ئامېرىكالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى ۋە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمەن يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى.
20-مارت كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىندا، ئېتان گۇتمەن ئەپەندى خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئورگان ئوغرىلاش جىنايەتلىرىنى قايىل قىلارلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ، خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسى ۋە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى نەتىجىسى خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئارقىسىدىكى مۇرەككەپ مېخانىزملارنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلىنغان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى.
رادىيومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېتان گۇتمەن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى. ئېتان گۇتمەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش جىنايەتلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن باشلانغان. فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىدىن ئېلىنغان ئىچكى ئورگانلارنىڭ خىتايدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىۋاتقان غايەت زور ساندىكى «ھالال ئىچكى ئەزالار» تەلىپى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانغا ئايلانغان.
گۇتمەننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش كۆلىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە زور بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئۇيغۇر مەھبۇس بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقنىڭ قۇربانى بولغان مەھبۇسلارنىڭ توغرا ۋە ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ جەرياندا لاگېر شاھىتلىرى تەمىنلىگەن گۇۋاھلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەقىقىتىنى بايقاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ ئېتان گۇتمەن بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.