خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئامېرىكا ئۈچۈن «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» تىن نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.30
nato-radar-xitay-xerite خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشى، ناتونى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ رايوندا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشمۇ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ساھىبخانلىقىدىكى 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.
Photo: RFA

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ھەربىي كۈچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئامېرىكا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىشكە ئۆتكەنىدى. ھالبۇكى، ئۆتكەن 10 يىلدا ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچىنى «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» گە مەركەزلەشتۈرگەن.

26-ئاۋغۇست «سۆھبەت» (The Conversation) تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئامېرىكانىڭ قانداق بولۇپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىن ئەمدى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆتكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا 2022-يىل 10-ئايدا ئېلان قىلغان «دۆلەت مۇداپىئەسى ئىستراتېگىيەسى» دە كەلگۈسى 2 يىللىق نىشان بېكىتىلگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە ئۇنىۋېرسال ھەربىي كۈچ بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پىلان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى تېررورچىلارغا قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى ھەم كىچىك دائىرىدە جەڭ قىلىشى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇرۇش پىلانى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىشنى، شۇنداقلا ئالەم بوشلۇقى ۋە تور دۇنياسىدا جەڭ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ ئاساسلىق مەقسەت، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى پەيلىدىن ياندۇرۇش ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 2011-يىل ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئاسىياغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاساسلىق نىشاننىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمما ئامېرىكانىڭ شۇ يىللاردا «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە مالىمانچىلىق ئىچىدە قاپلىغان ئوتتۇرا شەرقتىن دەرھال قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكى مەلۇم. مۇلاھىزىلەرگە كۆرە، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق پاتقىقىدىن چىقالماسلىقى، كۈچىنى شۇ يەرگە خورىتىشى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئالدى بىلەن رۇسىيەگە، ئاندىن ئىسرائىلىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغان خاماسقا ياردەم بېرىشى خىتاينىڭ بۇ غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئۆز دىققىتىنى قايتىدىن ئوتتۇرا شەرققە يۆتكىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ، ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچىنى خورىتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ناھايىتى خەتەرلىك. چۈنكى رۇسىيە، بولۇپمۇ خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر. خىتاي تېررورچى تەشكىلاتلارنى، مەسىلە، ن تالىباننى بىۋاسىتە قوللاپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئىران بىلەن پاكىستان ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا ئىران بىلەن شىمالىي كورېيەنى ئىشقا سېلىپ، تېررورچىلارغا يادرو قوراللىرى تەمىنلىشى مۇمكىن. خىتاي بىلەن رۇسىيە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە، بۇلار ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچۈن چوڭ تەھدىت پەيدا قىلدى».

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى، خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو ھەقتە پەرقلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىغا پېتىپ قالغانچە، رۇسىيە بىلەن خىتايدەك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى خەۋپسىزلىك ۋە باشقا مەقسەتلىرىگە تېخىمۇ ئاسان يېتىدۇ. ئوتتۇرا شەرق چوڭ بىر سىياسىي مالىمانچىلىق رايونى، خىتاي 2005-، 2007-يىللىرى پەلەستىنگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەكچى بولغانىدى، كېيىن ئۇنىڭدىن چاتاق چىقتى. ئەمما ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى. خىتاي يەنە ئىرانغا قورال سېتىۋاتىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشتا ئورتاق پىلانى بارمۇ يوق، بىلمەيمەن. قارايدىغان بولساق، ئامېرىكانىڭ ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە قىلىۋاتقان ئىشلىرى كۆپ ئەمەس، ئۇ پەقەت ئىسرائىلىيەگە قورال تەمىنلەۋاتىدۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرققە ئەسكەر ئەۋەتمىدى، پەقەت ئۇ رايوندىكى ھەربىي بازىسى ۋە كۈچىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنيادا بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىنى بىر قانچە سەپكە بۆلۈۋېتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ رايون مەنپەئەتى ۋە خەۋپسىزلىك نىشانىغا يەتمەكچى ئىكەن.

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئاسىياغا قاراتقاندىن كېيىن، ھىندىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن خالىي، ئوچۇق رايون قىلماقچى بولغان. ئەمما خىتاي بۇ ئىتتىپاقنىمۇ بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قارىماققا تىنچلىق تەرەپدارى بولغان بىلەن، ئاستىرتىن تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن تەڭ خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، مانا بۇلار ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

«سۆھبەت» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن 20 يىلدا ھاۋا ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيە ۋە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلغان مەبلىغى ئېشىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىپ قالاي دېگەن.

2023-يىل 12-ئايدا، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتاينىڭ لوپنۇردا يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاينىڭ لوپنۇردىكى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى يادرو سىناق بازىسىنى ئاساس قىلىپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يادرو بومبىسىنى پارتلىتىشقا ۋە ئەجەللىك رادىياتسىيە كۈچىنى چەكلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان غايەت كەڭ ۋە ئۇزۇن تونېل قېزىلماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا يادرو قوراللىرىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشى ئامېرىكانىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما گەرچە دۇنيانى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى يېڭىلاش خامچوتىنى تەستىقلىغان.

بۇ يىل 3-ئايدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئامېرىكانىڭ يېڭى يادرو ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئىمزالىغان بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا بۇ ئىستراتېگىيەنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ئۆتكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان يادرو كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.