خىتاينىڭ «بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى» نى تەشەببۇس قىلىشى خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە
2024.10.30
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتى 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتايدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق: ئۇتقۇچىلارنىڭ تارىخىي مەغلۇبىيىتى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ يىل ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 27.1 پىرسەنت چېكىنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ چۆكۈشى، مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر خىتايغا ئېغىر باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى 1.5 پىرسەنت ئېشىپ 1 تىرىللىيون 300 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 170 مىليارد ياۋرو)غا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 6.5 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 1 تىرىللىيون 720 مىليارد يۈەن (225 مىليارد ياۋرو) زىيان تارتقان. خىتايدىكى پايچېكلارنىڭ پايدىسى 4.9 پىسەنت تۆۋەنلەپ، زىيان 3 تىرىللىيون 900 مىليارد يۈەنگە، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ زىيىنى 183 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. بۇ قەدەر ئېغىر چېكىنىش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇلار پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاي ھاكىمىيىتى «بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى» دەيدىغان يېڭى بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي ‹بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى›نى پىلانلاۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايدىكى نوپۇس تىز سۈرئەتتە قېرىۋاتقان بولۇپ، 2050-يىلىغا بارغاندا 60 ياشتىن ھالقىغانلارنىڭ سانى خىتايدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن، يەنى 500 مىليون ئادەم قېرىيدىكەن.
بۇ خىل بېسىمغا قارشى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى يېقىندا «ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنت تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۇغۇت، تەربىيەلەش ۋە مائارىپ چىقىملىرىنى تۆۋەنلىتىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، ياشلارغا ئۇچرىشىش سۇپىلىرى ھازىرلاپ بېرىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى» نى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىساد ئاجرىتىدىغانلىقى، قاچاندىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقى، قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرمىگەن.
ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق بىر سىياسەت يولغا قويۇلسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملىشىۋاتقان، قانچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ 900 مىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا لاگېرلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى، قارنىدىكى بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇ يېڭى سىياسەت قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى قۇرۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۆز خەلقىگىمۇ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمدىلىكتە ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى يىقىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە يولغا قويماقچى بولغان «بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى» ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە ئاتا قىلمايدىكەن.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىنىڭ تۈركۈملىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوقكەن. بىراق ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سىياسەت شەرقىي تۈركىستاندا باشقىچە ئىجرا قىلىنىپ، بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتاي ئەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇشنىڭ بىر خىل قانۇنىي قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
«خىتاي ‹بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى›نى پىلانلاۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى بىلەن، چوڭ شەھەرلەردە بالا بېقىشنىڭ تەننەرخى ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىۋاتقان بولغاچقا، خىتايلارنىڭ توي قىلىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاشقا بولغان ئىشەنچىسى بەربات بولغان. خىتاي ھاكىمىيىتى «بالا تېپىش ۋە توي قىلىش مەدەنىيىتى» نى مانا مۇشۇنداق ئېغىر كىرىزىس ئاستىدا ئويلاپ تاپقان.