خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قارا قولىنى سوزۇۋاتقانلىقى ئاشكارلانماقتا (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2023.01.24
FBI-Director-Christopher-Wray.jpg ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
AP

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر ساتىراشخانىسىدا خۇپىيانە سۈرەت ۋە ۋېدىيو ئېلىپ خىتاي ساقچىسىغا يوللاۋاتقان بىر گۇمانلىق ئۇيغۇرنىڭ نەق مەيداندا پاش بولۇشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

دەرۋەقە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قارا قوللىرىنىڭ شۇنداق بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىشكە، يەنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىىنى ئىگىلەپ ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ھەتتا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەھدىت سېلىپ قورقۇتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا تەمىنلىگەن ياكى خىتايغا ساتقان «قۇلاق» لارنىڭ تۇتۇلىشى كەمدىن-كەم بولماقتا.

بۇ ۋەقە، يەنە بىر جەھەتتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقى، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت نىشانغا ئېلىپ ئۇچۇر توپلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنىمۇ ھېس قىلدۇرماقتا.

«ئوكسيۇس» (Oxus) ناملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى، ئامېركادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىل ئاۋال «ئائىلىڭىز بەدەل تۆلەيدۇ: خىتاينىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەقىب قىلىشى ۋە ئۇلارغا قورقۇنچ سېلىشى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى» نىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەۋەر قىلىنمايدىغانلىقى، شۇنداقلا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

«ئوكسيۇس» نىڭ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ياردەمچى تەتقىقاتچى ناتالىيە خال (Natalie Hall) خانىم، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بىزنىڭ بۇنىڭ خەۋپى ھەقىقدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

ئۇ جاۋاب خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يىغىش ئارقىلىق، زادى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ تېخى سىر ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ياكى ئاخبارات توپلاش مەشغۇلاتىدا ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.

ناتالىيە خانىم جاۋابىدا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ساتىراچخانىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، مۇنداق دەپ يازغان:

«مەھەللە جاسۇسلۇقى دوكلات قىلىنمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئۇچۇر توپلاش دائىرىسىنىڭ قانچىلىك كەڭ يېيىلغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، ئەمما يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلار، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ شۇ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت يىغىلىشلىرىنى ئازايتىشتەك پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۇيغۇر جامائىـتى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ بۇنداق يىمىرىلىشى، جەمئىيەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بۇزىدۇ.»

ناتالىيە خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى كۈچلۈكرەك بولغان ۋە مەلۇم قىلىنغان جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىكەن. «ئوكسىيۇس» نىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات توپلاشقا مەجبۇرلانغان 8 دېلو خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇ دېلولارنىڭ كۆپىنچىسى 2018-يىلدىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىمۇ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئۇچۇر تەمىنلەشكە قىستالغانلار ئاز ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى خانىم، كورلادىكى خىتاي ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلغان تەھدىتلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن مەتبۇئاتلارغا پاش قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرغان.

قەلبىنۇر غېنىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭ كورلادىكى ئانىسىنى گۆرۈ ئورنىدا قوللىنىپ، ئۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان يازما ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كورلادىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى 3 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا شۇنداق بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قايتا قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر خانىم، ئۆزىنىڭ 2019-يىلىدىن باشلاپ ھەدىسى رەناگۈل غېنىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، 2021-يىلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەگەر ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى گەپ قىلمىسىلا ھەدىسىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ئەگەر فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھەرىكىتىنى توختاتسا، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ھەدىسىنىڭ تۈرمە جازاسىنى 5 يىل ئازايتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئەمما قەلبىنۇر غېنى بىگۇناھ ھەدىسىنىڭ پەقەت ئۆيدە قۇرئان ساقلىغانلىقى ئۈچۈنلا 17 يىل كېسىلىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەدىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ھەدىسىنى قويۇپ بەرمىگۈچە ئۆزىنىڭ داۋا قىلىشنى توختاتامايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن ئىكەن. قەلبىنۇر ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان كورلادىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يەنە ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى ئاۋارە قىلىپ، ۋاستىلىق تەھدىت سېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەلبىنۇر خانىم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ۋە مەتبۇاتلارغا بىلدۈرۈپ كەلمەكتىكەن.

ھالبۇكى، خىلمۇ-خىل بېسىم ۋە مەنپەئەتلەر ئالدىدا، خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە باش ئېگىپ، ئۇچۇر توپلاش ياكى مەلۇمات يەتكۈزۈشتەك جاسوسلۇق يولىنى تاللىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئەييىبلىنىۋاتقانلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ مەيلى ئۇ قانداق بېسىمغا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ئۈچۈن قولچوماق بولۇشىنى، ھەرگىزمۇ «كەچۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ قاراشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان جاسوسلۇقى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باستۇرۇش ئۇسۇللىرى خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەخلى-تەرز قىلغانلىقى، شۇنداقلا شۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە. يېقىندا FBI ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى فېيسبۇكقا ئېلان چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولغان ئامېرىكادىكى يامان غەرەزلىك ئورگانلارنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلىشى ياكى رەقەملىك ئىز قوغلىشىغا ئۇچرىغان خىتاي تىللىق كىشىلەرنىڭ دەرھال ئ‍ۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «ئوكسىيۇس» تورىغا بەرگەن يازما باياناتىدا، «دۆلەت ھالقىغان تەھدىتلەرنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ھەل قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئېلانلىرىنى، ئوخشىمىغان تىلدىكى تەھدىت، قورقۇتۇش قوللانمىلىرىنى، شۇنداقلا FBI نىڭ تور بېتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان جاسۇسلۇق قارا قولىنىڭ تەسىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئەگەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرۇپ قورقۇتۇشىغا ياكى تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغاندا، چوقۇم ئۆزى ياشۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە قانۇن دائىرىلىرىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى ھەم ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خېلى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى جاسوسلۇققا قىستاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇلارنىڭ جاسوسلۇق ھەركەتلىرى تېخىمۇ جانلانماقتا. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى جاسوسلۇق ھەركەتلىرىگە ئاگاھ بولۇشى لازىم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ياخشىچاق بولۇپ كۈرۈنگەن مەھەللە ساقچىلىرىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق خادىملار ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش لازىم. ئەلۋەتتە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىغاندا، خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش ئاسان ئەمەس، ئەمما مۇشۇ خىل تەھدىتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنى توختاتقانلىقى مەلۇم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستالغىنىدا، ئۆزى ئۇچرىغان تەھدىتلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ۋە قانۇن دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈپ، مۇۋاپىق قوغدىنىش تەدبىرى ئېلىشى لازىم، دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.