قاتار دۇنيا لوڭقىسى تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن لاگېرلارنى ياسىغان خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان

0:00 / 0:00

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ 20-نويابىر قاتار پايتەختى دوھادا رەسمىي باشلىنىدىغانلىقنى ئۇقتۇردى. پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبۇل مەستانىلىرى ھاياجان بىلەن ساقلاۋاتقان مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «قاراڭغۇلۇق» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

« دەۋر» ( The Times) گېزىتىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتلىشىچە، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىشى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېچىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانى بولغان «لۇسايىل تەنتەربىيە مەيدانى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى ھۆددىگە ئالغان. قاتار بۇ قۇرۇلۇشتا خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسگە باغلىنىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى ياسىغان ئىكەن.

بېڭتۇەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە قولى بولغان يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىق ئورگان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنىدىي مەركىزى بۇ يىل ئىيۇلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئوينىغان رولىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكادىكى كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنز، بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدىن كۈنسېرى ساقلانغىلى بولمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ لاگېر، تۈرمە، نازارەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. بۇ شىركەتلەر ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسىي يەرلىرىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق توختاملارنى تۈزىدۇ. بۇ خىل شىركەتلەرنى بېيجىڭ بىۋاستە قوللايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار ۋە شۇنىڭغا چېتىشلىق بارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىشى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم. خۇددى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغىنىغا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئۈزلۈكسىز سېڭىپ كېرىۋاتقىنىغا ئوخشاش، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىمۇ كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ.»

قاتار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق سىياسىتىگە قارىماستىن، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 6-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا قاتارمۇ بارئىدى.

تونۇلغان ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى، سابىق ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ماھىرى ئەنەس كانتەر فىرىدوم بۇ ھەقتە ئېلىخەت ئارقىلىق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قاتارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى» گە قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ جاۋابىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «قاتارنىڭ خىتايغا تۇتقان بۇ پوزىتسىيەسى، قاتارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قاتارنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى كۆرمەسكە سېلىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. توپچىلار، تىرېنېرلار، پۇتبول مەستانىلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ قېتىملىق پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئوينىلىدىغان قاتاردىكى تەنتەربىيە مەيدانىنى ياسىغان خىتاي شىركىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاماش ئۈچۈن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارنى ياسىغان بىر شىركەتتۇر. سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىبلىس بىلەن ھەمكارلىشىش بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن.»

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» (Middle East Eye) گېزىتىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق قاتارنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىشى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشقان بولسا، «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق سىياسىيەت ساھەسىدىمۇ قاتارنىڭ «كۆڭلىنى ئۇتۇش» قا تىرىشقان. خىتاي قاتارغا سوۋغا قىلغان «سۇھەيىل» ۋە «سۈرەييا» دەپ ئەرەبچە ئېسىم قويۇلغان ئىككى دانە مۈشۈكئېيىق 19-ئۆكتەبىر كۈنى قاتارغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوۋ جيەن بۇ سوۋغاتنىڭ «ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا سىمۋول قىلىنغانلىقى» نى ئېيتقان.

رادىيومىز بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، قاتار دۇنيا لوڭقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتى بىلەن ئېلىخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشتۇق. لېكىن ئۇلار رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

قاتارنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد بىن ئابدۇللا ئەل دىخايمى 24-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە بەرگەن زىيارىتىدە، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىشى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى، مۈشۈكئېيىق يېتىشتۈرۈش ۋە ئېنېرگىيە كرىزىسىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ قاتار-خىتاي دوستلۇقىنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىششى پۇتبول مۇسابىقىسى 2022-يىلى 20-نويابىردىن 18-دېكابىرغىچە قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى 2010-يىلى ئېلان قېلىنغان بولۇپ، بۇ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.