خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىدىن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ كېلەچىكىگە بىر نەزەر

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنىڭ كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىل مايدىكى «شىئەن ئۇچرىشىشى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئىمپورت مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشقان.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلىش» ۋە «رايونلار ئارا ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» شوئارى ئاستىدا ئۈرۈمچىدە «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.

شەك-شۈبھىسىزكى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى غەربتىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دېموكراتىك ئەللەردە ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلىنىدىغان بىر ساھەدۇر. ھالبۇكى، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي چوڭ گەۋدىگە ئايلانغان خىتاينىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە نازۇك ساھەلەردىكى ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە غەربنىڭ ئەسىرلەر بويى بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن پەن-تېخنىكا ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەدەلسىز پايدا ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ 2020-يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك جەھەتتىكى ئوغرىلىق قىلمىشلىرى ھەر يىلى ئامېرىكاغا 200 مىلياردتىن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتايغا قارىتا تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىدىكى ئوغرىلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى تۈرلۈك خىرىسلىرىغا قارىتا سەزگۈرلۈكىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇشى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇشى سەۋەبلىك، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نىشانىنى ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرگە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم.

قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىق مۇنبىرى» گە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىقتىساد پۈتكۈل تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى؛ ھەرقانداق بىر ئەل ۋە خەلقنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆزلىرى بەرپا قىلغان ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى قوغدىيالمىغاندا، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدىكى ئالداش ياكى زورلاپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىگە ئىگە بولۇۋالغانلىقى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە سەزگۈر بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلانغان «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىق مۇنبىرى» دە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە «ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقى» مەسىلىسىنىڭ رايونلار ئارا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نى ئالغا سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ، ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقىنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىس ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) ئەپەندى بۇ ھەقتە ھاۋايدىن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، خىتاي خەلقئارادا ئاللىقاچان ئۆلچەملەشكەن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقلىرىغا ئۆزى بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەمدىلىكتە ئۆز ئالدىغا يېڭى بىر ئۆلچەم تۇرغۇزماقچى ۋە ئۇنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆلچىمىنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تاڭماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا خىتاي بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە مەنسۇپ بولغان ماددىي، مەنىۋى ۋە ئەقلىي بايلىقلارنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشقا، بۇ بايلىقلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئاندىن خىتاي ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا سالماقچى، شۇنداقلا ئىككى رايوننىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ھەمدە رايونلار ئارا تەرەققىيات مودېلىنى نامايان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولغىنىدەك، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىر خىل شەكىلسىز مۈلۈك ھوقۇقى بولۇپ، ئۇ ئەقلىي ئىجادىيەت ئەمگىكىنىڭ قوغدىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئەقلىي ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقتۇر. ئۇنىڭ ئوبيېكتى ئەقلىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ياكى بىلىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى قوغداشتۇر.

ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا، جۈملىدىن ئۆزەك ساھەسىدىكى جازالىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىدىكى تالان-تاراج نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتماقتا. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن «ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىقى» بويىچە ئىش بىرلىكى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە غەربكە سوزۇلغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ھېنرى شاجىۋېسكى ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەمما ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە، «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن تېخىمۇ چەتتە قويىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات چەمبىرىكىنىڭ چېتىدە قالدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز نازۇك بىر رايون. چۈنكى خىتاي تېررىتورىيەسىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا خىتاي ئۇلارغا تەۋە بولغان ئەقلىي مىراسلارغا ۋە بايلىقلارغا ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك تامغىسىنى بېسىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى ئويلايدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئورنى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك جەھەتتىكى ئوغرىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ قېتىملىق «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھەمكارلىق مۇنبىرى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئوينايدىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا قانداق زىيانلارنى سالىدىغانلىقى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا.