خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى داۋالغۇشلار ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار (1)
2024.12.06
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر ۋە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.
27-نويابىر، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى لوۋى ئىنستىتۇتىنىڭ، ئاسىيە دۆلەتلىرى ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان «تەرجىمان» (Interpreter) تورىدا «پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى پەسكويغا چۈشۈۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ دوستى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار تەھلىل قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاكىستاندىكى بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى خىتاينىڭ شۇ جايدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، نەچچە مىليارد دوللارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئاستىلاپ قالغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېقىن مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە خەۋپكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر پاكىستان ھۆكۈمىتى بالۇچىستان قاتارلىق رايونلاردا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلىيەلمىسە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرى توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھالبۇكى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى 2 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، پاكىستان ئىقتىسادى ناچارلىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، پاكىستان-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەخسۇس خىتاي پۇقرالىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئىشلىتىشى، بالۇچىستاننى مەركەز قىلغان رايونلاردا زور نارازىلىق قوزغىغان. نەتىجىدە خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىشچىلىرىغا بولغان ھۇجۇملار بارغانچە كۆپىيىپ، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى پاكىستان ساقچىلىرى قوغدىمىسا بىمالال سىرتلارغا چىقالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا دېيىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پاكىستاندا «بىرلەشمە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى» قۇرۇش ۋە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرلىكتە قوغداش تەكلىپىگە قارشى چىققان بولۇپ، بۇمۇ پاكىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويغان.
خوڭكوڭدىكى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور غۇلام ئەلى 15-نويابىر «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سودا مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پاكىستان مۇقىمسىزلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. پاكىستان ئارمىيەسى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 15000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، مەسىلە ھەل بولمىدى. پاكىستاندىكى باج تاپشۇرغۇچىلار زور بەدەل تۆلەۋاتىدۇ» دېگەن.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى، پاكىستان تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەرنى نەقىل ئېلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشتا زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا پاكىستانغا 100 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنى كىرگۈزۈش تەلىپىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشقا يۈزلىنىشى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر زور ئوڭۇشسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن.
«خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 10 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ ۋە بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن، پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىشچىلارنىڭ سانى بۇ يىل 21 گە يەتكەن. 2024-يىل 3-ئاي ۋە 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا يەنە 7 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى.
يۇقۇرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلايسىلەر.