خىتاي قازاقىستانغا ھەربىي ئارىلىشىشنى قوللاپ، بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش تەكلىپى سۇنغان

0:00 / 0:00

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا پارتلىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە نارازىلىقنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشىنى قوللىغان. 2-يانۋار قازاقىستاندا پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى رىقابىتىگە ئائىت سوئاللارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ قوشۇن كىرگۈزۈشىنى قوللىشى، شۇنداقلا قازاقىستانغا بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش، «تاشقى كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش تەكلىپىنى سۇنۇشى دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ سۆزلەرنى 10-يانۋار رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇقتەر تىلۇبەردى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئېيتقان. ۋاڭ يى لاۋروف بىلەن سۆزلەشكەندە، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ «قازاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش» ئالدىنقى شەرتىدە ئۇنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ قازاقىستاندا مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئ‍ىجابىي رول ئوينىغانلىقى»، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «رايوندا قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش پارتلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى» نى ئېيتقان. ۋاڭ يى شۇ كۈنى يەنە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇقتەر تىلۇبەردى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا قازاقىستان بىلەن «قانۇن ئ‍ىجراقىلغۇچىلار بىلەن بىخەتەرلىك» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى، «تاشقى كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇقتەر تىلۇبەردى خىتاينىڭ تەكلىپىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ تۇرۇشنى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى بىرگە كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن بەزى قازاقىستان زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، توقايېفنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدىكى دۆلەتلەر قىسىملىرىنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلىشى ئۇلارنى ئ‍ۈمىدسىزلەندۈرگەن. قازاقىستاندىكى «خەلقئارا قانۇن تەشەببۇسى ئىنستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى، ئادۋوكات ئاينا سورمانبايېۋا 12-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئاينا سورمانبايېۋا مۇنداق دەيدۇ: «رۇسىيە قىسىملىرى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرگەن ئەھۋالدا بىز كېلەچەككە ئۈمىدۋار قارىيالمايمىز. بۇ بىر ئىشغالىيەت، بىر تاشقى ئىشغالىيەت. توقايېف (قازاقىستان) جەمئىيىتى ياكى خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەسلىھەتىنى ئالماي رۇسىيە قىسىملىرىنى چاقىرتىپ كەلدى. ياق، ئۇ قازاقىستان پارلامېنتىنىڭمۇ ماقۇللىغىنى ئالمىدى. ئۇ ئاتالمىش كوللېكتىپ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئ‍ۆز ئالدىغا چاقىرتىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ قانداق كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭدا رۇسىيە قىسىملىرى ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان قىسىملىرى ناھايىتى ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. قېنى كۆرىمىز. بۈگۈن بۇ قىسىملارنىڭ ئەتىدىن باشلاپ چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. قېنى بۇنىمۇ كۆرىمىز».

خىتاي رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا ئارىلىشىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ يەنىلا مەۋجۈتلۇقى، قازاقىستان كرىزىسىدا رۇسىيەنىڭ ئۈستۈنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكادىكى خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتچىسى، كور ئانالىز ئورنى ۋە «سىياسىي خەۋپ» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كور 12-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئاندېرس كور مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن رۇسىيە مول نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس ۋە ئۇران مەنبەسى بولغان قازاقىستاندا تەسىر كۈچى تالىشىۋاتىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئ‍وتتۇرىسىدىكى قازاقىستان، رۇسىيەنىڭ بىردىن بىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىش دەرۋازىسى. بىردىنبىر دەرۋازىسى. قازاقىستان يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ پايدىلىق بازىرى. 2019-يىلى رۇسىيە قازاقىستانغا 14 مىليارد دوللارلىق، خىتاي 10 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت قىلغان. قازاقىستاندىكى رۇسىيە قوشۇنى موسكۋانىڭ بۇ دۆلەتتىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ ھەم ئۇنى قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ».

لېكىن ئاندېرس كورنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر رۇسىيە ئۈستۈنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي زور ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ، رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننى ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا بويسۇندۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاندېرس كور: «رۇسىيە ئەسكىرى قوشۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۈستىگە مىنىشى، شۇنداقلا بېيجىڭپەرەس بولغان كەرىم مەسىموفنىڭ قولغا ئېلىنىشى موسكۋانىڭ ھازىرچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك يەنىلا مەۋجۇت. ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، خىتاي بەلكىم غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، موسكۋانى، جۈملىدىن قازاقىستاننىمۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە بويسۇدۇرۇشى مۇمكىن».

لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستان ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشىدىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى پايدا ئالغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىدا 11-يانۋار ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا مۇداخىلە قىلىشى، رۇسىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىن كۆپرەك ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەھكەملىكىنى نامايان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە، رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا مۇداخىلە قىلىشى «خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى توسىدۇ، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك رولىنى ئىسپاتلايدۇ، دېيىش قىسمەن توغرا» بولسىمۇ، بىراق «قازاقىستاندىكى ۋەقەلەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىرىدە پارچىلىنىش پەيدا قىلمىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆتكەن ھەپتە پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى «تاشقى كۈچلەر» گە باغلاپ، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتىنى ياردەمگە چاقىرغان. بۇنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى قوراللىق قىسىملىرىنى قازاقىستانغا كىرگۈزگەنىدى.

قازاقىستان «خەلقئارا قانۇن تەشۈببىسى ئىنستىتۇتى» دىكى ئاينا سورمانبايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قالايمىقانچىلىق تىنچلانغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن جىددىي ئىكەن. ئۇ، بولۇپمۇ پرېزىدېنت توقايېفنىڭ قوراللىق قىسىملارغا «ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئوق چىقىرىش» بۇيرۇقى بېرىشى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتىكەن.

ئاينا سورمانبايېۋا مۇنداق دەيدۇ: «جىددىي ھالەت ۋەزىيىتى ۋە ئاگاھلاندۇرماي ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى كوچىغا چىققان كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كېچىسى كوچىغا چىققانلارغا جىددىي خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە كېچىسى سائەت 11 دىن ئەتىسى ئەتىگەن 7 گىچە تالاغا چىقىشقا بولمايدۇ. ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئېتىشىش توختىدى. لېكىن ھازىرقى ئاساسلىق خەۋپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي ئوق چىقىرىش بولۇپ قالدى. نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ئ‍ۆلدى. قانچىلىك كىشىنىڭ ئ‍ۆلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. تۇتقۇنلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئېيتىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بېرىلمىدى».

ئاينا سورمانبايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ن ك ۋ د نىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقتىكەن.

ئۇ: «ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەي تۇتۇپ تۇرۇش خەلقئارا ئ‍ۆلچەملەردە قىيىن-قىستاقتۇر. ھالبۇكى، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر تىنچ نامايىشچىلار بولۇپ، ئۇلار باشتا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى نامايىشلاردا تىنچلىق بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ساقچىلار ئۇلارغا ئ‍وق چىقىرىشقا باشلىدى. ساقچىلار ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىپ، كىشىلەرنى ئ‍ۆلتۈردى……. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ن ك ۋ د ھەم ك گ ب نىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلىدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ يى مۇقتەر تىلۇبەردى بىلەن سۆزلەشكەندە يەنە قازاقىستاننىڭ قازاقىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ: «بىز بىرلىكتە رەڭلىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز ھەمدە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىگە بىرلىكتە قارشى تۇرىمىز. خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە قازاقىستاننىڭ قازاقىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.