خىتاي ھۆكۈمىتى روشەن ئابباسنىڭ ئىرېلاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ 4-دېكابىر باشلانغان ئىرېلاندىيەدىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى 8-دېكابىر ئاخىرلاشقان. ئۇ 5-دېكابىر ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ، ئىرېلاندىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىش، دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغانىدى. 6-دېكابىر ئۇ ئىرېلاندىيەدىكى «ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى » ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، «ئىرېلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك كومىتېتى»، «ئىرېلاندىيە سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى»، «دۇبلىن شەھەرلەر ئارا دىنلار مۇنبىرى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا نۇتۇقلار سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئىرېلاندىيەدىكى «ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئىرېلاندىيەدىكى «ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن (RFA/Ekrem)

روشەن ئابباس خانىمنىڭ 7-دېكابىردىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 7 دۆلەتنىڭ دۇبلىندىكى ئەلچىخانىلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن چوڭ پائالىيەت بولغان. بۇ پائالىيەتكە ئىسپانىيە، بىرازىلىيە، كېنىيە، ياپونىيە، لىتۋا، ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكانىڭ دۇبلىندىكى ئەلچىخانىلىرى ئورتاق ساھىبخانىلىق قىلغان. پائالىيەتكە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2016-يىلىغا كەلگەندە بۇ زۇلۇم تەرەققىي قىلىپ، ئىرقىمىز، كىملىكىمىز، مەدەنىيىتىمىزدىكى پەرقلەر ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىمىز سەۋەبلىك بىزنى يوقىتىش نىشانىغا ئالدى. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىرقانچىسىنى مىسالغا ئالساق، كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ مېڭە يۇيۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئېغىر تۈرمە جازالىرىغا دۇچار قىلىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۆكۈپ ئېلىپ سېتىش، جەسەت كۆيدۈرۈش قاتارلىقلار بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋۇجۇدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. ئۇلار مەجبۇرىي تۇغماسلىققا، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە، خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا زورلاندى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تۇغۇت نىسبىتى 0 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى».

روشەن ئابباس خانىم بۇ نۇتۇقىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ غەرب دۇنياسىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ساختا تەشۋىقات ئۇرۇشى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، ئۆزىنىڭ ئىرېلاندىيەگە كەلگەندىن بۇيانقى بەزى تەسىراتلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرېلاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا تىرىشقانلىقىنى كېچىكىپ بىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن تۈركىيە باش ئەلچىسى ھاكان ئولجاي، 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن
ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن تۈركىيە باش ئەلچىسى ھاكان ئولجاي، 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن (RFA/Ekrem)

دەرۋەقە، روشەن خانىمنىڭ دۇبلىندىكى پائالىيەتلىرى ئۇنچە تىنچ ئۆتمىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى دەسلەپتە ئاخبارات ساھەسىنى روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلىشتىن توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارغا دائىر ساختا رېئاللىقلارنى بايان قىلىپ خەت يازغان بولسا، ئارقىدىنلا دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە 10 يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشقان، ئەمما مەقسىتىگە يىتەلمىگەن. «ئىرېلاندىيە ۋاقتى گېزىتى» 6-دېكابىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، روشەن خانىمنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشقان ۋە ئىرېلاندىيەلىكلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئويۇنلىرىدىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن لىتۋانىڭ ئىرېلاندىيەدىكى باش ئەلچىسى مارىيۇس گۇدىناس (مارىجۇس گۇديناس)، 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن
ئوڭدىن سولغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن لىتۋانىڭ ئىرېلاندىيەدىكى باش ئەلچىسى مارىيۇس گۇدىناس (مارىجۇس گۇديناس)، 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن (RFA/Ekrem)

7 دۆلەتنىڭ دۇبلىندىكى ئەلچىخانىلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان لىتۋانىڭ ئىرېلاندىيەدىكى باش ئەلچىسى مارىيۇس گۇدىناس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن مەزمۇت تۇرۇش لازىملىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتىمىز. ئەركىنلىك، سۆزلەشكە ئەرزىيدىغان تېما. ئەمما بىز دېموكراتىيە دەۋرىدە ياشاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى، دوكلاتلارنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇنىڭدا».

ئوڭدىن سولغا مىسىرنىڭ باش ئەلچىسى موھامەت سارۋات سەلىم بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن
ئوڭدىن سولغا مىسىرنىڭ باش ئەلچىسى موھامەت سارۋات سەلىم بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس. 2023-يىلى 6-دېكابىر، دۇبلىن (RFA/Ekrem)

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ھاياتى تەھدىتلەرگە يولۇقۇۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى قوغداشنى غايە قىلغان «ئالدىنقى سەپ قوغدىغۇچىلىرى » ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان «ئىرېلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك كومىتېتى»، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان «ئىرېلاندىيە سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى» ھەمدە خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشنى غايە قىلغان «دۇبلىن شەھەرلەر ئارا دىنلار مۇنبىرى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا دۇبلىنغا قايتىدىن بىر كېلىشنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ ئىرېلاندىيەلىكلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ يەنىمۇ كەڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.