پاكىستاننىڭ «گۇۋادار كۈندىلىك خەۋەرلىرى»، «ئىسلامئاباد پوچتىسى» دېگەندەك قىسمەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى «پاكىستاننىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى» ناملىق مۇھاكىمە پائالىيىتى، ئىسلامئابادتىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
«راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، خىتايچە ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىماقتا» دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن سۈرەتلەر بىلەن تارقىتىلغان بۇ خەۋەرلەردىن، بۇ پائالىيەتنى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان راۋالپىندىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم. پائالىيەتتە خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى شى يۈەن چياڭ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرەگە بارىدىغان ئەركىنلىكى بار. خىتايدىكى مۇسۇلمانلار غەرب ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يامان غەرەزلىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى رەت قىلىدىغان دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەت مەنزىلىگە ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، رايوننىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ۋەھشىي باستۇرۇش قىلمىشلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن بېسىمغا قارشى ئۆز قىلمىشلىرىدىن تېنىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئاقلاش، جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شى يۈەن چياڭنىڭ بايانلىرىدىن، خىتاينىڭ پاكىستاندا تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيىتىنىڭمۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ئەيىبلىشىگە قارشى، پاكىستاندا تەشكىللىگەن ئاخبارات تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
ئۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى پەيتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى يەرلىكتىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆھمەت قىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ پاش بولۇشىغا قارىتا خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىنىمۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، «خىتايغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر قىسىم خەلقئارالىق كۈچلەر شىنجاڭدا قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا سەل قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنى ‹كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش› دەپ تەنقىد قىلدى» دېگەن.
ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ھەققىدىكى يالغان تەشەببۇسىنى قوللايدىغان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خىزمەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە تۆھمەت قىلدى.» دەپ جار سالغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يەنە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ «CPEC نىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ھەر ساھەدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يولغا قويۇشقا تەييارمىز» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.
يىغىندا X-خىتاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ناسىر خان، خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئەزىم خان، گۇرۇپپا باشلىقى سۇلتانا ھالى قاتارلىقلارمۇ بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان. مۇراسىم ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسى سۆزلىگۈچىلەرگە مۇكاپات تارقاتقان.
پاكىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خىتاينىڭ «شىنجاڭ» تەشۋىقات ئويۇنىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم تەنقىدلىنىپ كېلىنمەكتە.
پاكىستاننىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرىدىن «تېز يوللانما مۇنبىرى» گېزىتى (Express Tribune) ئۆتكەن ئايدا، ياۋروپادا چىقىدىغان «زىمىستان» تورى تەرىپىدىن، خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئۇلار، پاكىستاندا نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئەپكارى، دەپ قارىلىدىغان بۇ گېزىتنىڭ «بېيجىڭنى خۇشال قىلىشىنىڭ بىر چېكى بولۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ پاكىستاندا ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتى پاكىستان ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن ئاخبارات ۋە تېلېۋىزىيەلەردىمۇ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇر مۇناپىقلارنىڭ چىقىپ خىتاينى ئاقلىشى بەكمۇ نومۇس بىزگە» دەيدۇ ئۆمەخان ئەپەندى.
ئۆمەخان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئەلچىخانىسى، خىتايلىقلار جەمئىيەتلىرى ھەتتا قىسمەن خىتايپەرەس ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل ئاتالمىش مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت يىغىنلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ۋە پاكىستان بىلەن بولغان CPEC ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ كەلمەكتە. پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن راۋالپىندىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» تەڭ ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ نۆۋەتلىك تەشۋىقات مەيدانىدا راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
چۈنكى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، قولىدا ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىك ئىسپاتى بولمىغاچقا، راۋالپىندىدا ياشاۋاتقان 20 ئائىلە 100 چە ئۇيغۇر نىڭ پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغانىدى.
ئۆمەرخان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان «پاكىستاننىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى» ناملىق مۇھاكىمە پائالىيىتىگە، راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە بالىلىرىنى خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا-ئانا ھەم ئوقۇغۇچىلار بولۇپ خىتايغا مايىل 30 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانىكەن.
ئۆمەرخان ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە پاكىستان جامائىتى ئارىسىدا ئەندىشىلەر كۈچىيىشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ شۇ سەۋەبتىن تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجى تۇيغانلىقى ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى دەپ ئويلايدىكەن.
ئۆمەر ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا مەخسۇس ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پاكىستان جامائىتىنى خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان. ئۆمەرخان ئەپەندى ئوردۇ تىلىدا ھەمبەھرلىگەن بۇ ۋىدىيوسىدا بۇ ئۇيغۇرلارنى پاكىستاندا خىتاينى ئاقلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى چاقىرغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن ئىسلامئابادتىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇقەييۇم مەجىتكە ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى.
ئۆمەرخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلىرىدا نۆۋەتتە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پاكىستانغا يەرلەشكىنىگە 50-60 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ پاكىستان پۇقرالىقىغا ئېلىنمىغانلىقى ۋە دۆلەتسىزلىك كىرىزىسىدا تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى «خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ ئوخشىمىغان تاكتىكىلار ئارقىلىق مونوپول قىلىشى ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇلاھىزىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، قەشقەردىن پاكىستانغا تۇتىشىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا خىتاي غايەت زور مەبلەغ سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەپ داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستانغا ئوخشاش ئىسلام دۆلەتلىرىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.