1997-يىلىدىن بېرى پىلانلانغان، ئەمما قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان قەشقەر-پەرغانە ئارىسىدىكى «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى» قۇرۇلۇشىنىڭ 27 يىلدىن كېيىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 6-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا خىتاي-قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈرى ۋە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ‹بىر بەلباغ بىر يول› بەرپا قىلىشتىكى ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش» دەپ مەدھىيەلىگەن. ۋاھالەنكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان، خىتاي بىلەن بولغان قاتناش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدىغان بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئۆزلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور مىقداردا قەرزگە بوغۇپ قۇيۇشتەك گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قاراپ كەلگەن، ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قەشقەردىن قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق تاشكەنتكە بارىدىغان 4500 كىلومېتىرلىق مال توشۇش تۆمۈريول مۇساپىسىنى 523 كىلومېتىرغا چۈشۈرۈدىكەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى باشلاش توغرىلىق ئۈچ تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى توغرۇلۇق ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي-ئىقتىسادىي، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ساياھەت-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىگە ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك غەرىزى، يوشۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
«شىنخۇا تورى» نىڭ دېيىشىچە، كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ يەنە، «خىتاينىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىگە ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان، رايون ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك يولنى بالدۇرراق بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايىفلارمۇ «بۇ تۆمۈر يولنىڭ رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ياردەم بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بارلىقى» نى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە مەزكۇر خىتاي-قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىش، ما شىڭرۈينىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى، يازغۇچى خې ئەنچۈەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشى، ئۇلاردا ئورتاق مەنپەئەت ۋە سىياسىي ئېھتىياجنىڭ بولغانلىقىدىن دەپ قارايمەن. چۈنكى خىتاينىڭ مەقسىتى ياۋروپا ۋە ئامېرىكاغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى بەزى ئۆزگىرىش ۋە يۆنىلىشلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مانا بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش رۇسىيەنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ سەۋەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئۈمىدىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىمزا قويۇشىغا تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا، ھازىر خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېڭى بىر چىقىش يولى تېپىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇلار نۆۋەتتە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ئورتاق نىشانلىرى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. »
نۆۋەتتە خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەسىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتمەكچى بولۇشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. خې ئەنچۈەن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە يەنە، ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى نامى ئاستىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ھەر تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتىگە يوشۇرۇنغان كۆپ قاتلاملىق غەرەزلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى.
«خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقى، شۇنداقلا ئۇلاردا شەكىللىنىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇسىغا قارشى بىر چوڭ سېپىل ياكى بىر مۇداپىئە تېمى قۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش دىن ۋە قانداشلىققا ئىگە بولغاچقا، تەبىئىي شەكىلدە ئۇلاردەك مۇستەقىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دەستەكلىرىگە، ياردىمىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بۇ تۈردىكى تۈرلۈك مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. »
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تېخى يېڭىلا ئىمزالانغان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئوخشاش ھەر ساھەلەر بويىچە بىر قاتار «مۇھىم كېلىشىملەر» گە ئىمزا قويغانلىقى مەلۇم. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.