خىتاينىڭ «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى لوندوندا بازارغا سېلىشنى تەلەپ قىلىشى كۈچلۈك ئاممىۋى قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى لوندوندا بازارغا سېلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە بۇ تەلىپىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىق مەسىلىسى، ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقى (Reuters) نىڭ 3-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلات، ناۋادا ئەنگلىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى «شېيىن» (Shein) گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) نى تەستىقلىسا، بۇ دېلونى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ باھالىشىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندىن بۇيان «شېيىن» (Shein) شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە «شېيىن» گۇرۇھى نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن، ئامالسىز لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى ئەنگلىيە ئاكسىيە بازىرىغا سېلىشقا قارشى چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنگلىيەدە جىددىي دىققەت قوزغىماقتىكەن.

رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە بۇ يولدىن قايتماي، «شېيىن» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىشى ۋە ئەنگلىيە پاي چېكى بازىرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىش (IPO) بولسا، شەخسىي شىركەتنىڭ دەسلەپكى ئاشكارا تارقىتىش پېيىنى تۇنجى قېتىم ئاممىغا سېتىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاكسىيە بازىرىغا پاي چېكىنى سالغان شىركەتنى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن مەبلەغ توپلاپ، شەخسىي ئىگىدارچىلىقتىن ئاممىۋى ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ 2024-يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. ۋاھالەنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار، بولۇپمۇ ياشلار ياقتۇرىدىغان مودا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئەرزان سېتىلىشى بىلەن خەلقئارادا سېتىش بازىرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان «شېيىن» شىركىتى، ئىزچىل تۈردە «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرلۈك تالاش-تارتىش ۋە تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

ئەنگلىيەدىكى «لېي كۈنى ئادالەتسىزلىككە قارشى ئادۋوكاتلار شىركىتى» (Leigh Day Lawyers against injustice) نىڭ ئۇچۇر ئالاقە ئىجرائىيە ئەمەلدارى جول شۇتېر (Joel Shooter) رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

«خىتاينىڭ ‹شېيىن› گۇرۇھى دەسلەپتە ئامېرىكا بازىرىغا پاي چېكى ساتماقچى بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇلارنى باشقا پاي چېكى بازارلىرىغا كىرىشكە مەجبۇرلىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ نېمىشقا لوندوننى تاللىغانلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ‹شېيىن› دىن ياكى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئورگىنىدىن (FCA) ‹شېيىن› نىڭ لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىدۇق. »

جول شۇتېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، «لېي كۈنى ئادالەتسىزلىككە قارشى ئادۋوكاتلار شىركىتى» ھازىر «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىنىڭ «شېيىن» پاي چېكىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ھەرىكىتىگە قانۇنىي ۋاكالەتچىلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ خېرىدارىمىز، يەنى < ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات> تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ‹شېيىن› نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەيدىغان ئىشەنچلىك پاكىتلىرى بار. ئەنگلىيەنىڭ ‹ھازىرقى زامان قۇللۇقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى› غا ئاساسەن، باشقىلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش ياكى زورلاش قانۇنسىزلىقتۇر. ئەگەر ‹شېيىن› نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ھاسىل بولغان ھەرقانداق مەھسۇلات ئەنگلىيەنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن قانۇنسىز مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىسادىي جىنايەت تۈرىگە كىرىدۇ. ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات› تەشكىلاتى، ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئورگىنىغا مالىيە جىنايىتىگە ئائىت ئىشەنچلىك ئەيىبلەشلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ خىل ئېھتىماللىقنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان ئەھۋالدا، بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىنىشىنى تەستىقلاشنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتتى.»

رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتى تاكى «شېيىن» نىڭ ئەنگلىيەدە پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىشنى تەستىقلاش تەستىقلىماسلىقىنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولغۇچە، يەنە داۋاملىق ھالدا بۇ جەھەتتىكى دەلىل-پاكىتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى تەييارلاشنى توختاتمايدىكەن.

نۆۋەتتە ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ «شېيىن» گۇرۇھى پاي چېكىنىڭ لوندوندا پاي چېكىنى ئاممىغا سېتىشنى يولغا قويۇش قويماسلىققا قارار چىقىرىشى، ھەر ساھەنىڭ داۋاملىق دىققەت نۇقتىسىدا تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.