خىتاينىڭ «قەرز توزىقى»غا تايىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى تىزگىنلىشى
2022.11.16

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تاجىكىستاننىڭ خىتاينىڭ «قەرز توزىقى»غا چۈشۈپ قېلىپ، بۇنىڭ بەدىلىنى زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ۋاخان كورىدورىدا خىتاينىڭ ئەسكىرىي بازا قۇرۇشىغا يول قويۇش بىلەن ئۆتىگەنلىكى ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان «كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى جەمىيىتى» 10 - نويابىر كۈنى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىر كۈچى كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە خىتاينىڭ «قەرز توزىقى»غا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور دەرىجىدە پايدىسىز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىزگىنلەش كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ زومىگەرلىك ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىدۇ: «شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى بارغانسېرى قاتتىقلاشماقتا، بۇ ھال خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بىرىنچى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە يۈكسەك نازارەتكە دۇچ كەلمەكتە. تارىخى ئۇزۇن بولغان شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن قويۇق ۋە چۇڭقۇر مەدەنىيەت رىشتىسى بار. شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە يەكلەشلىرى، ئۇلاردا مەركەزدىن ئايرىلىش خاھىشىنى ھەم بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە.»
ماقالىدە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قارىتا سەزگۈرلىكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، خىتاينىڭ 1996 - يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىزھار قىلىنغان.
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان 90 - يىللاردىن باشلاپلا خىتاينىڭ توزىقىغا چۈشۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۆز دۆلىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل بېسىملار بىكار قىلىنمىسا، كەلگۈسىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
ماقالىدە 10 - ئايدا ب د ت ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ بىلەت تاشلاشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ 4 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى خىتاينىڭ «قەرز توزىقى»غا باغلاپ تەھلىل قىغان.
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستان 1994 - يىلى خىتايدىن 7 مىليون 400 مىڭ دوللار قەرز ئالغان بولۇپ، 1998 - يىلى يەنە 1 مىليارد 470 مىليون دوللار قەرز ئالغان. ئۆزبېكىستان 2005 - يىلى خىتايدىن 600 مىليون دوللار قەرز ئالغان. 2009 - يىلى خىتاي قازاقىستان نېفتلىكىگە 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. 2011 - يىلى تۈركمەنىستان خىتايدىن 4 مىليارد 100 مىليون دوللار قەرز ئالغان. خىتاي يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا 10 مىليارد دوللار پۇل ياتقۇزۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا مۇشۇ پۇللار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەرزدار دۆلەتلەرنىڭ گېلىنى بوغۇپ، بوينىنى ئېگىپ، خىتاي نېمە دېسە ماقۇل بولىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. ئۇ سۆزىدە، قازاقىستاندا بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دېگەن ئىبارىنى تىلغا ئېلىشنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «2014 - يىلىدىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەر ئەمەلىيلىشىشكە باشلىدى، نازارەت دەرىجىسى كۈچەيدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1200 جازا لاگېرىنى قۇرۇپ چىقىپ ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى قامىدى. بۇ ئىنسانلار رومال ئارتقان، ساقال قويغان دېگەندەك ئەرزىمەس جىنايەتلەر بىلەن قارىلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيادا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. شىنجاڭدا بولسا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇردىن باشقا، 1 مىليون 810 مىڭ 507 قازاق، 196 مىڭ 320 قىرغىز ۋە مەلۇم ساندا ئۆزبېكلەر بار. خىتاينىڭ خورلاشلىرىغا قارشى چىققان ئاز سانلىق مىللەت پائالىيەتچىلىرى تۈرمىلەرگە بەنت قىلىندى ياكى ۋەتىنىنى تەرك ئەتتى. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدا قوزغالغان نارازىلىقلارنى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› تەشەببۇسى ئاستىدىكى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ تەسىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ كۈچى بىلەن ئۈنۈملىك ھالدا تىزگىنلەش مەقسىدىگە يەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تېخى ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تۇتۇپ، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.»