خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا باشلىق كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى، بۇنىڭ ئارقىسىدىلا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن بۇ جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، شۇنداقلا ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە ئومان قاتارلىق مەملىكەتلەرگە سەپەر قىلغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. ئۇلاردا خىتاي ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەۋقەلىرىمۇ بىر قەدەر يورۇتۇلغان.
بۇ سەپەر نېمىلەرنى كۆزلەيدۇ؟
رۇسىيەنىڭ «گازېتا رۇ» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ۋلادىمىر كۇلاگىننىڭ «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشلىقى يېقىن شەرق ئەللىرىگە سەپەر يۈرگۈزمەكتە. ئىتتىپاقداشلارنى سەپەرۋەر قىلىش» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ مەزكۇر سەپەردە رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بەش پرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرگەنىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىملەرنى يۈرگۈزۈشكە ھەمدە پارىس قولتۇقىدا بىخەتەرلىك بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيەنىڭ «ئالىي ئىقتىساد مەكتىپى» مىللىي تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋروپا ۋە خەلقئارا تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ خادىمى ۋاسىلىي كاشىننىڭ پىكرىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يېقىن شەرقتىكى رولىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، بۇ رايوندا خىتاينىڭ تەسىرى بولمىغان بىرمۇ مەملىكەت قالمىغانىكەن. خىتاي ھەربىي-تېخنىكىلىق ساھەدىمۇ چوڭ شېرىككەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىن شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرى خىتاي ئۈچۈن پەقەت ئىقتىساد جەھەتتىلا مۇھىم بولۇپ قالماي، بەلكى بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىكەن. ماقالە ئاپتورى بۇنىڭ بارلىقىغا خىتاينىڭ غەربىگە ئورۇنلاشقان شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ يېقىن شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمدى «نېزاۋىسىمىيا گازېتا» ناملىق يېڭىلىقلار تور گېزىتىدە بېرىلگەن ۋلادىمىر سكوسىريوفنىڭ «خىتاي ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرنىڭ تەشكىلاتىنى قۇرالامدۇ» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، دېموكراتىيەنى ئىنكار قىلىدىغان يەنە باشقىمۇ مەملىكەتلەردىن تەركىب تاپقان غەربكە قارشى بىر تەشكىلاتنى قۇرماقچىكەن.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى بويىچە كېڭىشىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال مۇنازىرە قوزغاپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەشلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، 80 دۆلەت خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانكەن. ئەمما ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشى يەنە بىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولماقچىكەن.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئالياسكادا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا قاتتىق زەربە ئېلىپ، يېقىن شەرق ئەللىرىگە زىيارەت باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ھازىر ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى بىر ئىتتىپاق تۈزۈش. ئالياسكادىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن ئۇچراشتى. سۆھبەت يېپىق بولدى. رۇسىيە 2014-يىلى قىرىمنى سىلىق كۈچ بىلەن قوشۇۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي تېز يېقىنلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ يارقىن مىسالى مۇشۇ ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى. كېيىنكى ۋاقىتتا رۇسىەنىىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خىتاي توغرىلىق خەۋەرلەر ھەممىسى ئۆزگەردى. پەقەت ماختاش. شۇنىڭغا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردە ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە خىتاي ئىنتايىن يېقىن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادە مۇھەممەت بىن سالمان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاينىڭ تىركىشىشىگە ھېچ قاچان يول قويمايدۇ دېگەن گەپنى قىلدى. بۇ ئۇتتۇر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىمايمىز، سېنىڭ قىلىۋاتقىنىڭ توغرا دېگەن گەپ.»
قەھرىمان غوجامبەردى بۇنىڭ ئارقىلىق خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران باشچىلىقىدا ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى ئۆزىگە ئىتتىپاقداشلارنى تاپقانلىقىنى، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا قارىمۇ-قارشىلىقلار بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى تۇرۇشتا ئۇلارنىڭ بىرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مەركىزىي ئاسىيا، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسى ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
«ئىزۋېستىيا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان كىرىل سېنىننىڭ «ئالدىراش دوست: خىتاي ۋە ئىران 25 يىلغا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر بولىدۇ» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەرتەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سالغان جازالىرى سەۋەب بولغانىكەن. نېفىت ۋە گاز ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ھەر ئىككى مەملىكەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىكەن. بولۇپمۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد قۇدرىتى ھېسابلايدىغان خىتاي ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولىدىكەن. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئىران-خىتاي بانكىنى قۇرۇپ، ئامېرىكا ئېمبارگولىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەشكە ھەمدە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كېلىشىۋاتماقتىكەن.
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، خىتاي باشقا مەملىكەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش مەقسىتىدە دائىم مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىپ كەلگەن ھەم ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى سىناقتىن ئۆتۈپ بولغانكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەسىر قىلىش ئۈچۈن دائىم مەبلەغ ۋە تېخنولوگىيەلەرنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ يول خىتاينىڭ كېلەچىكىنى تەمىنلىمەيدۇ، چۈنكى خىتاي بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىتىنى، يەنى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە باشقىمۇ رايونلاردىكى تەقىبلىرىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ھېچ كىم بىلەن دوست بولالمايدۇ. پەقەت ئەنە شۇنداق سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش ھاكىممۇتلەق، مونارخىيەلىك مەملىكەتلەر خىتاينى قوللىشى مۇمكىن. بۇلار خىتاي ئۈچۈن پەقەت خام ئەشيا يەتكۈزىدىغان مەملىكەتلەردۇر. ئۇلار ئىقتىساد جەھەتتىن مەلۇم بىر رول ئوينىشى مۇمكىن، لېكىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ئوخشاش دۆلەتلەردىن ئارقىدا قالىدۇ. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇرەسسەگە كېلىش يوللىرىنى ئىزدىگىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر شۇنداق بولمايدىكەن، خىتايغا قارشى جازالار يەنىمۇ داۋام قىلىپ، بۇ ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ خېلى ھالسىزلىنىشىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ھازىر مانا خوڭكوڭدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئاكتىپلارغا قارشى تەقىبلەشلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي جازالىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جازالارغا جازا بىلەن جاۋاب بېرىشى پەقەتلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.»
غالىم ئاگېلېئۇئوف رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا دائىم رىقابەتچىلىكنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭمۇ خىتاي ئۈچۈن خام ئەشيا مەنبەسىگە ئايلىنىپ، خىتايغا بىقىندا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەۋقەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ھالسىزلاندۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىن شەرقتىكى تەسىر دائىرىسى بىردەك بولماي، خىتاي بارلىق رايون ئۈچۈن چوڭ ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە شېرىكى، ئاساسىي ئېكسپورت ۋە مەبلەغ مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. رۇسىيەنىڭ سۈرىيە، سۇدان ۋە باشقا مەملىكەتلەر بىلەن ھەربىي-تېخنولوگىيەلىك ھەمكارلىقى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەسىرى خىتايغا قارىغاندا خېلى تۆۋەنكەن.