دوكتور ئەركىن ئەكرەم: «‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى› نىڭ نە ئۇيغۇرلارغا نە بەلۇجىستان خەلقىگە پايدىسى بولسۇن! »

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى «چاقماق خەۋەر مۇنبىرى» (Express Tribune) گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇست سانىدا پاكىستانلىق سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور تاسىف ئەخمەتخان (Tauseef Ahmed Khan) نىڭ «بەلۇجىستاننىڭ مەھرۇملۇق تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ» تېمىسىدىكى ئوبزورى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا گۋادار پورتىنىڭ ياسالغانلىقىغا قارشى بەلۇجىستان خەلقنىڭ نارازىلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان: «2013-يىلى پاكىستان خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى› پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش باشلىدى. بۇ پىلان بويىچە گۋادارنى قەشقەرگە تۇتاشتۇرىدىغان يول ياسالدى، گۋادارغا زامانىۋى پورت قۇرۇلدى، تېز سۈرئەتلىك يوللار ياسالدى. بىراق مۇستەقىل بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىش يەرلىك خەلقتە نارازىلىق پەيدا قىلدى.»

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۋادار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ھۈسەيىن ناقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇربات شەھىرىگە كىرگەندە ئون نەچچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن. ئاخباراتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بەلۇجىستان خەلقى گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا گۋادار پورتىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچى ۋە ئىنژېنېرلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن رايوندىكى خىتاي ئىشچىلارنى قوغداش ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى يوللارغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆتىدىغان ھالەت شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن يەرلىك خەلق بۇنىڭغا نارازى بولغان.

يۈك قاچىلانغان خىتاي پاراخوتى يولغا چىقىش ئالدىدا گۋادار پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدىن ئىلگىرى پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتىدۇ. 2016-يىلى 13-نويابىر، گۋادار
يۈك قاچىلانغان خىتاي پاراخوتى يولغا چىقىش ئالدىدا گۋادار پورتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدىن ئىلگىرى پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى قاراۋۇللۇق قىلىۋاتىدۇ. 2016-يىلى 13-نويابىر، گۋادار (AP/AP)

‹جامائەت ئىسلام پارتىيەسى› بەلۇجىستان شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ھىدايەت راخمان بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتتا «كۇھات ۋە جېھلوم رايونلىرىدىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ يەرلىك كىشىلەردىن سالاھىيىتىنى سوراقلاش ھوقۇقى يوق، ئائىلىمىز نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بېلىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىر بېلىقچىلارنىڭ گۋاداردا بېلىق تۇتۇشى چەكلەندى. بىراق چەتئەللىكلەر (يەنى خىتايلار) يۇقىرى تېخنىكىلار سەپلەنگەن زامانىۋى كېمىلەر بىلەن بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق دېڭىزنى خورىتىۋاتىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بەلۇجىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى بىر قىسىم قارارلارنى ئېلىشى بەلۇجىستاندا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. فېدېراتىپ ھۆكۈمەت يەرلىك بېلىقچىلارنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ بالوچىستاندا كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، بالۇچى ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشى، باشقا ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بالۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتىدىكى ناچارلىق دېگەندەك مەسىلىلەر بەلۇجىستان خەلقىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەھرۇملۇق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان.

«خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نامدىكى 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىقتىسادى كېلىشىمدە قەشقەرنى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا باغلاش مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، ھەرقايسى ئاخباراتلاردا بۇ ھال پاكىستان ئىقتىسادىدىكى تەرەققىيات سۈپىتىدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان. بىراق بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ پىلاننىڭ پاكىستاننى قەرزگە بوغۇشتىن باشقا بىر پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن بەلۇجىستان خەلقى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بالۇچى خەلقىگە ھېچقانداق ئىقتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا گۋادار پورتى قۇرۇلۇشىغا قاتتىق نارازى بولۇپ كەلگەن.

خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» ۋە گۋادار پورتىغا بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا بەلۇجىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى
46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى (AFP)

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى بەلۇجىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە ئېغىر بېسىم، دەپ قارىلىدۇ. خىتاينىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشىدىكى قەشقەرنى گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان ‹يېڭى يىپەك يولى› نى ياسىشى بەلۇجىستانلىقلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەن. ئەكسىچە ئۇلار بۇ يولنى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بەلۇجىستان خەلقىنىڭ قېنىنى شورايدىغان ۋە ئۇلارنى ئېزىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بەلۇجىستان خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرىدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردىن باشلىنىپ پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان رايونى ئارقىلىق گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان قورۇقلۇق يولى خىتاي ئۈچۈن بەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خىتاي بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز يولى ئارقىلىق مال يۆتكىگەندە مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بوغۇزنىڭ چوققىسىدا سىنگاپور بولۇپ، ئۇ يەردە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردىن ئۆتۈش خەتەرلىك بولغان ئەھۋالدا گۋاداردىن بىۋاسىتە قەشقەرگە تۇتىشىدىغان يولنى ئىشلىتىش مالاككا بوغۇزىدىن كېلىدىغان خەتەردىن قۇتۇلۇشقا يول ئاچىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن گۋادار پورتى خىتاي ئۈچۈن ھىندى ئوكياندىكى مۇھىم بىر بازا ھېسابلىنىدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قەشقەر-گۋادار قورۇقلۇق يولى پۈتكەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق پايدىسى بولمايدىكەن، يەنى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نە ئۇيغۇرلارغا نە بەلۇجىستانلىقلارغا ھېچ قانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىكەن.

نۆۋەتتە «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشى بىر قاتار ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر قاتار «ماي تارتىشىپ قېلىش» ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ چەتئەلدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشىدىكى مۇھىم يول، دەپ قارىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ غوللۇق تەركىبى قىسىملىرىدىن بولغان بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.