سوت ھۆججەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي زاتلارنى جازالاشتا قانۇننى كەينىگە قايتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان

0:00 / 0:00

نۇرلان پىئونېر ئالتاينىڭ جېمىنەي ناھىيەسىدە ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان، كېلىشكەن، قامەتلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، قۇرئان ئايەتلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق خەتمە قىلىش، تەبلىغ قىلىش بىلەن قازاق ئېتىقادچى ئاممىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. نۇرلان پىئونېر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى دىنىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدا تەلىم ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز جامائىتى ئىچىدىكى ياشلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇش، مېيىت ئۇزىتىش، خەتمە توي، ئائىلىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇش، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش، ياشلارنى تۇرمۇشقا يېتەكلەشتە ئۆزىنىڭ دىنىي زاتلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدىلا 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان نۇرلان پىئونېر، چوڭ تۇتقۇننىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، 2017-يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىدۇ. 2018-يىلى 8-ئايدا، جېمىنەي ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغاندا، ئىلگىرىكى كېلىشكەن، قامەتلىك سۆلىتىدىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغان، بوغۇملىرى پالەچ بولۇپ قالغان نۇرلان پىئونېر، سوتقا ھەتتا ئۆزىنىڭ تەرىتىنىمۇ كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋالدا ئېلىپ چىقىلغانىدى. ھالبۇكى، نۇرلان پىئونېر خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇن زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالغان مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق دىنىي زاتلىرىنىڭ پەقەت بىرىلا ئىدى.

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى 36 ياشلىق دېھقان تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر.
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى 36 ياشلىق دېھقان تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر. (XinjiangPoliceFiles/xinjiangpolicefiles.org)

كانادالىق ئانتروپولوگ، «تېررورلۇق كاپىتالىزىمى: ئۇيغۇرلارنىڭ مۈلۈكسىزلەشتۈرۈلۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، كانادا سايمون فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دەررېن بايلېر (Darren Byler)نىڭ «خىتاي ئارخىپى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتى، جېمىنەي ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ نۇرلان پىئونېر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. دەررېن بايلېرنىڭ «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ دىنىي زاتلارنى جىنايەتچى دەپ جازالاشتا قانۇننى كەينىگە قايتۇرۇپ ئىشلىتىشى» ماۋزۇلۇق تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، جېمىنەي ناھىيەلىك سوتنىڭ ھۆكۈمى، ئۇنىڭ نۇرلان پىئونېرغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىكى مەنتىقىنى تەپسىلى ئېچىپ بەرمەكتە ئىكەن. دەررېن بايلېر، نۇرلان پىئونېرنىڭ سوت ھۆكۈمى ئۇيغۇر دىيارىدا نورمال دىنىي ئىبادەتنىڭ جىنايەت ھېسابلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن تەپسىلى ھۆكۈمەت ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، جېمىنەي ناھىيەلىك سوتنىڭ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشتا ھەرقانداق ۋاستىنى مەنتىقىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل مەنتىقە ۋە بۇ خىل باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا سىياسى نىشانغا يېتىش ھەققىدە ئۈزلۈكسىز قاتتىق بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇرۇن قوبۇل قىلىنمايدىغان ياكى بىنورمال دەپ قارالغان ۋاسىتىلەرنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئالتاينىڭ جېمىنەي ناھىيىسىدە جامائەتنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن دىنىي زات نۇرلان پىئونېر.
ئالتاينىڭ جېمىنەي ناھىيىسىدە جامائەتنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن دىنىي زات نۇرلان پىئونېر. (A’ile-tawabi’atliri teminligen)

مايا ۋاڭ 19-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ خىل خاھىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى گۇمانخورلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ رادىكاللىق بىلەن نورمال دىنىي ئىبادەتلەرگە بىردەك مۇئامىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نەتىجىدە ھۆكۈمەت ئىماملىرىنىڭمۇ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھۆكۈمەت ئىمامى بولغان بۇ كىشىنىڭ قانۇنسىز ئىمامغا ئايلىنىپ، 20 يىلدەك كېسىلگەنلىكى ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆردۇق».

