ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 25-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئامېرىكانى كۈچەيتىشكە ئائىت ئىنتايىن ھالىقىلىق بىر قانۇننىڭ ئاخرىقى لايىھەسىدە بىرلىككە كەلگەن. « 2022-يىللىق ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى » دەپ ئاتالغان ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، خەۋپسىزلىك رىقەبەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تارابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ لايىھەگە 250 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان. بۇ تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش، تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقە ھەمدە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، 100 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاينىڭ چەكلىمىسى ۋە خاتا ئۇچۇرىغا تاقابىل تۇرۇشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ 2022-يىلى كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قانۇن لايىھەلىرىدە قايتا تىلغا ئېلىنىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ماددىلىرىدا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىل تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى» غا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى؛ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىققانلارغاP-2، يەنى ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇساپىرلار سالاھىيىتى بېرىپ، ئۇلارنى «ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەندىشىسىدىكى مۇساپىرلار» دەپ بېكىشى؛ ئۇلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە تۇرۇپ سىياسى پاناھلىق تىلىشىگە يول قويۇلۇشى تەكىتلەنگەن.
قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ماددىسىدا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سابىق ئۇيغۇر رايونى پۇقرالىرىغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ «ئېغىر دىپلوماتىك بېسىمىغا ئۇچرىشى» نى ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كۆرسىتىلگەن. بۇ ماددىنىڭ پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئەيىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى. ئىتالىيەدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى 3-دۆلەت ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرغانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇبەي ئارقىلىق، بەزىلىرىنىڭ تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
كىشىلىك ھوقۇق پائاالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشىغا ۋاقىت كەتسىمۇ، بىراق ئۇ ماقۇللانسا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكاغا مۇساپىر بولۇپ كېلىشىنىڭ يولى ئېچىلىدىكەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تاشقىي ئىشلار دېرىكتورى لۇئىسا گرېۋې 26-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «دۆلەت مەجلىسى تېخى يېقىندىلا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ماقۇللىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جامائەت پىكىرىنى ئېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپلا ئىجرا قىلىشغا باشلىغان. ئۆتكەندە ماقۇللانغان بۇ قانۇن ئۆتكەن يىلى 23-دېكابىردا قانۇنغا ئايلانغان. مانا ئەمدى ‹ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى› ئاۋام پالاتاسىدا. بۇ توغرىسىدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ‹ئامېرىكا كەشپىيەت ۋە ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنى› دىگەن قانۇن لايىھەسىمۇ بار. بۇ ئىككى لايىھە بىرلىشىپ قانۇنغا ئايلانسا، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ، ھېچبولمىغاندا بۇ مۇساپە باشلاندى. بۇ يەردە ئالاھىدە ۋەكىل تەسىس قىلىنىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.»
ئاۋام پالاتاسىدا بىرلىككە كەلگەن بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدېننىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پرېزىدېنت بايدېن 25-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۈگۈن قانۇن چىقىرىشتا مۇھىم بىر قەدەم باسقانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا «تەمىنات زەنجىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى»، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ «يېڭىلىق يارتىش ماتورىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا خىتاينى يېڭىدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بىرلىكتە خىتايغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا 21-ئەسىرنىڭ ئامېرىكا ئەسىرى بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىمىز بار. بۇ بىزنىڭ ئىجادكارلىرىمىز، ئەمگەكچىلىرىمىز ۋە كارخانىلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.»
لۇئىسا گرېۋېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنى دەپسەدە قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە بولغان تەقىپنىمۇ كۈچۈيتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىدە بەزى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ 30133-بۆلىكىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان، كىشىلىق ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا تەقىپ قىلىش كۈچەيتىلگەن. شۇنداقلا يەنە بۇ قانۇن يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادا مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا كېچىكىپ بولسىمۇ تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقانغا 2 يىلدەك بولدى. شۇڭا بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ تەدبىرىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇق.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ قانۇننىڭ تېزراق ماقۇللۇنۇپ، ئەمەلىيشىشىنى «تۆت كۆز» بىلەن كۈتمەكتە ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 26-يانۋار رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ چىقىشى «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئەمەلىي كۈچكە ئىگە» دېدى.
دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن خورسەنلىك ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ قانۇننىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا چىقىپ ئەمەلىيشىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ قانۇننىڭ چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن يەنە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىمىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى داۋاملىق ئامېرىكا سىياسى رادارىنىڭ دىققىتىدە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقانغا 5 يىل بولدى. شۇنداق بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قانۇننىڭ چىقىشى چەت ئەللەردىكى سەرسان-سەرگەردان بولۇۋاتقان، ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دىققەتكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتىسى بولسا 10 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، تىل مەركەزلىرىنى قۇرۇش، بۇنى خىتاي كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تەكىتلەنگەن. ئامېرىكادىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن. بۇ ئىنىستىتۇتلار خىتاي تىلى ئۆگىتىش نامىدا جاسۇسلىق قىلىش ياكى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ماددىسىدا يەنە خىتاي ئورتاق تىلى، گۇاڭدوڭ تىلى، تىبەت تىلى، ئۇيغۇر تىلى، موڭغول تىلى ۋە خىتايدىكى باشقا مەۋجۇت تىللارنى قوللاش تەكىتلەنگەن.
قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىغا تەھدىت سېلىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قامىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشى تەنقىدلەنگەن. قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنىدا: «دۆلەت مەجلىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئاخبارات مۇھىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرىدىكى سىياسىي پىكىرلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبرلىرىنى، يەنى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خەۋەر قىلغان مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قاماش ياكى پاراكەندە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى،» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئاز دىگەندە 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىغان. نۆۋەتتە ئۇلاردىن بەزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسمەن ئۇچۇرلار بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ياكى ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەن.