خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە ئەركىن قويۇپ بېرىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا
2023.08.18

خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 78 دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىشىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، 13-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى كوۋىد-19 ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا دۆلەتلەرگە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ بېرىشىغا چەكلىمە قويغانلىقى، ئەمما ھازىر بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ئورۇن بەردى.
خىتاي ساياھەت ئۆمەكلىرى ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 78 دۆلەت ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى بەزى ساھەدىكى كىشىلەرنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنسىرەش پەيدا قىلماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇرغان تۇزىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ 2017-يىلىدىن تارتىپ جازا لاگېرلىرىغا، ھەتتا تۈرمىلەرگە سولانغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە 16-ئاۋغۇست كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە تۇزىقىنى قۇردى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلغان مۇھەممەد ئالىي ئاتايۇرت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قۇرغان يەنە بىر قېتىملىق تۇزىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تەڭپۇڭسىزلىق كۈنسايىن زورىيىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ سوممىسى زور دەرىجىدە ئازايغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى خىتاي ساياھەتچىلەر ئارقىلىق ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەنىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى، 2021-يىلى 9-ئايدا خىتاي پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ تور ئارقىلىق ۋىزا ئېلىپ تۈركىيەگە كىرەلەيدىغانلىقى، تۈركىيەدە ھېچقانداق رەسمىيەت ئۆتمەي 30 كۈن تۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت چىقارغانىدى. بۇ ھۆججەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى، تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى بىرلىكىنىڭ تور بەتلىرىگە قويۇلغانىدى. تۈركىيەدىكى ساياھەت ئوبزورچىسى ئابدۇراخمان يىلدىرىم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەگە ساياھەتچىلەرنى ئەۋەتىشى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازما جاۋاب ئەۋەتتى: «خىتاينىڭ تۈركىيەنىمۇ 78 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان تىزىملىككە كىرگۈزۈشىدىكى سەۋەب پۈتۈنلەي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن دەپ ئويلايمەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرەگە كەلگەندىمۇ بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىشى ئۇلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى، بۇ مەسىلىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشى، تۈركىيەگە كېلىپ كەتكەنلىكى، تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈركىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ئىگە چىقىشى كېرەك. 21-ئەسىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك كىملىكلىرىگە قارىتا زۇلۇم» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات 2021-يىلىغىچە ئاشكارىلانغان ۋە تۈركىيەدىن توپلانغان مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ ھازىرلانغانىدى. دوكلاتتا تۈركىيەدە 80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش، تىجارەت قىلىش، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتاينىڭ تۈركىيەگە جاسۇس ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، ئەڭ ۋەھىمىلىك بولغىنى خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا تۈركىيەگە كېلىپ كەتكەن كىشىلەر دۇچار بولغان كۈلپەتلەر دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن بۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىشىنى ئەركىن قويۇپ بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ لاگېرلارغا ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدىغۇ؟
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىي كىرىزىسقا ئۇچرىدى. شۇڭا خىتاي ھازىر يېڭى بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ساياھەت توغرىسىدىكى قارارىمۇ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تۈركىيەنى بۇ تىزىملىككە قويۇشى، بەلكى تۈركىيەنىڭ تەلىپى بىلەن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەن ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدىمۇ، مەيلى تۈركىيە پىرېزىدېنتى بولسۇن، مەيلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسۇن ھەممىسى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغانىدى» .
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۇنداق بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىراپ چەتئەلگە چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر. تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ساياھەت قىلىپ كېلىشى مۇمكىن. سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كېلىشى مۇمكىن، بەزى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەگە كېلىشىمۇ مۇمكىن. تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بارىدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش تۇيغۇسى ۋە سودا مەنپەئەتىنىڭ كۈچى بىلەن بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. خىتاي ئېلان قىلغان 26 دۆلەتكە بارغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇرلار تېخىچە تۈرمىدە ۋە جازا لاگېرلىرىدا. ئۇيغۇرلار بۇ ئاچچىق ساۋاقنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە دەرھال ئىشىنىپ كېتىشىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قاتتىق ناچارلىشىپ كېتىشىدىن بۇنداق سىياسەتنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى، خىتاي ئىقتىسادىنى ئازراق ئوڭشىۋالسا يەنە بىر نەرسىلەرنى قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ» .
ئەمما ھازىرغىچە تېخى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ خۇددى كوۋىد كېسىلىدىن بۇرۇنقىدەك توپ-توپى بىلەن تۈركىيەگە كېلىشى باشلانمىدى. ئاشۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ۋە ياكى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇر لاگېرلارغا سولىنىش باشلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى توختىغاندا تاكى 2020-يىلىغىچە خىتاي ساياھەتچىلەر ئەركىن ھالدا تۈركىيەگە كېلىشكەنىدى.