جېمىنەي ناھىيەلىك سوتنىڭ ھۆكۈمىدە نۇرلان پىئونېر، ئادەم توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش»، «رادىكاللىقتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»،«رادىكاللىق ۋە تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان قانۇنسىز ماتېرىياللارنى ساقلاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نورمالدا سوتنىڭ ھۆكۈمىنى «مۇقىملىق ئۈچۈن پايدىسىز»دەپ مەھبۇسنىڭ ئائىلىسىگە بەرمىسىمۇ، لېكىن نۇرلان پىئونېرنىڭ سوت ھۆكۈمىنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بەرگەن. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا نۇرلان پىئونېرنىڭ سوتىغا قاتناشقان قېينسىڭلىسى شولپان (چولپان) ئېمىرخان، سوتنىڭ ھۆكۈمىنى چېگرادىن ئوغۇرلۇقچە قازاقىستانغا ئېلىپ چىققان. دەررېن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرلان پىئونېرنىڭ دېلوسى خىتاي تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرىنىڭ بۇرۇن دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، ئەمدى «رەزىل شايكىلارنىڭ ھەرىكىتى» دەپ قايتا باھالىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

2019-يىلدىن بېرى قازاقىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلپىيە قازىبېك، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئەۋلىيا يېزىسىدا پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن سابىق ھۆكۈمەت كادىرى. ئۇنىڭ 19-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنى بۇرۇنقى دىنىي پائالىيىتى ئۈچۈن جازالاش ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلانغان ئىكەن. گۈلپىيە قازىبېك، كىشىلەرنى تىزىملاشنىڭ 2014-يىلى باشلانغانلىقىنى، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ شۇ تىزىملىككە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېمىنەي ناھىيەلىك سوتنىڭ نۇرلان پىئونېر توغرىسىدىكى ھۆكۈمىتىدە نۇرلان پىئونېر بىلەن بىرگە توختى ئىسلام ئىسىملىك ئۇيغۇر كىتابچىغا ئائىت دەلىللەرگە ئورۇن بېرىلگەن. ھۆكۈمدە قەيت قىلىنىشىچە، نۇرلان پىئونېر بىلەن توختى ئىسلام ئىككىيلەن جەمئىيەتتىكى نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ ئاتالمىش «رادىكاللىق» نى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن. دەررېن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ مۇھىمى بۇ ھۆكۈم ئىلگىرى «جىنايەت» بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئەمدى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، قانۇننىڭ كەينىگە قايتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ھالبۇكى، نۇرلان پىئونېرنىڭ دېلوسى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان باستۇرۇشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن شۇ خىل كىشىلەرنىڭ تىپىك بىر مىسالى خالاس. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى 36 ياشلىق دېھقان تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى، 38 ياشلىق مەمەتجان ئابدۇقادىر ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى. خىتاينىڭ قەشقەر «كونا شەھەر ھۆججەتلىرى»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر 2008-يىلى «ناماز قائىدىسى» ناملىق دىنىي كىتابنى 3 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن 2017-يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 8-ئايدا 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاكىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر «دىنىي رادىكاللىقتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق كېسىلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىنى ئوقۇماقتا. 2029-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىنى ئوقۇماقتا. 2029-يىلى 12-مارت، بېيجىڭ. (AP Photo/Andy Wong)

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنى جازالاشتا جىنايەتنىڭ ئەمەلىي ۋە كونكرېتلىق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي قانۇنىنىڭ مۈجمەل نۇقتىلىرىدىن پايدىلانغان. مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ:«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ياكى قانۇنلار ئومۇمى جەھەتتىن، ھەر قانداق بىر قىلمىشنىڭ ‹جىنايەت› ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كونكرېت بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا كىشىلەرگە نېمىنى قىلالايدىغانلىقى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى، ئۇنىڭ سىرتىدىكى قىلمىشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلىشى، بۇنىڭغا تەپسىلى ئېنىقلىما بېرىلىشى، خەلقنىڭ بۇنى چۈشىنىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئوخشاش جايلاردىكى دەپسەندىچىلىك ھەرىكىتى جىنايەت ئۇقۇمىغا تېخىمۇ كەڭ ھەم مۈجمەل تەبىر بېرىپ، ئادەتتىكى ھەرىكەتلەرنى جىنايەتلەشتۈرمەكتە.»

دەررېن بايلېرنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار باشلانغان 2017-يىلىدىن 2022-يىلغىچە 615 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سوتلانغان ئىكەن. دوكلاتتا، 2017 يىلدىن بۇرۇن يەنى 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 41 مىڭ 700 كىشى سوتلانغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ 2017-يىلى 220 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىللاردىن 437 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دەررېن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلى خىتاي بويىچە بىر مىليون 450 مىڭ ئادەم سوتلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ 1.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن شۇ يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا سوتلانغانلار خىتايدا سوتلانغان ئومۇمى كىشىلەرنىڭ 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان ئىكەن.