خىتاي نېمە مەقسەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ساھەسىگە كۆز تىكمەكتە؟

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن تاراتقۇلىرى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەم ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 2022-يىلى، خىتاي دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە ئۈن-سىن ۋاسىتىلىرىدىكى ھەمكارلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزگەن ھەمدە خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى «خىتاي شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 24-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزكۇر بىر ھەپتىلىك يىغىن ۋە زىيارەت پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 4 دۆلەتتىن كەلگەن 21 ئاساسلىق ئاخبارات ئورگانىنىڭ باشلىقلىرى خىتاينىڭ شىنخۇا، خىتاي ئاخبارات مۇلازىمەت شىركىتى قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قاتنىشىپ خەلقئارا ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ بىرى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئاخبارات ئاممىۋى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ۋە دۆلەتلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەۋەر ۋە ۋەقەلەرنى ئالماشتۇرۇش. ئىككىنچىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا مەدەنىيەت ھاياتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

بۇ يىل يەنە خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش تۈرى بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. خىتاي بۇ ھەمكارلىق دائىرىسىدە تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش ۋە تارقىتىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇقنىڭ تارىخى باسقۇچلىرىنى بىرلىكتە سۆزلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتايدا تارقىتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو پىروگراممىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانىدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئورتاق قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەمكارلىق ئىستىقبالىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان.

خىتاي شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇلىرى بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ: «يىپەك يولىنىڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە سۆزلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئاخبارات ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن تۆھپە قوشۇپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز» دەپ تەشەببۇس قىلغان.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن، ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات ھەمكارلىقىغا ئائىت بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشنىڭ، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شى جىنپىڭ كېسەك دۆلەتلىرى(BRICS) رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ قايتقان ھامان ئۈرۈمچىگە كېلىشى ھەمدە «شىنجاڭ سىياسىتىنى» كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇش يوليورۇقىنى بەرگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ، غەربنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىق تەشكىللەپ ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«ھازىرنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ مەقسەتلىك ھالدا باشقا دۆلەتلەرنى مەنپەئەتلەر ئارقىلىق ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يېقىندا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭدەك شاڭخەي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاستىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بەرمەكتە. يېقىندىن بۇيانقى كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر لىنىيەدە كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەمما ئۇتتۇر ئاسىيادا يەنىلا رۇس تىللىق ئاخباراتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. لېكىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ يېقىنقى يىللاردا، ئۆزىنىڭ باشقا جەھەتتىكى تەسىرلىرىنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ باغلىنىشىنى ياخشى بىلىدۇ ۋە بۇلار ئۇيغۇر رايونىدا نېمە بىلەۋاتقانلىقىدىن ئاز-كۆپ خەۋىرى بار. خىتاي قارشىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلماقتا».

شان روبېرتس ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇتتۇر ئاسىيا ئاخبارات ساھەسى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ۋە ھۆكۈمىتىمۇ خىتايدىن گۇمانلانغىنى ئۈچۈن ھوشيار بولغىنىدەك رۇسىيەدىنمۇ ئاگاھ بولۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇنداق بىر تەرەپسىز بولۇۋاتقان پەيتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئۇتتۇر ئاسىياغا تەسىرىنى كۈچەيتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىسى يامانلاشسا بۇ دۆلەتلەر تېخىمۇ تەرەپسىز بىر قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرلىرىنى كۈچەيتىشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك».

خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلدى دەپ باھالانغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قاتار سودا چەكلىمە سىياسەتلىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىپ قالغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلقئارانىڭ بېسىملىرىغا قارشى ھەمكارلىق تەشكىللەۋاتقانلىقى ھەر تەرەپلەردىن مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ئەمدى تەشۋىقات كۈچى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

خىتاي سۇمۇرغ تورى-30 ئاۋغۇست بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ساھەسى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قانات توكابايېف مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي ئاخبارات مۇلازىمىتى قاتارلىق دۇنيادىكى 50 دىن ئارتۇق ئاخبارات شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. قازاقىستان بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتەلەيدۇ.»

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، «خۇيمىن كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ باش دىرېكتورى كەرىم خانجېزا سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «قىرغىزىستان ئوقۇرمەنلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ تاراتقۇلىرى ھەمكارلىقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى ۋە ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، خىتايلىقلارنى چۈشەندى. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇردى.»

تاجىكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئامۇرخون تاچوف خىتايلىق كەسىپداشلىرى بىلەن مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش ۋە تارقىتىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۆزبېكىستان «خەلق سۆزى» نىڭ باش مۇھەررىرى رۇسلان كېنزايېف مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار خىتايغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى شىنجاڭغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.»

ئەمما رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇتتۇر ئاسىيا ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىك ئاخبارات خادىملىرى بولسا، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىجابىي نۇتۇقلىرىنىڭ رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئاخبارات خادىمى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەر باۋۇدونۇف ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ساھەسى ۋەكىللىرى سۈپىتىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلاشقان كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ساھەسى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭ مەلۇم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخباراتلارنىڭ، پەقەت خىتايغا ئىقتىسادىي قەرزى بولغانلىقى يۈزىسىدىنلا ماسلاشقىنى بىلەن، ئۆزىنى دېموكراتىك دۆلەت دەپ قارايدىغان قىرغىزىستاندا كىشىلەرنىڭ يەنىلا غەربنىڭ ئەركىن ئاخباراتىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 7-ئايدا، خىتاي-قازاقىستان ئاخبارات بىرلەشمە خىزمەت پونكىتى ئېچىلىپ، قازاقىستان بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ دوستلۇق تارىخى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى» دىكى يېڭى ھەمكارلىقى تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

قازاقىستاندا «ئاتا-يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە تارقىتىش خىزمەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان قازاق ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچى ئېربول دۆۋلەتبەك: «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سىياسىتى ئۇتتۇر ئاسىيادا پاش بولۇشى بىلەن، قازاقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇچۇر ئۇرۇشى ۋە ساختا خەۋەرلەر بىلەن جىنايىتىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىشى خىتاينىڭ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا، خىتايغا مايىل دۆلەتلەردىن، ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ۋەكىللەرنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«نېمە ئۈچۈن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى نىشانلايدۇ دېگەندە، ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا، بۇ جايلاردا ياشاۋاتقان مىللەتلەر مەدەنىيەت ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى توغرۇلۇق پاش بولۇۋاتقان ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، ئۆزىگە قارشى ئىدىيەلەرنى كونترول قىلىش خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا خىتاي بۇ جايلاردا ئاخباراتلارغا مەبلەغ سېلىپ، ئاخباراتچىلارنى تەربىيەلەشتە ھەمكارلىشىپ، مەتبۇئات ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاخبارات ساھەسىگە مەنپەئەت بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئالىدىغان مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.».

ھېنرى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇر رايونىغا باغلانغان تەشۋىقاتلاردا، ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي قارشى ئۇچۇر تارقىتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي بۇ رايوندا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش رىقابەتچىلىرىگە قارشى كۈچ توپلاشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن».