مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەر خىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قازاقىستانغا چىققان مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قانۇنسىز كۆچمەن» دەپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2023-يىلى 29-سېنتەبىر قازاقىستان پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش ھەققىدىكى» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 4-ئۆكتەبىر كۈنى بۇنى قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى تەستىقلىغان ئىدى.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەتلا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا 1991-قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، قازاقىستان پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايدىكەن.
قازاقىستانلىق ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا قانۇنىي ھوقۇق تەشەببۇسچىلىق جەمئىيىتى (International Legal Initiative) نىڭ رەئىسى ئاينا شورمانبايېۋا (Aina Shormanbayeva) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا كېلىپ پاناھلانغان مۇساپىر ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە قازاقىستاننىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق مۇساپىرلارنى قوغداش شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى كېلىشىمنىڭ خىتايدىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە مۇساپىرلار ئۈچۈن سەلبىي تەسىرى بار. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى، خىتايدىن قازاقىستانغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، قازاقىستان تەرەپنىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان ياكى قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش، ۋىزا ئېلىش، قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش ھەمدە قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان ئادرېسلىرىدىن ئىبارەت بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتايغا تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ خىتايدىن، يەنى شىنجاڭدىن قازاقىستانغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە مۇساپىرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز قازاقىستاننىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى خىتايغا تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوخشاشلا ئىمزا قويغان خەلقئارا مۇساپىرلارنى قوغداش شەرتنامىسىگە خىلاپ. قازاقىستاننىڭ ئەلۋەتتە مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار».
بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ باستۇرۇشى تۈپەيلى ھاياتى خەۋپكە ئۇچراپ ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن بىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ، دەككە-دۈككىدە ئۆتكەن ھاياتى ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھېچقانداق گۇناھىم يوق تۇرۇپ، قازاقىستاندا بىر ئاي تۈرمىدە ياتتىم. تۈرمىدە ئېغىر كېسەل بولدۇم. مېنى داۋالىمىدى. بۇ جەرياندا بەزىدە قازاقىستان تۇرۇش رۇخسىتىم بار بولدى، بەزىدە ئۇنى ئالالمىدىم. بۇ يەرنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىمنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشۇم كېرەك، ھازىر ئىشلەش رۇخسىتىممۇ يوق. يەنە تۇتۇلۇپ قالماسلىق ۋە قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن، داۋاملىق مۆكۈپ يۈرۈشكە مەجبۇرمەن» .
ئاينا شورمانبايېۋا خانىم، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىنىڭ بىر سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى؛ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى:
«شىنجاڭدىن قازاقىستانغا كېلىپ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى بىر سەزگۈر مەسىلە. قازاقىستان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ كىشىلەر قازاقىستاندا تۇرالمايدۇ. ئۇلار قازاقىستاندىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئەگەر قازاقىستان دائىرىلىرى خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلسا، ئۇلار قازاقىستاندىن دەرھال ئايرىلىشى كېرەك، يەنى خىتايغا قايتىشى كېرەك. بۇ بەك قورقۇنچلۇق. ئۇلار قايتسا، بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، پاناھلىق تەلىپى قوبۇل بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلار قازاقىستاندا قانۇنلۇق تۇرالىسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا پەقەتلا بىر يىل تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن بۇ كىشىلەر يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى پەقەتلا ۋاقىتلىق بېرىلىدۇ. بۇ مۇساپىرلارنى قوغداش شەرتنامىسىگە خىلاپ» .
قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى، خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلىرى ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر خىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشاشلا «قانۇنسىز كۆچمەن» دەپ قارىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما شەخسىي بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ پاناھلىق تەلىپى ئۆز ۋاقتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قازاقىستاندىكى ئىشخانىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، رەسمىي مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ھالبۇكى، 2011-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قازاقىستاندا ئىش بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ پاناھلىق ئىشىمۇ ئېسىلىپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىكى باشقا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار مۇساپىرلارغا ئوخشاشلا قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قانۇنسىز كۆچمەن» دېگەن نام بىلەن خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پارىژ كاتولىك دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «بۈيۈك ئويۇن: بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، خىتايشۇناس ئېممانۇئېل لىنكوت (Emmanuel Lincot)، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەتەرلىك بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئېممانۇئېل لىنكوتنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەر، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تايىنىپ قالغانلىقى ئىكەن. ئۇ يۇقىرىقى كىتابىدا قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ، يەنى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يەنى قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ قەرز مەبلىغى سايىسىدە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا داۋاملىق كۆز يۇمۇپ كەلگەن ۋە قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ھەرقانداق بىر نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماي كەلگەن.