موڭغۇل تەتقىقاتچى ياڭ خەييىڭ :« خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەنى خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئاستىرتتىن قوللايدۇ»
2023.09.25

يېقىندا ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» تورى «خىتاي بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، شۇنداقلا موڭغۇللارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نىشان ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار ئاساسلىق تېما قىلىنغان.
ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى ( Shizuoka University) نىڭ ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ياڭ خەييىڭ ئەپەندى بۇ ماقالىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
« ھازىر خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسەت يالغۇز شىنجاڭ يەنى شەرقىي تۈركىستانغىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنى يوق. خىتاي مۇشۇ 9-ئايدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇلدا پۈتۈن ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى موڭغۇل تىلىدا ئۆتۈشنى توختاتتى. مانا بۇنىڭ ئۆزى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ . خىتاي ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئاساسىي قانۇنلىرىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن ‹ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ› دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ نەقەدەر ئەۋزەل ئىكەنلىكى ۋە زور تەرەققىياتلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بار كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇ سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تىبەتتىمۇ يۈز مىڭلىغان ۋە مىليونلىغان بالىلارنى لاگېرلارغا، ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ بالىلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تىبەت تىلىدا، ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. مانا بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولماي نېمە؟ بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. »
دەرۋەقە «ئىقتىسادشۇناس» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە» ناملىق ماقالىدە، موڭغۇل تىلىنىڭ خىتايدا يوقىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەرگىزمۇ تەبىئىي يۈز بەرگەن ئىش بولماستىن، بەلكى 3 يىل بۇرۇنلا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلدىكى مەكتەپلەردە بەزى دەرسلەرنىڭ خىتايچە (پۇتۇڭخۇا، يەنى ئورتاق تىلىدا) ئۆتۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلگەن. مەزكۇر ماقالىدە، ئەينى چاغدا ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل ئاۋام خەلقنىڭ بۇ سىياسەتكە قارشى قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغالغىنىغا پەرۋا قىلماستىن، خىتاينىڭ بىر يىلدىن كېيىن قانۇن چىقىرىپ، موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا (موڭغۇل تىلىدا) دەرس ئۆتۈشكە يول قويۇش بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ياڭ خەييىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا، خىتاينىڭ 10 يىل داۋام قىلغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى موڭغۇللارنى يوقىتىش ۋە موڭغۇللارغا ئېلىپ بارغان ئاسسىمىلياتسىيە ئويۇنى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى موڭغۇللارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى :
«1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان ئون يىللىق ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› مەزگىلىدە، خىتاي ئىچكى موڭغۇلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئۇ ۋاقىتتا بىزدە بىر يېرىم مىليون موڭغۇل بار ئىدى. ئۇلار 340 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى. ئۇنىڭ ئىچىدە كېيىن 110 مىڭ كىشى مېيىپ بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ 27 مىڭ 900 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئۆلتۈرگەنلىرى بۇنىڭدىن كۆپ. مەسىلەن، خىتاينىڭ دېگىنىدەك ، 27 مىڭ 900 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى بىر يېرىم مىليون نوپۇس بىلەن نىسبەتلەشتۈرگەندە، ھەر 50 ئادەم ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بەلكى، 1971-يىلىنىڭ ئالدى كەينى بولۇشى مۇمكىن. ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتىكى، ئوتلاقتىكى ھەر بىر موڭغۇل ئائىلىسىدە ئاتا، ئەر كىشى يوق دېيەرلىك بولۇپ، پەقەت ئاياللار ۋە بالىلارلا بار ئىدى. ئائىلىمىزدىمۇ شۇنداق بولغان. شۇڭلاشقا، ئەينى چاغدىكى ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر شىنجاڭدىكى يەنى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ھازىر بارلىق ئەرلەر دېگۈدەك لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي مۇھەببىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە سىڭدۈرۈشكە باشلىدى. مانا مۇشۇنىڭدەك ئەھۋاللار بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش. مانا بۇلار ئۆتكەن ئون يىلدا ئىچكى موڭغۇلدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. »
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇردى؛ ئىچكى موڭغۇلدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرغاندەك، ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىللىق مائارىپنى دەسسەتتى؛ مۇشۇنداق بىر قاتار سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى، جۈملىدىن ئىچكى موڭغۇل، تىبەت رايونىنى خىتايلاشتۇرۇش، بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورى، سىياسىي ئانالىزچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىش، ئۇلۇس دۆلەت قۇرۇشنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.
ئۇ يەنە، «ئۇلۇس» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ خىتايدا باشقا، خەلقئارادا باشقا مەنىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى خەتەر ئاستىدا قالدى. مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، موڭغۇل تىلىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش ئارقىلىق بىر دۆلەت كىملىكى يارىتىش، ھەممە ئادەم خىتايچە سۆزلەيدىغان ئۇلۇس دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ئىكەن.
ياپونىيەدىكى موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس، پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەيلى ئۇيغۇرلارغا ياكى موڭغۇللارغا بولسۇن، بۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا پۈتۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، جۈملىدىن بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۈچى ۋە قولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بۇلارغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. چۈنكى، ئەينى چاغدا ناتسىستلار يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغاندىمۇ ئۇنى يالغۇز گىتلېر ئەمەس بەلكى بارلىق گېرمانلار بىرلىشىپ قىلغان ئىدى. مەسىلەن، ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇلدىكى قىرغىنچىلىقنىمۇ ماۋزېدۇڭ ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىمۇ شى جىنپىڭ ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە، بارلىق خىتايلار بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. مەيلى خىتاينىڭ تىلەمچسى ياكى سەرخىللىرى بولسۇن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنى كۆرسە خوش بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى، موڭغۇللارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىشتا ئورتاق يولدا ماڭالايدۇ ۋە ھەر ۋاقىت بىرلىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، مەن ئامېرىكىدا ياكى خىتايدا ئۇقۇمۇشلۇق، كاللىسى ئوچۇق خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن. ئەمما، شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، بۇ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك!»