مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ساھەسىدىكى قازاقىستان بىلەن بولغان بۇ ھەمكارلىقى «قاباھەتلىك تەرەققىيات» ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 7-نۆۋەتلىك «خىتاي-خەلقئارالىق ئورگان ئىئانە قىلىش يىغىنى» 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئېچىلغان. يىغىن جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورگان ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىق تەرەققىياتىدىكى بىر بەلباغ بىر يول سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى قارمىقىدا خىتاي قۇرغان «ئاچقۇچلۇق دۆلەت تەجرىبىخانىسى» قازاقىستان دۆلەتلىك تېببىي ئىلىم مەركىزى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك ئوپېراتسىيە ۋە ئەزا كۆچۈرۈش توغرىسىدا پاراللېل كېلىشىم ئىمزالىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كېلىشىم «خىتاي ئورگان كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى» نىڭ قوللىشى بىلەن ئورنىتىلغان. كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن داۋالاش تېخنىكىسى ئالماشتۇرۇش، ئىككى تەرەپلىك ئىلمىي مۇنبەر ئۆتكۈزۈش ۋە تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇنىڭدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى تېببىي خادىملارنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى ۋە «دۆلەتلىك ئاچقۇچلۇق تەجرىبىخانا» غا ئوقۇشقا ئەۋەتسە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كېسەللىكلەرگە قارشى تەتقىقات ۋە داۋالاش مەسىلىلىرى ئۈچۈن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى «دۆلەتلىك ئاچقۇچلۇق تەجرىبىخانا» نىڭ باشلىقى ۋېن خاۋنى ئەۋەتىدىكەن.
ۋېن خاۋنىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئورگان يۆتكەش ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى لاگېرلار قۇرۇلغان ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى رەسمىي ئىجرا قىلىنغان مەزگىلدە باشلىغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەتلىك ئاچقۇچلۇق تەجرىبىخانا» نى 2017-يىلى ئاچقان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش قوشنا دۆلەت بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. ۋېن خاۋ يەنە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىخانىسى ۋە دوختۇرخانىسى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى قوشۇنى ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
شۇنداقلا ئۇ «خىتاي مەيلى داۋالاش كۆلىمى، سۈپىتى ياكى دۆلەتنىڭ داۋالاش ئۆلچىمى جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مانا بۇ ئامىللار بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دېگەن.
بۇ يىل مايدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى» نىڭ «شىئەن خىتابنامىسى» نى ئىمزالىدى. خىتابنامىدە ھەر قايسى تەرەپلەر ساغلاملىق ۋە داۋالاش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆسۈملۈك تىكىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ ساغلام «يىپەك يولى» بەرپا قىلىشقا قوشۇلغانىدى.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2025-يىلغىچە بولغان كەلگۈسى ئىككى يىلدا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە ئىئانە قىلىشتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.
ئېتان گۇتمان: «خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى ۋىرۇسقا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرگە يامرىماقتا!»
ۋەھالەنكى خىتاينىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ساھەسىدىكى قازاقىستان بىلەن بولغان بۇ ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان «قاباھەتلىك تەرەققىيات» دەيدۇ. ئۇ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«بۇ بىر قاباھەتلىك تەرەققىيات. ئۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئورگان ئەتكەسچىلىكى خۇددى ۋىرۇسقا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە تارقىلىدۇ. بۇ ھال خىتاي ئادەم ئىچكى ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىدە قوللىنىۋاتقان، يۈرەكنى EKMO بىلەن ساقلاش، ئادەم ئورگانلىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئېلىشقا ئوخشاش غەربكە تارقىتالمىغان ۋەھشىيانە ئورگان ئالماشتۇرۇشتەك قانۇنسىز ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا زىت تېخنىكىلىرىنى ‹بىر بەلباغ بىر يول› ئارقىلىق ئاتالمىش مېدىتسىنا ھەمكارلىقى دېگەندەك ناملاردا قازاقىستان ۋە بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
30 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي سۇغۇرۇۋېلىشتەك جىنايەتلىرىنى دوكلاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېتان گۇتماننىڭ قارىشىچە، بۇ ھال قازاقىستاننىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگىلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىدەك قەبىھ جىنايىتىگىمۇ شېرىك بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
ئۇ مۇشۇلارنى تەكىتلەش بىلەن تەڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىم بويىچە ئورگان سودىسى ئۈچۈن «ئولجا» غا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي-قازاقستان ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش ئورگان ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە ئۇچرايدىغان تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئورگان ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئورگان ئىئانە قىلىش دېگەندەك تېببىي ئاتالغۇلارنىڭ ئارقىسىغا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىدىكى ئورتاق مەنپەئەتداشلىق مۇناسىۋىتى يوشۇرۇنغان. دېمەك بۇ خىتايغا زور دەرىجىدە قەرزدار بولغان قازاقىستان ئۈچۈن ياخشى بىر سودا پۇرسىتى يارىتىدۇ. يېقىندىلا قازاقىستان ئېلان قىلغان ‹قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللىغاندىن كېيىنلا مەيدانغا كەلگەن بۇ كېلىشىم تۈپەيلىدىن قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتلىرى، ئۇ جايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىدىن ئەندىشىلەنمەي تۇرالمايمىز. ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي مەنپەئەتداشلىقنى كۆزلىگەن ئورگان ئەتكەسچىلىكى جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى تامامەن مۇمكىن».
