ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن چەكلىگەن خىتاي شىركەتلىرى 107 گە يەتتى
2024.11.26
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا يەنە 29 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 107 گە يەتكەن. بۇ قېتىم 29 خىتاي شىركىتىنىڭ جازالىنىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ساندا جازالىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.
22-نويابىر، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF)، 29 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» (UFLPA) غا ئاساسەن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بۇ شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكانىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ھېساب ئېلىپ، ئۇنى توختىتىشقا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتۇر. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىدى؛ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان، شۇنداقلا بىلىپ-بىلمەي بۇ زامانىۋى قۇللۇقتىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان 100 دىن ئارتۇق خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، ئامېرىكادا مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى يوقىتىش، ئىقتىسادتا ئادىل بولۇشنى قوللاش، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە جىنايى قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىمىزدا ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ».
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ قانۇن، ئامېرىكانىڭ ئۆز بازىرىغا ھەرگىز مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› قۇل ئەمگىكىگە زەربە بېرىدىغان كۈچلۈك قورالدۇر. بىز ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىۋاتىمىز ھەمدە كارخانىلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئوبدان بىلىشكە ۋە سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىۋاتىمىز».
22-نويابىر، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 29 خىتاي كارخانىسىنىڭ چەكلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كەتىرىن تەي (Katherine Tai) مۇنداق دېگەن: «بايدىن ۋە ھاررىس ھۆكۈمىتى قارا تىزىملىككە كىرگەن كارخانىلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىك ئىرادىسىنى قايتا ئىپادىلىدى. شىركەتلەر ئىشچىلارنى ئېزىش يولى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالماسلىقى كېرەك. بىز مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئىشچىلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىن نەپ ئېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بۇ قانۇنىمىزنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز».
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2024-يىل 25-نويابىردىن باشلاپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، «شىنجاڭدىن خام ئەشيا سېتىۋالغان، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى يوشۇرغان، يۆتكىگەن ۋە توشۇغان ھەر قانداق شىركەت» نى جازالايدىكەن. بۇ قېتىم جازالانغان 29 شىركەت ئىچىدە تيەنجىن تيەنۋېي يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى مېۋە، كۆكتات ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان شىركەت بولۇپ، بۇ پەمىدۇرلار كورلىدىن كېلىدىكەن. شىنجاڭ جۇڭخې چەكلىك شىركىتى بولسا، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ماتېرىياللىرى، ئاليۇمىن ۋە باشقا ئاليۇمىن قېتىشما ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ، ساپ ئاليۇمىن، ئاليۇمىن قەغەز، ئېلېكتىر ياپراقچىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ شىركەت «يېڭىسار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پىروگراممىسى» بويىچە، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە يۆتكەش ئىشلىرىغا قاتناشقان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ 29 شىركىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا چەكلىنىشى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە ئالغان 29شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 107 خىتاي شىركىتىنىڭ ماللىرىنى چەكلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكى جىنايىتىدىن ھېساب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
يەنە بىر ياقتىن ئەنگىلىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد ئالتون (David Alton) 25-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە پىلانىغا خىتاينى ھەرگىز قاتماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى لىتىيۇم باتارېيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە كونگودىكى بالا قۇل ئىشچىلىرىنىڭ سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىپ كۈنتاختا باتارېيەسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە بولسا، 25 مىڭ بالا ئىشچى لىتىيۇم ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنىۋاتىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار بىزنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم». بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىلى بۇ مەسىلىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭ بىلەن سودا قىلىش» نىڭ خەتىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» گە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرى بار-يوقلۇقىنى مەلۇم قىلمىغان شىركەتلەرگە جازا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادا پىرېزىدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ھېساب ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا دىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش جەھەتتە ئامېرىكانىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىنى چەكلەشتە ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك مەيداندا ئىكەنلىكىنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا قاتتىق سىياسەتلەرنى قوللىنىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.