خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىغا غەربتىكى ھۆكۈمەتلەر ئىنكاس بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرگەن تۇنجى غەرب ھۆكۈمىتى بولدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەر كۆپەيسە، ئەنگلىيەنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دومىنىك راب گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئەنگلىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن. 6-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى سىياسىتى نۇقتىلىق تېما بولغان.
يىغىندا دومىنىك راب ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدىكى پىكرىگە چۈشەنچە بېرىپ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ ھېسسىياتىم تەنتەربىيەنى دىپلوماتىيە ۋە سىياسەتتىن ئايرىم تۇتۇش. بىراق بەزىدە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان نۇقتىلارغا كېلىدۇ. مەن خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن ‹دەلىل-ئىسپاتلارنى بىرلەشتۈرەيلى، بىز يەنە قانداق ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ كۆرەيلى› دەيمەن» دېگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاچان ئېنىقلىما بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مەن شۇنى ئېنىق تەكىتلەپ كەلدىم. بۇ يەردە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسىپاتلار بار. ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئۇنى ‹ئۇرۇش جىنايىتى› دەيدىغان تونۇش مەۋجۇت. بۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، مەقسەدلىك ۋەيران قىلىنغانلىقىغا ئائىت دەلىللەر بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن ئېنىقلىمىنى بېرىشتىكى توسالغۇ.»
لېكىن يىغىندا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئالىسىيە كېرىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئائىت ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك، دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بايقۇت قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە خىتاينىڭ ئاياللارغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تەن جازاسى، كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇللار ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭدىن بەتتەر قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت ئېنىق دەلىللەر بار تۇرۇپ، بىز قانۇنچىلارنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىنى قاچانغىچە ساقلايمىز؟ بىز خىتايىڭ قىلمىشىنى ‹كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› دەپ ئېتىراپ قىلغان تەدىردىمۇ، بىزنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقنى ئويلىشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟»
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ داۋاملىق ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارمۇ كۈچىيىپ باردى. ئۆتكەن ئايدا دۇنيادىكى 160 دەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنى باستۇرغان، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىكەن.
دومىمىك رابنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدىكى سۆزى ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئائىت ئېنىق ۋە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بار ئىكەن. ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات، «لوندون سوت كوللېگىيەسى» ناملىق خەلق سوتىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 7-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ناھايىتى جىق دەلىل-ئىسپات بار. بۇ دەلىل-ئىسپاتلار ‹لوندون سوت كوللېگىيەسى› ئۈچۈن تەييارلاندى. مەن نەچچە بەتلىك دەلىل-ئىسپات ۋە ھۆججەتلەرنى رەتلەپ چىقتىم. شاھىتلارنىڭ 11 مىڭ بەتلىك گۇۋاھلىقىنى تەييارلىدىم. بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ چېكى يوق. ئۇنىڭ كۆپ قىسمى توردا تېپىلىدۇ. بۇ دەلىل-ئىسپاتلار ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ياردىمىدە توپلاندى. ھەرقانداق كىشى خالىسا بىز توپلىغان بۇ دەلىللەرنى كۆرەلەيدۇ.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى بۇ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئادۋوكات ھامىد سابى بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى لورد ئەخمەد بىلەن كۆرۈشۈش بىزنىڭ پىلانىنىڭ بىر پارچىسى. بىز ئۇلارنى مەسىلىگە ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيمىز. بىز بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ھەرىكەتكە كېلىش ئىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ھەرقانداق قەدەمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ بۇنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھامىد سابى ئوتكەن يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، ب د ت نىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
دومىنىك رابنىڭ سۆزىگە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ كەلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخ ئۆتكەن ئايدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان تەييارلىقىغا ئىجابىي باھا بەرگەن. لېكىن ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە 160 دەك خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىنى بىكار قىلىش چاقىرىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانلىقىنى بېيجىڭغا بەرگەندىمۇ، بۇنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كېيىنكى 12 يىلدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلىنىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ناچارلىشىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالدى. نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەنتەربىيەنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.
ئادۋوكات ھامىد سابىنىڭ قارىشىچە، ئۇ تەنتەربىيەنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر «ئىرقىي قىرغىنچلىق» مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بىر ئىنسانىي كرىزىس مەسىلىسى. بىز بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەدلىك ھالدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، تەن جازاسى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى مەخپىي تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ لاگېرلارنى قۇرۇۋاتىدۇ. پەقەت تېخىمۇ قاتتىق بېسىملا خىتاينى بۇ قورقۇنچلۇق قىلمىشتىن توسالايدۇ.»
دومىنىك راب ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە يەنە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كامبىرىج كېنەزىدەك داڭلىق شەخسلەرنىڭ «ئالاھىدە دىققەت قىلىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكار بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى «ئەندىشىسى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە» ئىكەن.
0:00 / 0:00