16-ئۆكتەبىر باشلانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى يىغىنىدا شى جىنپىڭ ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن ھەمدە كەلگۈسى سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى قوغداپ، «خىتايچە زامانىۋىلىشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ماركسىزملىق ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق دىنلارنى، جۈملىدىن «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ھەققىدە تىۋىتتېر باياناتى يوللاپ، «شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئاقلاپ، بۇ رايوندىكى دىننىڭ چوقۇم خىتايچىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دەپ ئەيىبلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭ قۇرۇلتايدا تەكىتلىگەن سىياسەتلەرنىڭ، جۈملىدىن يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش ۋە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بۇنىدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان بۇ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان يىلتىز تارتقان بۇ ئېتىقادىنى ئۇنداق ئاسان يوقىتالمايدۇ» دېدى.
شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىكى ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يەتتى. بۇ سىياسەتنىڭ بالايى-ئاپىتى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا سالغان زىيىنى يۇقۇمنىڭ زىيىنىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي، يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بىردىنبىر دۆلەت. شىنجاڭدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ياكى مەھەللىسىگە سولىنىپ قالغانلىقىنى، سىرتقا چىقىپ يېگۈدەك بىر نەرسە ئېلىپ كىرەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۇرغۇن ئادەملەر ئاچ قالدى، بەزىلىرى ئۆيىگە چېچىلغان ‹دېزىنفېكسىيە دورىسى›دىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قورقۇنچلۇق جىنايەت. دېمەك، شىنجاڭدىكى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى› ئەمەلىيەتتە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى».
خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى 16-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى پارتىيە ۋەكىللىرىنى سۆزلىتىش ئاخبارات يىغىنىدا قۇرۇلتاي ۋەكىلى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەڭ باراۋەر ۋە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلغان.
ئۇ سۆزىدە، يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، يىغىندا «شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا تەرەققىي قىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ، مۇقىم، پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى» نى بايان قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «كەسپىي مەكتەپ» تە ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر قىزنى مىسال كەلتۈرۈپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىقتىساد جەھەتتە گۈللەنگەنلىكى» ھەققىدە داۋراڭ سالغان. ئاندىن خىتاينى ھاياجان بىلەن ماختاپ، «مەركەزنىڭ شىنجاڭنى بىر بەلۋاغ بىر يولنىڭ تۈگۈنى، چەت ئەلگە ئېچىلغان سودا دەرۋازىسى قىلغانلىقى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
تېڭ بياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيەگە سادىق زۇلھايات ئىسمائىلدەك ئۇيغۇرلارغا نۇقتىلىق ۋەزىپە بېرىپ، ئۇلارنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىقلىرىنى يوشۇرىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ. ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى قەشقەرگە بارغاندىمۇ ئۇنى مەخسۇس مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىش ئارقىلىق مېھمان كۈتۈۋېلىپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغان. شۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ‹شىنجاڭدا ھەممە ئىشلار ياخشى› قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان».
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ جەنۋەدىمۇ خىتايغا ۋەكىللىك قىلىپ يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنگەندەك كۆرۈنۈپ خىتايدىن مەنپەئەت كۈتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.