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغاندەك، 4-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەگەر خىتاي تەلەپ قىلسىلا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى «قانۇنسىز كۆچمەن» سۈپىتىدە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قانۇنىي بىر ئاساس ياراتقانىدى.
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئولجىغا ئايلىنامدۇ؟
قازاق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئېربول ئەپەندى گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بارغانسېرى خىتاي بىلەن بولغان خەتەرلىك ھەمكارلىقلارغا كىرىشىپ كېتىۋاتقان قازاقىستاننىڭ ئەمدىلىكتە ئادەم ئورگان سودىسىدىكى ھەمكارلىقنى باشلىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار قازاقىستاندا يەنىلا خىتاي ۋە قازاقىستان ئىككىلا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ شىۋېتسىيەدە پاناھلانغان قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك بىر تۇزاق» دېدى. شۇنىڭدەك «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى كېلەچەكتە ‹بىر بەلباغ بىر يول› خەتەر تۇزىقى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قايتىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى» دېدى.
خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى كىم قاندۇرالايدۇ؟
7-نۆۋەتلىك «خىتاي-خەلقئارالىق ئورگان ئىئانە قىلىش يىغىنى» ۋە «ئورگان ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىق تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى» دا خىتاي ھەر يىلى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئورگان ئىئانە قىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىلى 5628 نەپەر قازا قىلغان كىشى ئۆز ئىچكى ئەزالىرىنى ئەزا ئىئانە قىلغان بولۇپ، 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.75 ئاشقان
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلدىن 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 40 مىڭدىن ئارتۇق قازا قىلغۇچىنىڭ ئەزا ئىئانە قىلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق 120 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسلىق ئورگان ئىئانە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئورگان كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى (COTDF) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 6 مىليون 550 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆزلۈكىدىن ئەزا ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقان. خىتايدا ھازىر يۈرەك ۋە ئۆپكە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان 70 نەچچە دوختۇرخانا بار بولۇپ، ئىئانە قىلىنغان بۇ ئورگانلارنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئورگان ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدىكەن.
(COTDF) نىڭ مەسئۇلى خىتاينىڭ ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسىغا ئاساسەن ئورگان ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ئارقىلىق «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە تارقىلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتايشۇناس تەتقىقاتچىسى مەتتوۋ روبېرتسون قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە ئەنگلىيەدىكى ئادۋوكاتلاردىن تەشكىل تاپقان «خىتاي تەتقىقاتى مۇنبىرى» 2022-يىلى 1-مارتتا ئېلان قىلغان خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان ئوغرىلىقى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە دائىر پاكىتلار توغرىسىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۈچ مىليون ئۇيغۇر سولانغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قان ۋە گېن ئەۋرىشكىلىرى ئېلىنغان، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈلۈپ، تۇتقۇنلار ئۈستىدىن مەخسۇس سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان». گۇتمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى كۆپلىگەن نۇرغۇن پاكىتلار خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى «ئىچكى ئەزالار بانكىسى سۈپىتى» دە قوللىنىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار ئىكەن.
خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن تەڭ بۇ خىل ئېشىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قاماش بىلەن تەڭ كۆرۈلگەنلىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئەمما خىتاي يەنىلا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى مەنبەسىنى «ئىختىيارى ئورگان ئىئانە قىلغۇچىلار» دەپ كەلمەكتە ۋە بۇ جەھەتتىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكانىڭ بوستۇن شەھىرىدىكى ماسساچۇسېت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن ئورگان ئوپېراتسىيەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مايسەم مۇتەللىپ خانىم شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ 2022-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (Christopher Smith) ئەپەندى قاتارلىقلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان «‹ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» نى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىشى تەخىرسىز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە بۇ خىل «يېڭى ھەمكارلىق» نىڭ ئارقىسىغا قانداق سەلبىي ئامىللارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە قانداق سوئاللارنى قويىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.