ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قانۇن ماقۇللاپ خىتاي بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى چەكلىدى
2024.09.11
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 9-سېنتەبىر كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ BGI ۋە «ۋۇشى بىئولوگىيەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى داڭلىق بەش بىئو-تېخنولوگىيە شىركىتى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى چەكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ شۇ كۈنى ماقۇللىغان يەنە بىر قانۇنىدا، خىتاينىڭ داڭلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ شىركىتى-DJI يەنى «داجياڭ كەشپىيات شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇنلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يازلىق تەتىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتا خىزمەتكە چۈشۈشىنىڭ تۇنجى ھەپتىسى خىتاينى نىشان قىلىپ چىقارماقچى بولغان بىر قاتار قانۇن لايىھەلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى خىتاينى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش قانۇن لايىھەلىرى خىتاينىڭ ئىقتىساد، سىياسىي ۋە تېخنولوگىيە جەھەتلەردىكى تەسىر كۈچىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئامېرىكا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مولىنار مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە «ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئورتاق سىگنال» بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ھەرگىزمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىمىزنى ئوغرىلىشى ۋە بىئو-تېخنىكا تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ» دېگەن.
جون مولىنار «بىئو-بىخەتەرلىك قانۇنى» ناملىق بۇ لايىھەسى 9-سېنتەبىر ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى بەس مۇنازىرىدە سۆز ئېلىپ، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئائىت ئېنىق دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. جون مولىنار مۇنداق دېگەن:
«شۈبھىسىزكى، BGI, ‹ۋۇشى تېخنىكىسى› ۋە ‹ۋۇشى بىئولوگىيە شىركەتلىرى›نىڭ ھەممىسى (ئامېرىكا) دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەھدىتلەرنى سالماقتا. بۇنىڭغا ئائىت دەلىللەر ئېنىق، شۇنداقلا بارلىق پالاتا ئەزالىرىغا مەلۇم.»
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ BGI يەنى «بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى» ۋە بۇ شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى MGI بىئو-تېخنىكا شىركىتى، MGI نىڭ ئامېرىكادىكى تارماق شىركىتى بولغان «كومپىلېت گېنېتىك شىركىتى»، «ۋۇشى كاڭدې دورىگەرلىك تېخنىكا شىركىتى» (Wuxi AppTech) ۋە «ۋۇشى بىئولوگىيە شىركىتى» نى چەكلىگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق چىقىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتلەردىن BGI خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتا ئىشلىتىشىگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى گېن تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، BGI نىڭ ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىچىك بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشى ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتلەردىكى گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتۈپ كېتىشىدەك «رېئال خەۋپ» شەكىللەندۈرگەن. مايسەم مۇتەللىپوۋا 10-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بۇ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىشلىتىپ، نىشاندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا «سىياسىي تۇزاق» قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن ئاۋام پالاتاسىدا 81 گە قارشى 306 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان. لېكىن بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭمۇ ماقۇللىشىدىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ قانۇننى قوللىغۇچىلار بۇ قانۇن ئامېرىكالىقلارنىڭ شەخسى سالامەتلىك ۋە گېنېتىك ئۇچۇرلىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا دورا تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداشتىكى زۆرۈر تەدبىر، دەپ قارىماقتا. ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونكرېت شىركەتلەرنى نىشان قىلغان قاراتمىلىققا ئىگە قانۇن چىقىرىشى ئاز ئۇچرايدىغان يېتۈك ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكادىكى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي بىئو-تېخنولوگىيەدە ئامېرىكا جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خۇ پىڭ 10-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ قانۇن دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادى مەنپەئەت ۋە تېخنىكا رىقابىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىلىق نۇقتىنى چىقىش قىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ قانۇننى كېڭەش پالاتاسىمۇ ماقۇللىشى ۋە پىرېزىدېنت ئىمزا قويۇشى كېرەك. بىزگە مەلۇمكى، بىئو-تېخنىكا ساھەسىدە خىتاينىڭ تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى تەسىرى تېز كۈچەيدى. ئەلۋەتتە، ئومۇمى جەھەتتىن خىتاي ئامېرىكاغا يەتمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكاغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلماقتا.»
خۇ پىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىستىبدات بىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ خەۋپ شەكىللەندۈرىدىكەن. خۇ پىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتايدىكى بۇ شىركەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى بىر پارتىيە ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تېخنولوگىيەنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ئەلۋەتتە ئامېرىكىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى دەل مۇشۇ يەردە» دېدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA سىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئامېرىكالىقلاردا «خىتاي قانداقلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىنى ئۇلارنىڭ ئىجازىتىسىز ھەمدە شەخسى مەخپىيەتلىكى بىلەن كارى بولمىغان ھالدا ئىشلىتىۋېرىدۇ؟» دېگەندەك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئىلگىرى BGI شىركىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقى ھەربىي كومپيۇتېر بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاياللىرىنىڭ گېنى بىلەن خاراكتېرىنىڭ باغلىنىشىنى ئانالىز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى BGI شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «گېن بانكىسى» ۋە «ئەدلىيە ھەمكارلىق مەركىزى» قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى BGI نىڭ «شىنجاڭ يىپەك يولى BGI» ۋە «ليۇ خې BGI» ناملىق ئىككى تارماق شىركىتىنى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىشتە يەنە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاپ، بۇ لايىھەنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش يىللىق قانۇنىغا كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى تەكشۈرۈشى، خىتاينىڭ داجياڭ يەنى «DJI تېخنىكا شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا ئالاقە كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكادا سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.