ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلىدىن بېرى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەخمىنەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن كېسىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 14-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«شىنجاڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 232 مىڭ 524 نەپەر. بۇ رەقەم 2019-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى شىنجاڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭى رەسمىي جازا ھۆكۈملىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىغانىدى. ئەمما شىنجاڭ يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2022-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2017-يىلدىن باشلاپ رايوندا جەمئىي 540 مىڭ 826 كىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى قەيت قىلغان. خىتايدا سوتلانغانلارنىڭ كېسىلىش نىسبىتىنىڭ 99 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ 540 مىڭ 826 كىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېسىلگەن بولۇشى مۇمكىن».

2017-يىلىدىن بۇيانقى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان كىشىنىڭ ئۆزىلا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ۋە ئادىل بولمىغان سوت تەرتىپىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ سوتقا بارماي تۇرۇپ كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«قولىمىزدا بولغان ئىسپاتلار بىزگە بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئادىل بىر سوت تەرتىپى بويىچە سوتلانمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك، ‹ئۇيغۇر شاھىتلار ئارخىپى› (Xinjiang Victims Database) ناملىق تەشكىلات قولغا چۈشۈرگەن بىر قىسىم ئىسپاتلاردىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ نورمال سوت ئېچىلىش، سوتتا ئادۋوكات تۇتۇش، ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، سوتقا بارماي تۇرۇپ سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىلا كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. يۇقىرىدىكى رەقەمدىن قارىغاندىمۇ بۇ كىشىلەر ئادىل ۋە نورمال سوت تەرتىپى بويىچە سوتلانمىغان، ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بېرىلمىگەن».

دوكلاتتا يەنە يۇقىرىدىكى بۇ كېسىلگەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يەنى 540 مىڭ 826 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:

«شىنجاڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغان مەزگىلىدىكى رەسمىي ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان. 2017-يىلدىن ئىلگىرى، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ تەخمىنەن %10.8 ى بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2017-يىلىدىن كېيىن 5 يىلدىن يۇقىرى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار %87 نى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا يۇقىرىدىكى كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھېلىھەم قاماقتا يېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىللىق قولغا ئېلىش ۋە ئەيىبلەش سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكى باستۇرۇشلار باشلانغاندا رايوندىكى يىللىق قولغا ئېلىش ۋە ئەيىبلەش سانلىق مەلۇماتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %96 ۋە %59 ئۆرلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار بولسا 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا باستۇرۇش كۈچەيگەندىن كېيىن شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 2020- ۋە 2021-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بىر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا يۇقىرى ئىكەن.

مايا ۋاڭ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋامىدا بۇنچە كۆپ ئادەمگە سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ كېسىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقاندەك كۆرسەتمەكچى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنى سوت ھۆكۈمى بىلەن كېسىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەيىبلەشلەر كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر ياقتىن كىشىلەرنى سوتلاش ۋە كېسىش 2017-يىلىنىڭ بېشىدىلا باشلانغان بولغاچقا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى بولۇشىمۇ مۇمكىن».

مايا ۋاڭ دوكلاتتا يەر ئالغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئادەملەرنى رەسمىي سوتلاش ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ياپماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ئىسپاتلاپ بەرمەكتە» دەپ تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى خىتاي قانۇنلىرىدا جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كېسىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلىپ، ئادىل سوت قىلىش ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە رەت قىلدى. . . . ھۆكۈمەت دائىم سىياسىي دېلولاردىكى گۇماندارلارنى بارلىق قوغداشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بولۇپمۇ ساقچى، تەپتىش ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەيدىغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېخىمۇ شۇنداق.»

مايا ۋاڭ ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرگە سوت ھۆكۈمى بويىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرماسلىقى، مەيلى لاگېردىكىلەر بولسۇن، مەيلى كېسىلگەنلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز بولغان لاگېرلارنى ئېچىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم كىشىلەرنى لاگېردىن چىقاردى، بىر قىسىملىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكىدى، بىر قىسىملىرىنى بولسا كەستى. بۇ يەردە خەتەرلىك بولغىنى، قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلارنىڭ ئاتالمىش قانۇن قالپىقى ئاستىدا كېسىلگەن بولۇشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ داۋاسىنى قىلىشىنى ئاستىلىتىپ قويۇشى مۇمكىن. كېسىلگەنلەرنىڭ ئاتالمىش قانۇن بويىچە كېسىلگەن بولۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم قىلىشتىن توختىتىپ قويۇشى مۇمكىنچىلىكى بار. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، مەيلى بۇ كىشىلەر لاگېرلاردا بولسۇن ياكى تۈرمىدە كېسىلگەنلەر بولسۇن، ئاقىۋەتتە ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى تۈپەيلىدىن ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك».

دوكلاتتا ئەسكەرتىلگەن مۇھىم نۇقتا بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېرىم مىليوندىن ئارتۇق سوتلانغان ۋە كېسىلگەن ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدا «قايتا تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇننىڭ قايسى دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، ب د ت كىشىلىك ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان.