خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن قازاقىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم-جۇمارت توقايېف ۋە قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان جاقسىلىكوف بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش ۋە «ئەمەلىي ھەربىي ھەمكارلىق» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان ۋە خەلقئارادا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ۋەزىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى ھەم تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتى بىلەن بۇ كېلىشىمنى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«ئاستانە ۋاقتى» (The Astana Time) ۋە «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 24-ئاپرېل كۈنى قازاقىستانغا يېتىپ بارغان. ئۇ، 25-ئاپرېل پىرېزىدېنت قاسىم-جۇمارت توقايېف بىلەن كۆرۈشكەندە، بېيجىڭنىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رايوندىكى ئاشقۇن كۈچلەر تەھدىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ رايون مۇرەككەپ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، چۈنكى ‹ئۈچ خىل كۈچ›نىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق قىلمىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ. بىز قازاقىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز».
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ قازاقىستان زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»، يەنى ئاتالمىش تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ جانلىنىشى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، بۇ زىيارەتنىڭ 2021-يىلى 1-ئايدا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:
«بۇ زىيارەت پەقەت خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم ئىش ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن زىچ باغلاپ چۈشىنىش كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى، قازاقىستاننىڭ يېقىنقى تارىخىدا، يەنى 2021-يىلى 1-ئايدا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇق› دەپ ئاتىدى. بۇ مالىمانچىلىقنى مەلۇم دەرىجىدە قازاقىستانمۇ ‹تېررورلۇق› دەپ ئاتىدى. يەنە بىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغالىيىتىنى ئاقلىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلىش كېرەك. خىتاي قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ھازىر تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچ› نى تەشۋىق قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلمەكتە. گەرچە خىتاي قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاي قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئانچە مۇھىم دەپ قارىمايدۇ. ۋاھالەنكى خىتاي بۇ رايوننىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ) مۇقىملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ».
خىتاي «ئۈچ خىل كۈچ» تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئامىللارنى «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ»، يەنى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئۈچ خىل كۈچ›، يەنى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك نامى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەز دۆلەتلەرنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىپ ۋە تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل دەۋاتىدۇ».
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن يەنە قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان جاقسىلىكوف بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئەمەلىي ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. قازاقىستان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى «كازئىنفورم» (The Kazinform) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاقسىلىكوف خىتاي بىلەن «بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، خادىملارنى تەربىيەلەش، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالاقىنى كېڭەيتىش» قارارى ئالغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ رايوندا «ئۈچ خىل كۈچ» تېخىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ دېگەن باھانە بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى چەكلەش ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىشى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور شان روبېرتس بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاي قازاقىستان بىلەن ھەربىي ئىشلاردا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى بار دەپ قارايدۇ. ھەربىي ئىشلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسمى. ئەگەر قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر داۋاملىق ئۆتكۈزۈلسە، ھەربىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن كۈچ بار بولىدۇ. خىتاي بۇ رايوندا ئۆزنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھەر قانداق بىر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىشىنى خالىمايدۇ. توغرا، بۇ (زىيارەت) خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى».
دوكتور شان روبېرتس يەنە رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش رولىنىڭ ناھايىتى تېزلا تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بارغانسېرى خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.