گېرمانىيەنى مىليارد ياۋروغا قويۇۋەتكەن خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى يەمچۈك قىلغان

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۈچلىنىپ كېتىشى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە دۇنيادىكى ئۈلگىلىك دۆلەتكە ئايلىنىش غايىسى فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنى زور مىقداردىكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولغان ئامىللاردىن بىرى ئىكەن. بۇ ئىدارە يىللاردىن بۇيان كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن. بۇ چارە-تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قىسقىچە «كاربون ئىناۋەت چېكى» دەپ ئاتىلىدىغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش بولغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتايلار بىلەن «يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش» چۈشىنى كۆرۈۋاتقان گېرمانىيە، بۇ ساھەدە خىتايلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. يەر شارىنىڭ يىلسېرى ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان «كاربون ئىناۋەت چېكى» ناملىق بۇ خەيرىيەت مەبلىغى 2019-يىلىدىن باشلاپلا خىتايلارنىڭ كۆزىنى قىزارتقان. خىتاي شىركەتلىرى بۇ مەبلەغگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىشىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن گېرمانىيەنىڭ 1 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق پۇلىنى قويۇۋەتكەن. 2023-يىلى بۇنىڭ سىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندا، گېرمانىيەدە غايەت زور غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە يالغۇز گېرمانىيەلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ۋەقە بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە گۆدەكلىك قىلىشتىن تېزراق ۋاز كېچىشى لازىم ئىكەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى يېقىندا ئېلان قىلغان « بىر خىتاي شىركىتى قانداق قىلىپ مىلياردلىغان ياۋرولۇق كاربون ئىناۋەت چېكىنى قويۇۋېتەلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 2019-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە جەمئىي 66 خىتاي شىركىتى «كاربون ئىناۋەت چېكى» گە ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرچە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز دېگەندە 16 شىركەت قويمىچى شىركەت بولۇپ چىققان. بۇ قويمىچىلار ئىلتىماس سۇنغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز ئورۇنلىرىنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىپ، «ئەگەر مەبلەغ بولمىسا، نېفىت ۋە گاز قېزىش جەريانىدا چىققان كاربون تۆت ئوكسىدىنى يا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ياكى ھاۋاغا قويۇپ بېرىمىز» دېگەن. كاربون تۆت ئوكسىدىنى ھاۋاغا قويۇپ بەرسىمۇ، كۆيدۈرۈۋەتسىمۇ ئوخشاشلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى ئاسان تەستىقلانغان.

ئەپسۇسكى، فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ھېچ تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ئۇيغۇر ئېلىنى يەمچۈك قىلىۋاتقان بۇ خىتايلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە شۇنداق ئاسان ئالدىنىپ كەتكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە گېرمانىيەدە ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان.

خەۋەردە ئىزاھلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان «كاربون ئىناۋەت چېكى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن شۈبھىلەنگەن «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى بىلەن ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئاتالمىش خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي، بۇ خىزمەتنى گېرمانىيەدىكى «ۋەربىئو» ناملىق بىئو-يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتكە ھاۋالە قىلغانلىقى، بۇ شىركەتمۇ ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي، ئۇنى بەزى شەخسىي تەپتىشلەرگە ھاۋالە قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى بىلەن ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، «كاربون ئىناۋەت چېكى» گە ئىلتىماس قىلغان ئاتالمىش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەركىزى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا بولغان «كاربون» ناملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىگە چېتىلىدىكەن. بۇ شىركەتنى ئىلگىرى خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشكە قاتناشقان ھەمدە بەزى دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلارغا يېتەكچىلىك قىلغان بىر سابىق خىتاي ئەمەلدارى قۇرۇپ چىققان ئىكەن.

غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ 1 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق پۇلغا قويۇلۇپ كېتىشى خىتايلارنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن خەلقئارا نىزاملارغا پەرۋا قىلمايدىغان نىيەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يالغۇز ھازىرچە پاش بولغان 16 شىركەتلا ئەمەس، بەلكى باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ ساختا بولۇپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنى قويۇۋەتكەن پۇلىنىڭ مىقدارىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما خىتايلارنىڭ بۇ قويمىچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئەقىلگە سىغمايدىكەن. بۇ يەردە چوقۇم «كاربون ئىناۋەت چېكى» گە ئېرىشىشنىڭ يولىنى ياخشى بىلىدىغان گېرمانلار ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ «كاربون» شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان بەزى گېرمان شىركەتلىرى ۋە شەخسلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى خەتەرلىك بولىدىكەن.

خىتاينىڭ «كاربون» ناملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى بىلەن ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى سوئاللىرىغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەن. تەكشۈرۈلۈۋاتقان بەزى گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرمۇ فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى خۇلاسە چىقارغانغا قەدەر، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مەتبۇئات بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بىراق فېدېراتسىيە مۇھىت قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلىلا خىتايلارنىڭ «كاربون ئىناۋەت چېكى» گە ئېرىشىش ئىلتىماسلىرىنى توختاتقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 46 ئىلتىماس «شۈبھىلىك» دەپ قارىلىپ تەستىقلانمىغان.

« بىر خىتاي شىركىتى قانداق قىلىپ مىلياردلىغان ياۋرولۇق كاربون ئىناۋەت چېكىنى قويۇۋېتەلىدى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى - گېرمانىيەلىك خىتايشۇناس ۋە ژۇرنالىست ماتىياس بۆلىنگېر ئەپەندى بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان 2017-يىلى ئۇيغۇر ئىلىغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خورلاشلىرىغا، دەشنەملىرىغا كۆپ ئۇچرىغان بىر شەخس ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ناچار مۇئامىلىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلغان. ئۇ 2023-يىلى «يۇقىرى تېخنىكىلىق گۇلاگ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىغان.