تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «شى جىنپىڭ مېنىڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ قېنىنى كېچىپ ئامېرىكاغا كەلدى!»

0:00 / 0:00

14-نويابىر كۈنى لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلىغانلىقى، خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشىچىلىرىنىڭ بولسا تۇرسۇنئاينى ئورىۋالغانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى كەڭ تارقالدى. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان خىتايلار تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭغان كۆك بايراقنى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى بىلەن توسۇۋېلىشقا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا، ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنغان.

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلاۋاتقاندا، شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ تۇرسۇنئاينى ئورىۋالغان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-نويابىر.
لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ «شى جىنپىڭ يالغانچى، شى جىنپىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ توۋلاۋاتقاندا، شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان بىر توپ خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ تۇرسۇنئاينى ئورىۋالغان كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 14-نويابىر. (X/Students for a Free Tibet)

14-نويابىر خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سان-فرانسىسكو ئايرودۇرۇمىدىكى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش تەشكىللىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇرلار سان-فرانسىسكو ئايرودرومىدىكى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش قىلغان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىققان. 2023-يىلى 14-نويابىر.
ئۇيغۇرلار سان-فرانسىسكو ئايرودرومىدىكى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش قىلغان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىققان. 2023-يىلى 14-نويابىر. (UAA)

«تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» سان-فرانسىسكو ئايرودۇرۇمىدىكى نامايىشتا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان كۆرۈنۈشىنى خ دە ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بىر تىبەت ئوقۇغۇچى نەق مەيداندىن بۇ كۆرۈنۈشنى ئاڭلاتقان. ئۇ تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مانا بۇ تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى، شى جىنپىڭ ئۇنى بىر يىل يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان ۋە ئۇنى قىينىغان. ماۋۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئاشۇ ھاكىمىيەتنى قوللاپ، بۇ يەردە نومۇس قىلماي قاراپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ۋىجدانى يوقمۇ؟ بۇلارنى خىتاي تەرەپ پۇل ۋە چۈشلۈك تاماق بېرىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. بۇلار لاگېر شاھىتىغا، سېنىڭ كەچمىشلىرىڭ چوڭ ئىش ئەمەس، دېمەكتە. مانا بۇ كوممۇنىست خىتايدۇر» دېگەن.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئايرودرومغا چۈشۈپلا تۇنجى كۆرگەن كۆرۈنۈشىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بولۇشىنى كۆزلەپ، خىتاي نامايىشچىلىرىنىڭ ھەيۋىسىگە قارىماستىن ئالدىغا بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سان-فرانسىسكو ئايرودرومىدىكى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش قىلدى. 2023-يىلى 14-نويابىر.
«ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سان-فرانسىسكو ئايرودرومىدىكى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش قىلدى. 2023-يىلى 14-نويابىر. (UAA)

مەزكۇر نامايىشقا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سان-فرانسىسكو ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىمى زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ «قىزىل» غا قارشى «كۆك» نىڭ، ھەقسىزلىققا قارشى ھەققانىيەتنىڭ جېڭى بولغانلىقىنى ئېيتتى. زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ نامايىشنى جىنپىڭ خىتايغا قايتقۇچە، يەنى 17-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىكەن.

ئاخىرىدا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ قېنىنى كېچىپ ئامېرىكاغا كەلدى. ئامېرىكادەك بىر دېموكراتىك دۆلەتكە شى جىنپىڭ كېلىشكە قانداق جۈرئەت قىلالىدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى ئۇنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيدۇ!»