ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاينىڭ ھىكۋىسيون شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى ساقلاپ بېرىۋاتقان شىۋېتسارىيەنىڭ UBS بانكىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىندى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر بانكىلاردىن ھېسابلىنىدىغان UBS ئۈستىدىن شىۋېتسارىيە فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىگە ئەرىز سۇنغان. ئەرزدە مەزكۇر بانكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتقان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ياساپ چىققان خىتاينىڭ ھىكۋىسيون شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى ساقلاپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىۋېتسارىيەنىڭ UBS بانكىسى 959 مىليارد دوللار مەبلىغى، 66 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىدۇر. مەركىزى شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىچ شەھىرىگە جايلاشقان بۇ بانكا 1872-يىلى دۇنيادىكى 30 دىن ئارتۇق ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇش ۋە بايلارنىڭ مەبلەغلىرىنى ساقلاپ بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىۋېتسارىيەنىڭ «بلىك» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن ئېلان قىلغان «فېدىراتىپ ھۆكۈمەت UBS نىڭ مەبلىغىنى تەكشۈرۈشى كېرەك» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ بانكىنى خىتاينىڭ ھىكۋىسىيون شىركىتىگە پاي قوشقانلىقى ۋە ھىكۋىسىيون شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى ساقلاپ بەرگەنلىكتە ئەيىبلەپ، فېدىراتىپ ھۆكۈمەتتىن UBS بانكىسى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خەۋەردە مەركىزى شىۋېتسارىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» دىن باشقا بۇ ئەرز سۇنۇشقا قاتناشقان باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى UBS ئۈستىدىن فېدىراتىپ ھۆكۈمەتكە ئەرىز سۇندى. سەۋەبى بۇ بانكا خىتايدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتى ياسايدىغان ھىكۋىسىيون شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى ساقلاپ بەرمەكتە. ھىكۋىسىيون شىركىتى ياساپ چىققان كۆزىتىش كامېرالىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكتە. قانچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىدا مۇشۇ شىركەتنىڭ كامېرالىرى قوللىنىلماقتا. بۇ شىركەت ئىلگىرى تور بەتلىرىدە بۇ كامېرالارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تونۇۋالالايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ ھىكۋىسىيون شىركىتى ئالدىنقى ئايلاردا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالىنىدىغان ئورگانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شىۋېتسارىيە بانكىسى بولسا ئۇزۇندىن بۇيان بۇ شىركەتكە پاي قوشۇپ كەلمەكتە. UBS بانكىسى خىتاينىڭ ھىكۋىسىيون شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشى كېرەك.»
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، UBS بانكىسى بۇ ئەرزلەر سەۋەبلىك خىتاينىڭ ھىكۋىسىيون شىركىتىدىكى پايچېكىنى بەلگىلىك مىقداردا تۆۋەنلەتكەن. ئەمما زادى قانچىلىك پايچېكى بارلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. UBS بانكىسىنىڭ باياناتچىسى سامۇئېل براندنېر 21-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە توختالغاندا «UBS بانكىسى تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشقا تېرىشماقتا،» دېگەن.
UBS بانكىسى ئۈستىدىن شىۋېتسارىيە فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىگە ئەرىز سۇنغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىچىدە شىۋېتسارىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» مۇ بولغان. بۇ تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى UBS نىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن كرىستىيان لئېتز ئەپەندىگە خەت يېزىپ، بۇ بانكا پاي قوشقان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى ھىكۋىسىيون دېگىتال كامېرا شىركىتىنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان ۋە UBS بانكىسىدىن ھىكۋىسىيون بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار خېتىدە بۇ بانكا دائىرىلىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، UBS بانكىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشقا ھەسسە قوشۇۋاتقان ھىكۋىسىيون بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ زادى قەيەردىن قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
بىز مەركىزى شىۋېتسارىيەنىڭ بېرن شەھىرىدە بولغان «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بىلەن ئالاقە قىلالمىغان بولساقمۇ، مەركىزى گېرمانىيەنىڭ گۆتتېنگېن شەھىرىدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەشكە تېرىشتۇق. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىۋېلىپ ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھىكۋىسىيون شىركىتى بولسا بۇنىڭغا تېخنىكىلىق ياردەم بەرگەن بىر ئورگان. شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ بۇنداق بىر زوراۋانلىققا ھەمتاياق بولىدىغان نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتكە پاي قوشۇشى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا شېرىك بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز UBS شىركىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.»
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ UBS بانكىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش پائالىيىتىنى ئەسلىدە د ئۇ ق تەشكىللىگەن بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا بۇ ئەرز سۇنۇش ئىشىنىڭ 2019-يىلىلا باشلانغانلىقىنى، خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك مەزكۇر بانكا دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ۋاقتىنچە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئەرزنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتنى قىسقىچە شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
«فېدىراتىپ ھۆكۈمەت UBS نىڭ مەبلىغىنى تەكشۈرۈشى كېرەك» ناملىق خەۋەرنىڭ خاتىمىسىدە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى باستۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇنغا ئىمزا قويۇپ، خىتاينى جازالاش قارارىغا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
بۈگۈن 22-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ بېرن شەھىرىدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» شىۋېتسارىيە فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىگە «شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» بىلەن بىرگە سۇنغان ئەرزىنى تور بېتىدە ئوچۇق ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە UBS بانكىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە دەۋەت قىلىش ئىمزا كامپانىيەسى باشلاتقان، بۇ پائالىيەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 10200 كىشىدىن ئاشقان.
0:00 / 0:00