ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «2022-يىللىق مۇھىم ئىسلاھات نۇقتىلىرى» دا، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى جەھەتتە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىش» پىلانى كۆرسىتىلگەن.
«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن بۇ شوئار 2020-يىل 9-ئايدا ئېچىلغان «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش» نى، «ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى»، يەنى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيەتىگە، خىتاي كومپارتىيەسىگە تەۋە بولۇش ئېڭىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ فېئودالىزم بىلەن كوممۇنىزم بىرلەشكەن قالاق مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن بۇ يېتەكچى ئىدىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە«شىنجاڭنى تۈزەش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، «ماركىسىزم مەدەنىيىتىنى شىنجاڭدا نامايەن قىلىش ۋە قوللىنىش، مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش» تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىساد گۈللەنگەن تەقدىردىمۇ مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولالمايدىكەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە، ئۇيغۇرلارنى باي قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ «مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان ۋەزىيىتى» نى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئارقىلىق بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ قەلبىنى خىتايغا مۇجەسسەم قىلىش، ئۇلارغا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئايرىم تىلى، مەدەنىيەتى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىپ، ئورتاق خىتاي ئېڭى ۋە سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى زاكارى كۇپېر (Zkachary Cooper) خىتاي ئىقتىسادى چېكىنگەنسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا «ئۆزى ياتنىڭ كۆڭلى يات» دەيدىغان بىر گەپ بولۇپ، ئۇلار شۇ ئاڭ بويىچە باشقا مىللەتلەرنى يەكلەپ كەلگەن ياكى ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا كۈچەپ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭى» نى بەرپا قىلىشنى مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ كەلگەنىدى، 2020-يىل «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر سىياسىتى، «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ، بىر قاتار ئىسلاھات پىلانلىرى تۈزگەن. جايلاردىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى»نىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئورۇنلاشتۇرغان 129 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئىچىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە، ئائىللەرگە، مەھەللىلەرگە، ئالاقە تورىغا، ئەڭ ئاخىرىدا كاللىغا كىرگۈزۈپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېگەن نۇقتىلار ئورۇن ئالغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەشۋىقاتلىرى سۆز ئوينىتىشقا ئۇستا بولۇپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللىتىنى، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دېگىنى خىتاي مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر ساھەدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ مىللىي ئېڭى، دىنىي ئېڭى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئېڭىنى يوقاتماقچى، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ماركىسىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرمەكچى بولغان. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەبىئىتى، مۇسۇلمانلىق ئېڭىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئېڭى ۋە پارتىيەنىڭ «قىزىل گېنى» نى ئالماشتۇرماقچى بولغان.
ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دەررېن بايلېر (Darren Byler) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى، بىڭتۇەننىڭ بۇنىڭدا ئالاھىدە رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «بۈگۈنكى كۈندە مەۋجۇتلۇقى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىپ قويارمۇ؟» دېگەن ئەندىشىگە قارىتا كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە خىتايدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ قالاق مەدەنىيەتكە ئۇنداق ئاسان ئاسسىمىلاتسىيە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەمدە 2035-يىل خىتاينى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يول خەرىتىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 9-نۆۋەتلىك 11-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش» پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقى ئېغىر خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى قولىغا ئېلىپ، مەدەنىيەتتە قايتا گۈللىنىش پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكانقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەھەللىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.