9-سېنتەبىر، 160 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىگە بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى قايتا ئويلىشىشقا چاقىرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش» دەپ ئەيىبلىگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن.
10-سېنتەبىر «دىپلومات» تورىدا ئېلان قىلىنغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەمدى قانداق بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە «قەبىھلىك جىنايەتلىرى ئۆتكۈزگەن، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بىر دۆلەتنىڭ مۇنداق داڭلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى بارمۇ؟» دېيىلگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئەزەلدىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىت پارتىيە بولۇپ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 8 يىلدا خىتايدىكى باستۇرۇشنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان، ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. بۇنداق دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى ئولىمپىك روھى ۋە ئولىمپىك يىغىنىغا قىلىنغان ھاقارەت.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىلى ۋە 2022-يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بېرىشتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت كۈچىنى بەكرەك ئويلاشقان بولۇپ، 1936-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ناتسىست گېرمانىيەسىگە بەرگەندىمۇ ئەنە شۇ ئامىلنى كۆزدە تۇتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېكىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ (Thomas Bach) قا مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بەرگەنلىكىدەك خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرغان. بۇ مەكتۇپ 9-سېنتەبىر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا سۇنۇلغان.
بۇ بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئاكتىپ قېتىلغان ۋە بۇ جەرياندا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ئىشقا ئىزچىل ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈش قارارىنى بەرگەن ۋاقتىدىلا بىز بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشىلىقىمىزنى بىلدۈرگەنىدۇق. 2020-يىل 2-ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئەرز يوللىدۇق. ئۇنىڭ جاۋابى بولمىغاندىن كېيىن بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسىگە خەت يازدۇق. ئاندىن ئادۋوكات ئارقىلىق بۇ كومىتېتنىڭ ئەخلاق كومىتېتىغا ئەرز سۇندۇق، بۇنىڭمۇ نەتىجىسى چىقمىدى. ئومۇمەن بىز بۇ ئىشقا باشتىن ئاخىر جىددىي قاراپ كەلدۇق».
بۇ بىرلەشمە مەكتۇپتا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۆز خەلقىگە كۆپلەپ زۇلۇم سېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. مەكتۇپتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «2008-يىلدىن بۇيان بىز خىتاينىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر رايونىدا تەقىب ۋە نازارەت سىستېمىسى قۇرغانلىقىغا، 1مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقىغا، خوڭكوڭنىڭ ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› بولۇش سىياسىتىنى يوق قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ‹ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى›گە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ تىلىنى يوق قىلىۋېتىپ بارغانلىقىغا، تەيۋەنگە ئۇرۇش تەھدىتى سېلىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا، كۆپلىگەن خىتاي ئادۋوكاتلىرى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار، دېموكراتىك زاتلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەھدىت دەپ قارىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىلى خىتايغا خەلقئارا ئولىپمىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىدەك خاتالىقىنى ئەمدى تەكرارلىماسلىقى كېرەك؛ بەلكى خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك جىنايەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ كومىتېت خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردا ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى بىلەن كارى بولمىسا، ئولىمپىك روھى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ بىرلەشمە مەكتۇپنى سۇنۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى روشەن پاكىتلار بىلەن خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يەنىلا خىتايدا ئۆتكۈزۈشتىن يانماسلىقى مەزكۇر كومىتېتنىڭ 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەرگەنگە ئوخشاش تارىخىي خاتالىقتۇر. بۇ خاتالىقنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك» دېدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە بۇ بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ تولۇق ۋە پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، خىتايغا قارشى كۆتۈرۈلگەن چوقانلارنىڭ تەسىرىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بىر بىرلەشمە مەكتۇپنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «160 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ سۇنۇشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئەگەر خىتايدا كەلگۈسى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسا 2022-يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزەلىشى ناتايىن. ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ مۇسابىقىنى يەنىلا خىتايدا ئۆتكۈزۈش قارارىدىن ۋاز كەچمىسە، نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇنى بايقۇت قىلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ كۈچىنى، ھەشەمىتىنى نامايان قىلىدىغان بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى توختىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغىلى بولىدۇ».
0:00 / 0:00