مەدەنىيەتلەر بىلەن ھەمدەم، ھەمكار بولۇپ ياشىيالايدىغانلىقىنى ئايان قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخمىز بىزنى «12 مۇقام» نى ئىجات قىلىشتىن، 30 خىلدىن ئارتۇق چالغۇنى كەشىپ قىلىشتىن، ئەر-ئاياللار تەڭ ئىشتىراك قىلىدىغان مەشرەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىن، مۇكەممەل ئۇسسۇل مەدەنىيىتى يارىتىشتىن ۋە ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئەزان توۋلىنىدىغان مۇنارىنىڭ ئۈستىدە ناغرا-سۇناي چېلىپ، مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناشتىن چەكلەپ قويغان ئەمەس. بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز بىزنى دىيارىمىزدىكى بۇددسىت مۇڭغۇل، داغۇر ۋە شىبەلەر بىلەن دىنىي توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرمىگەن. بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز دىيارىمىزغا كەلگەن شىۋىتسىيەلىك خىرىستىيان دەۋەتچىلىرىنى قەتلى قىلغان ئەمەس.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا تەرەققىياتنى تەرغىپ قىلىۋاتقاندەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىتىۋاتقاندەك، زامانىۋىيلىقنى سىڭدۈرىۋاتقاندەك، مەدەنىيەتنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتقان بولسا، بىز ئۆزىمزنىڭ ئاللىقاچان تەرەققىياتقا ماسلاشقان، ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان، زامانىۋىيلىققا تەقەززا، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بارلىق مەدەنىيەتنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشىنى خالايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا قولىمىزدىن كېلىشىچە سەنئەت ۋە مەدەنىيەت غەزىنىمىزنى مۇداپىيە قىلىپ، ۋارىسلىق ۋە ئۇنى ئەسلىگە سادىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر بولۇشىمىز ئەۋزەل.

(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى كۆزقاراشلار پەقەت ئاپتورغىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)