كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەر سۈپىتىدە ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا قارىتا تۇتقان سىياسىتى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگراداش بولغان خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزگىرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
11-مايدا رۇسىيەنىڭ بىر قاتار ئامممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىشى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن»، «خىتاي سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىشقا باشلىدى» دېگەنگە ئوخشاش ماۋزۇلار بىلەن ماقالىلار ئېلان قىلىنغاندى.
رۇسىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى «لېنتا رۇ» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئەجدەرھا كۆلەڭكۈسى: خىتاي سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىشقا باشلىدى. بۇ نېمە بىلەن رۇسىيەگە خەۋپ تۇغدۇرىدۇ؟» ناملىق دىمىترىي پلوتنىكوفنىڭ ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن تارتىپلا خىتاي مەنپەئەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشكەنىكەن. دەسلەپتە خىتاي چوڭ مىقداردا قەرىز بېرىپ، قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىغا ۋە يەرلىك ئەسەبىيلىكتىن قوغدىنىش مۇمكىنچىلىكلىرىگە ئىگە بولغانكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي قوشنا ئەللەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان، پەقەت ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان ئىستراتېگىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلىغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت 2019-2020-يىللاردىلا رايوندا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى 40 تىن ئوشۇق نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر نامايىشلار خىتايدا تەقىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق بىلدۈرۈشكە ۋە يەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرەلدە خىتاي شىركەتلىرىگە ئىجارىگە بېرىشكە قارشى تۇرۇشقا قارىتىلغانكەن. ھازىر نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرى ئۆزگىرىپ، ئۇلار ئەمدى پەقەت خىتاينىلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاۋاتقان ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنىمۇ تەنقىتلىمەكتە. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ 35 پىرسەنتى، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ 30 پىرسەنتى خىتايغا ۋە خىتاي سىياسىتىگە نىسبەتەن سەلبىي كۆزقاراشتا ئىكەن. لېكىن يەرلىك ئاھالە بىلەن كۆپ ساندىكى خىتاي بىرلەشمىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار چىققان تەقدىردە دائىرىلەر خىتاي تەرەپكە يان بېسىشنى دۇرۇس كۆرىدىكەن.
ئاتالغان ماقالىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتكەن: بېيجىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا غەيرىي-رەسمىي كېلىشىملەرنىڭ ۋە شەخسىي كاپالەتلەرنىڭ كۆپرەك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ھەۋەس بىلەن پايدىلانماقتا. مەسىلەن، بارلىق كرېدىتلار، يەنى قەرز پۇللىرى شەخسەن مەملىكەتلەر، بىرلەشمىلەر ۋە مەھكىمىلەر رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي-رەسمىي كېلىشىمى ئارقىلىق بېرىلگەن ئىكەن. ئەمدى خىتاي بۇ رايوننىڭ ئالىي شەخسلىرىنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرىنىڭ ئاساسىي مەنبەسىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
ئەمدى قازاقىستاندىكى ئەھۋال قانداق؟ قازاقىستان خىتايدىن كرېدىت، يەنى قەرز پۇللارنى قانداق ئېلىۋاتىدۇ؟ قازاقىستان خەلقى بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتامدۇ؟ بۇ قەرز قانداق قىلىپ قايتۇرۇلماقچى؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، مۇبادا قازاقىستان ئومۇمەن سىرتتىن ئېلىۋاتقان مىلياردلىغان قەرز پۇللىرىنى ئورۇنلۇق پايدىلانغان بولسا، مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدا گۇمان يوقكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئالىدىغان بولساق، ھاكىمىيەت بۇ پۇللارنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمەيۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەرىكەت پىلانى يوق. مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي پروگراممىسى ئورۇنلۇق ۋە چىرايلىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. ئىقتىسادچىلار ھەقىقەتەنمۇ دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ، مىللىي فوندنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى جار سېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا خىتاي كرېدىتلىرىنى توغرا پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا بەزى ئەمەلدارلار بارلىق باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى بېيىتماقتا. خەلق بۇنىڭدىن ھېچ بىر پايدا كۆرمەيدۇ. پەقەت خەلققە، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئەنە شۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ خەلق ئالدىدا ھېچ قانداق بىر جاۋابكارلىقى، پۇقرالىق پوزىتسىيەسى يوق. خىتاي مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. خىتاي بۇ قەرزلىرىنى تەلەپ قىلغاندا ئەھۋال ھەتتا تاجىكىستاندىنمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن. ئەھۋال بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. ئەل ئىقتىسادىنى مەبلەغلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆز كۈچىمىز بىلەن كۆتىرىشىمىز مۇمكىن. سەۋەبى بۇ مەبلەغلەر ئېلىمىز ئىقتىسادىنى كۆتىرىشكە قارىتىلمىغان.»
ئىگىلىشىمىزچە، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قازاقىستاننىڭ ئومۇمەن تاشقىي قەرزى 150 مىليارد دوللارنى، خىتايغا قەرزى 11 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغاندى.
يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەسىلەن، قىرغىزىستاننىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى پرېزىدېنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئەنە شۇنداق شەخسىي كېلىشىملەر ئارقىلىق خىتايدىن ئىنتايىن كۆپ مىقداردا قەرز ئالغانكەن، مىليونلىغان دوللار پۇل قانۇنسىز سىرتقا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئىكەن. تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئالى راخموننىڭ كۈيوغلى شامسۇللو ساھىبوف بولسا، 2. 8 مىليون دوللار پارا ئېلىپ، خىتاي شىركىتىگە مەملىكەتتە ئالتۇن قېزىپ چىقىرىش رۇخسىتىنى بەرگەن. ھازىر تاجىكىستاندىكى ئالتۇننىڭ 80 پىرسەنتى خىتاي بىلەن بىرلەشكەن كارخانىلاردا قېزىپ چىقىرىلىدىكەن.
سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي ئەپەندى مۇشۇ كۈنگىچە خىتايدىن ئېلىنىۋاتقان كرېدىتلار توغرىلىق خەلققە دۇرۇس ۋە تولۇق ئاخبارات يەتكۈزۈلمەي كەلەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىرسى توغرىلىق ئاخبارات بار. قەيەردە سېلىنىدىغان زاۋۇتقا قانچىلىك خىراجەت كېتىدۇ دېگەن. ئۇنىڭ تىزىمىمۇ ئېلان قىلىندى. ئەمما شۇ كۆرسىتىلگەن باھاغا ماس كېلەمدۇ ياكى يوقمۇ؟ بۇ يەنە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىن ئېلىنغان ھەر قانداق قەرز گۇمان تۇغدۇرىدۇ. سەۋەبى كىمگە پايدا، كىمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنى ئېنىقلاش ھاجەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇنداق قەرزلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. ھازىرقى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارىخورلۇق قازاقىستانغا زىيان بولمىسا، پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. خىتاي مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ كىمگە بەرگەن قەرزىنى كەچۈرمىگەن. بۇ قەرز يىغىلىۋېرىپ، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەرنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. قەرزنى دۆلەت ئۆز ئالدىغا، شەخسىي شىركەتلەر ۋە باشقىلار ئۆز ئالدىغا ئېلىشى مۇمكىن. شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ ئالغان قەرزى كۆپمۇ يا دۆلەتنىڭ كۆپمۇ، بۇنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر دۆلەت ئارقىلىق ئۆز بايلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قەرز ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېلىۋاتقان قەرزلىرى شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى قانچە كۈچەيتسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي سىياسىي شىرىكى بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىرلەشكەن لايىھەلەر ۋە كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك پروگراممىلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان مەملىكەت رۇسىيە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.