6-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە لوندوندا «خان جەمەتى سەنئەت ئىنستىتۇتى» دا ئوقۇۋاتقاچ 9 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى لوندوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان «قىزىل خىشتام كوچىسى» دىكى 100 مېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان تامنى ئاقارتىپ، «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» نى ئىپادىلەيدىغان 12 خىتايچە سۆزنى يازغان. بۇ سۆزلەر خىتايدا باغچىلار، يول بويلىرى، ئىدارىلەر، مەكتەپلەر، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا سارايلىرى پويىز ئىستانسىسى ۋە باشقا ئادەملەر كۆپ جايلاردا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان «گۈللىنىش، دېموكراتىيە، مەدەنىيەت، ئىناقلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئادالەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سەمىمىيەت، دوستلۇق، ئۆزىنى بېغىشلاش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» دېگەن سۆزلەر ئىكەن.
خىتاي ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆزنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جاسارەتلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقاتقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» نى لوندوندا تەرغىب قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-مۇنازىرىلەر قايناپ، بەزىلەر «مەدەنىيەت ئېكسپورتى» دەپ ماختىغان بولسا، بەزىلەر «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، خىتاينىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
ب ب س نىڭ 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي ئوقۇغۇچىلار لوندوننىڭ شەرقىدىكى گرافىتتىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېزىپ مۇنازىرە قوزغىدى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان بۇ قىزىل خىشلىق تام كوچا سەنئەتكارلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تام كوچا ھەر خىل سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەنىكەن. ئەمما «خان جەمەتى سەنئەت ئىنستىتۇتى» دا ئوقۇۋاتقان مىللەتچى خىتاي ئوقۇغۇچىلار كۆزلىرىنى مىت قىلىپ قويماستىن بۇ رەسىملەرنى ئاق ھاك بىلەن بوياپ ئۆچۈرۈۋېتىپ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان تەرغىب قىلىپ كەلگەن «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» نى ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقى 12 سۆزنى قىزىل رەڭدە يېزىپ چىققان. يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىتايلارغا 800 فونتسىتېرلىڭ جەرىمانە قويغان. بۇ خەتنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر «خىتايدا ئەركىنلىك يوق» دېگەن خەتلەرنى يازغان بولسا، بەزىلىرى شى جىنپىڭنى ئەيىبلەيدىغان، ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن رەسىملەرنى چاپلاپ، ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان.
لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مەنپەئەت كۆرۈۋاتقان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ بولغان نۇرغۇنلىغان خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەممىلا يەردە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان ساداقەتلىرىنى ئىپادىلەشنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى مەدھىيەلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ سەنئەت سورۇنىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ شى جىنپىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشى زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش ئىكەن.
لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ تام كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى پاش قىلىدىغان، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەيدىغان قىزىق بىر مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى مۇشۇ تامغا يېقىن رايوندىن يەر سېتىۋېلىپ، ئەلچىخانىسىنى يۆتكەشنى پىلان قىلغان. بىراق، ئۇلار يەرنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە مەزكۇر رايوندا ياشايدىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىيالمىغان. خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقى خەتلەرنى يېزىشى، بەلكىم بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ خەتلەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بۇنى ‹مۇستەبىتلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تاجاۋۇزى› دەپ ئاتىدى. بەزىلەر ‹سىلەر بېيجىڭنىڭ كوچىلىرىدا مۇشۇنداق خەت يېزىشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر؟ › دېدى. نۇرغۇن تەنقىدچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنىڭ يوقىتىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ئۆلۈپ كەتكەن شەخسلەرنىڭمۇ خاتىرىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى. لوندوندىكى سۇسى لۇئارد ‹ئۇلار بەكلا ئاچكۆزلۈك بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يوقىتىۋەتتى. ئەسلىدە ئۇلار باشقا تاملارنىمۇ ئىشلىتەلەيتتى. مەسىلە بۇ يەردە› دېدى. يەنە بەزىلەر ‹بەلكىم، ئەركىنلىكنىڭ بەدىلى بۇ بولسا كېرەك› دېيىشتى» .
«فىرانسىيە ئاۋازى رادىيوسى» مۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا ھەر تەرەپتىن تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان. بەزىلەر «بۇ فاشىستىك تەشۋىقاتنى بېيجىڭغا قويۇپ بەر» دېسە، بەزىلەر «مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئېكسپورتى» دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر تام بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نىدالارنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنغا ئايلانغان.