خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 18-ئىيۇن جۈمە كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەتنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ بىر پارچە خەۋەر ماقالىسى تارقاتقان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت جۈمە كۈنى چەتئەلدىكى بىر قىسىم شىنجاڭلىقلارنىڭ رايوندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈردى. شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنى بۇنداق ئەخمەق ۋە زېرىكىشلىك ھىيلىنى ئويناشنى توختىتىشقا چاقىردى»
باياناتچى ئېلىجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك 4 تۈرلۈك ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:
«بىرىنچىسى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلىقتىن تۇغقانلىرى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدىكەن. ئىككىنچىسى، چەتئەللەردىكىلەرنىڭ تۇغقانلىرى قاتىللىق، باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىسى، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› دىن زەھەرلەنگەنلەر تاپقان مىش-مىش پاراڭ بولۇشى مۇمكىن ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىماللىق بولسا ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ داۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا بەرگەن بۇ جاۋابى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر، مۇستەقىل ئورگانلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار ۋە لاگېر شاھىتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن باھانىلىرى ئىنتايىن كۈلكىلىك. چۈنكى ھازىرقىدەك ئۇچۇرلاشقان، تورلاشقان دەۋردە بىر ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشتىنمۇ ئاددىي بىر ئىش يوق».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بولسا خىتاينىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا، كىشىلەرنى جىنايەتچى ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى دەپ قارىلىۋاتقانلىقى، ھالبۇكى قانۇن بويىچە جىنايەتچىلەرنىڭمۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندىمۇ 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، يولدىشى، ئايالى، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتىدۇ. يېقىنلىرىڭىز بىلەن 4 يىل ئالاقە قىلالماسلىق دېگەن بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن ھەم مۈشكۈل ۋاقىت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا ئىنتايىن بىمەنە باھانىلەرنى كۆرسىتىشى يەنە كېلىپ ئادەملەرنى جىنايەتچىلەر دەپ قارىلىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھەرىكەت. بۇ كىشىلەر ھېلىغۇ جىنايەتچى ئەمەس، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان تەقدىردە جىنايەتچىلەرنىڭمۇ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ».
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت يەنە شۇ كۈنى چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭنىڭ بولسا يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان شىنجاڭلىقلارنى سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈش پروگراممىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى بېرىدىغانلىقىنى، بۇ پروگراممىنىڭ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى تۈركىيەدە يۈزلەرچە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئايلاردىن بېرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىمۇ پەقەتلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىش ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىستانبۇلدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە تۇغقانلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، دېدى.
ھېنرىي شاجېۋسكى بولسا «مۇشۇ سۆزنى قىلغان شۈ گۈيشياڭ ئۆزى ئۆيىدىن ئايرىلىپ ساياھەتلەرگە چىققاندا ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈش پروگراممىسىنى ئىشلىتەمدىكەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۈ گۈيشىياڭ ئۆزى چەتئەلگە چىقىپ ئۆيدىكىلىرى بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغاندا ئۇ ‹توغرا، مەن ھۆكۈمەت پروگراممىسى ئارقىلىق سۆزلىشەي›، دەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ياق. ئۇ دەرھال قولىغا تېلېفوننى ئالىدۇ ياكى ئۈندىدارغا ئوخشاش ئالاقە ئەپلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن بۇنى ئويلىشى كېرەك؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى خۇددى ئۇيغۇرلارغا بىر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرىۋاتقاندەك تەشۋىق قىلىشى بەك كۈلكىلىك».
بىز ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئالماقچى بولغان بولساقمۇ تېلېفونىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى تونۇغان ۋە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان دۆلەتلەر تەنقىدلەنگەن. باياناتچى شۈ گۈيشىياڭ سۆزىدە «بۇ دۆلەتلەر خاتا ئۇچۇرلارغا، ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ قارار چىقاردى، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تەشەببۇسىنى بەزى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ يالغانچىلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى قاتتىق قانۇنىي تەرتىپ ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ» دېگەن.
ھېنرىي شاجېۋىسكى بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەكۈنىنىڭ دەل خىتاي دېگەندەك ئۆلچەملەر بويىچە چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يەكۈن خەلقئارالىق قانۇنلار ئاساسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى، مۇستەقىل ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن باھالىشى نەتىجىسىدە ئېلان قىلىندى. بىراق خىتاي بۇ يەردە مۇنازىرە يارىتىش ئارقىلىق سوئالغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا دىققەت بۇراۋاتىدۇ. خىتاي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال ئىنتايىن ئاددىي! ئۇ بولسىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى قېنى، ئۇلار بىلەن نېمىشقا ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ؟ خىتاي مانا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك».
ھېنرىي شاجېۋسكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ «مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىدىن باشقا ھەممىسى دىققەتنى بۇرىغانلىق، ۋاقىتنى سوزغانلىق ۋە ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.