ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سېكرىتارى چېن چۈەنگو كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈي ئالماشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، بۇ رايوننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد ۋە قاتناش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى داۋاملىق ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي باشلىقلىرى ئالماشقاندىن كېيىن، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات تەڭ تەكىتلىنىۋاتقان، بەزى جەھەتتە قىسمەن يۇمشاش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، تۈپ سىياسەتتە ئۆزگىرىش يوق ئىكەن.
3-ئاپرېل كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇمىييۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق مۇھىم خىزمەت نۇقتىلىرى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «يۈقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى، بىڭتۇەن ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى» قاتارلىق 7 ساھە، 32 تەرەپتە 100 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» نىڭ ئىقتىساد رايونىغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى بولۇپ، «بۇنىڭ كاپالىتى سىياسىي مۇقىملىق» دەپ قارالغان ھەمدە «مۇقىملىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، سىياسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا تايىنىپ جەمئىيەتنى تۈزەش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش» قاتارلىق سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكادىكى كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئاندرېس كور ئەپەندى بىزگە ئېلخەت بىلەن قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ نېمىشقا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ ئىسلاھات سىياسىتىدىن قارىغاندا، خىتاي ئالىقاچان مەۋجۇت بولمىغان تېررورلۇقنى تۇتقا قىلىپ، ئاتالمىش ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› سىياسىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان مەقسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېنىقلىما بەرگەن تىبەتلەرگە ۋە فالۇنگۇڭچىلارغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن قاتتىق جازالاش كېرەك».
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش» دېگەن سىياسىتىنىڭ تىپىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنى يا خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش ياكى تېررورلۇققا باغلاپ يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى باستۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» دېگەن بۇ سىياسىتىمۇ «تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى» نى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «ئەرەب ئىسلامى، خىتاي ئىسلامى» دەپ ئىككىگە بۆلۈشتەك ھىيلىسى ناھايىتى خەتەرلىكتۇر.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى «شىنجاڭ ئىسلاھاتى» پىلانىدا يەنە ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە بىڭتۇەن ئورۇنلىرىنى ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش سىناق نۇقتىسى، قورغاس شەھىرى تاشقى سودا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى، قاراماي شەھىرى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «رەقەملىك تېخنىكا شەھىرى» قىلىشنىڭ سىناق نۇقتىسى، سانجى ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغارنى گۈللەندۈرۈش سىناق نۇقتىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى بازارلاشقان، قانۇنلاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ سىناق نۇقتىسى، قومۇل شەھىرى ئېنىرگىيەدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سىناق نۇقتىسى، قەشقەر ۋىلايىتى ئىقتىسادىي رايون ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سىناق نۇقتىسى، خوتەن ۋىلايىتى ھەر قايسى يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگىچە ئىش بېجىرىش تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىنماقچى ئىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، «بەزى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىكنى قوغدىغان ئاساستا جىددىي ۋە مۇھىم بولغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىش» ئۈچۈن ئىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ ئىسلاھاتلار تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا خىتاينىڭ «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكى» نى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.