يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رېئاللىقى تەسۋىرلەنگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. خىتايچە «دىجىتال ۋاقتى» تور گېزىتىدە 6-مارت كۈنى دۇ بيەن تەخەللۇسىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى بىر قىسىم خاتىرىلەر» ناملىق ساياھەت خاتىرىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
مەزكۇر ساياھەت خاتىرىسىدە بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە ئۈرۈمچى، قاناس قاتارلىق شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەرنىڭ ھېيتگاھ ئەتراپىدا يولۇققان قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش توسۇقلىرى ۋە نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا كۆرگەن ئەھۋاللار تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئاپتور ئۈرۈمچى ئايرودرومى يېنىدىكى مېھمانخانىغا كىرىشى بىلەنلا تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئۇ ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تۇنجى قېتىملىق قاتتىق تەكشۈرۈشنى ئۈرۈمچى ئايرودرومى يېنىدىكى كىچىك مېھمانخانىدا باشتىن كەچۈردۈم. مېھمانخانىغا كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش ئىشىكى ئورنىتىلغان ئىكەن. ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىققا قارشى ئەسلىھەلەر بار ئىكەن. بۇ يەردە مەن باش قىسمىم رەسىمگە ئېلىنىپ كىملىكىم بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە بىر يۈرۈش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مەشغۇلاتلىرىغا كۆنۈشۈم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن بىلەن بىللە تۇرغان دوستۇم ‹بۇ سۈرەت ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنغانلىققۇ؟› دېگىنىدە، مېھمانخانا مۇلازىمەت ئورنىدىكى يېشى چوڭراق كىشى جاۋابەن (بۇ يەردە) سۈرەت ھوقۇقىڭىزلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقىڭىزمۇ يوق،» دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوراشقا تەمشەلگەن بولساممۇ، ئەمما قالغان مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى.»
ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىكى «چوڭ بازار» دەپ ئاتىلىدىغان دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۆرگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن خىتاي ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈلمەسلىك ئىمتىيازى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«چوڭ بازارغا كىرىش ئېغىزىدا ئىككى لىنىيە ئېچىلىپتۇ. بىرى مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان لىنىيە، يەنە بىرى كىملىك بىلەن تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىغان لىنىيە ئىكەن. ئۆچىرەتتە تۇرغان چېغىمدىلا كىملىكىمنى چىقىرىپ تەكشۈرۈشكە ھازىرلاندىم، ئېسىۋالغان سومكامنىمۇ تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا تاشلىدىم. ئەمما بۇنداق قىلىشىم ئەسلىدە ھاجەتسىز ئىكەن. تەكشۈرگۈچى مېنى ئالدىغا مېڭىشقا سۈيلىدى. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ خىتايلارغا خاس چىرايىم بىلەنلا بازارنى بەھۇزۇر ئايلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار، قاناس ئالاھىدە مەنزىرە رايونى ۋە قەشقەردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىمۇ ساياھەتچىلەر يەرلىكلەر ئۇچرايدىغان سومكا ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈشتەك قىسمەتلەرگە ئۇچرىمايدىكەن.»
ساياھەت خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىدە بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىغا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغىنى قەشقەردىكى قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قۇرۇلمىسى بولغان.
بۇ ئەھۋاللارنى ئۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن قەشقەر شەھىرىدىكى ياشلار مېھمانخانىسىدا 3 كېچە قوندۇم، بۇ مېھمانخانا ھېيتگاھ مەسچىتىگە يېقىن ئىكەن. بۇ يەردىكى مىللىي ئۇسۇلۇپتا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كىشىنى جەلپ قىلاتتى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلى بولغىنى ئۈچۈن ھەممىلا جايغا قادالغان قىزىل بايراقلار يەرلىك خاسلىقنى خېلىلا ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. مەن ھەر قېتىم كامېرانى توغرىلاپ قۇرۇلۇشلارنى سۈرەتكە تارتقىنىمدا مەقسەتلىك ھالدا بايراقلارنى تارتماسلىققا تىرىشتىم. كونا بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېغىزى بار ئىدى. ھەر 10 مېتىردا بىر ‹زوراۋانلىق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش كىيىمى› كىيگەن ساقچى ئۇچراپ تۇراتتى. چۈش ۋاقتىدا سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن كىشىلەرنىڭ ئالا كالتەكلەرنى سۆرەپ يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلسەم، ئۇلار دۇكاندارلاردىن تەشكىللەنگەن قوغدىنىش ئەترەتلىرى ئىكەن. بۇ مەنزىرە كىشىگە بۇ جايدا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان خىزمەت ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرەتتى.»
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەردىكى بۇ خىل قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش ۋە نازارەت سىستېمىسى قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلى ھالىتىگە نۇقسان يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ئىپادىلەنگەن مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىشقا تىرىشقان. لېكىن ئۇنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارغا بولغان قىزىقىشى قەشقەردىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «قەشقەردە مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ۋەقە يول بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاياق بوغقۇچۇمنى چىگىۋاتقاندا يۈز بەردى. يېنىمدا بىر خىتاي ساقچىسى ئولتۇراتتى. ئۇ مەندىن بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەنلىكىمنى سورىدى. مەن ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا ساياھەتكە كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇنىڭ ئىنكاسى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ مەندىن ‹بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆرگۈدەك نېمىسى بار؟ سەن بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلەمسەن؟› دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، ‹بۇ جايلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى مېنى قىزىقتۇرىدۇ، › دېدىم. ئۇ مەندىن يەنە قايتۇرۇپ سوئال سورىدى. ‹سەن راستىنىلا بۇ قۇرۇلۇشلارنى چىرايلىق دەپ قارامسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى. بۇ يەردە مىللىي ئۇسلۇبتىكى نەرسىلەر چەكلىنىدۇ، › دېدى. ئاندىن ئۇ ماڭا ئاستا پىچىرلاپ، ‹بۇ قۇرۇلۇشلار چېقىلىشى مۇمكىن. › دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىنى كۈتمىگەن ئىدىم.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ساقچىنىڭ مېنى تۇيۇقسىز سوراق قىلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇ مەندىن‹سەن جاسۇسمۇ؟›، ‹سەن راستلا ئوقۇغۇچىمۇ› دەپ سورىدى. ھەتتا مەندىن كىملىكىمنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مەندىن ‹94-يىلى تۇغۇلغان ئىكەنسەن، تېخىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋېتىپسەن-دە؟› دېگىنىدە مەن تەمتىرەپ كەتتىم. كېيىن مەندىن يەنە بىرقانچە سوئاللارنى سورىغاندىن كېيىن ساقچى كېتىپ قالدى. ئەمما مەن ياتاققا قايتىپ كېلىپمۇ بىر-ئىككى سائەتكىچە قورقۇنچ تۇيغۇسىدا قالدىم. بۇ مېنىڭ قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى كۈنۈم بولسىمۇ، ئەمما كاللامنى بۇ يەردىن دەرھال كېتىش خىيالى چىرمىۋالدى. ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزۈمگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋالغىنىمنى ھېس قىلغىنىمدىن باشقا يەنە ھېلىقى ساقچىنىڭ ‹سەن بۇ بىنالارنى چىرايلىق دەپ بىلەمسەن؟› دېگەن سۆزلىرىنى ئويلايتتىم.»
مەزكۇر ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ ئىنكاس قوزغىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ساياھەت خاتىرىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. دىلشات رىشىت ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتقان، مىليونلارچە ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋەزىيەتتە بىر خىتاي ساياھەتچى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ساياھەت خاتىرىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ساقچى دۆلىتىدە ياشاۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنىڭ خىتاينىڭ ئۆز پۇقراسى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.