بىر خىتاي شوپۇر ئۇيغۇر دىيارىدا دۇچ كەلگەن قاتمۇ-قات نازارەت ۋە توسالغۇلار، رايوننىڭ نەقەدەر قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
خىتاي ھاكىمىيىتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە رايوندىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرىگە، ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ب د ت غا، ئۇيغۇر پاجىئەسى توغرىسىدا توختالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇخبىرلارغا قارىتا ئىزچىل ھالدا «شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېتىڭلار»، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تېنىچ، خاتىرجەم، باياشات ھايات كۆچۈرىۋاتىدۇ»، «شىنجاڭدا سىلەر دېگەندەك ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› مەۋجۇت ئەمەس» دېگەننى تەكىتلەپ كەلدى ھەمدە داۋاملىق تىلغا ئالماقتا. ئەمما خىتاينىڭ بۇ سۆزىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغان مۇخبىرلار قەدەمدە بىر توسالغۇلارغا ئۇچراپ، ئەركىن زىيارەتتىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، ھەتتا قوپال مۇئامىلە ھەم دەشناملارغا يولۇقۇپ، ئاقىۋەت خىتاينىڭ ئېيىتقانلىرىنىڭ تامامەن يالغانچىلىقىنى چۈشەنمەكتە ۋە بۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلىماقتا. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر خىتاي شوپۇرى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا دۇچ كەلگەن قاتمۇقات نازارەت ۋە توسالغۇلار، رايوننىڭ نەقەدەر قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل يالغان سۆزلەپ، دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى بولۇپ قالغان.
«بۈيۈك ئىرا» تورى 19-ئاۋغۇست «شىنجاڭغا يېقىلغۇ ئېلىپ ماڭغان شوپۇر ئەڭ قاتتىق كونتىرولنى باشتىن كۆچۈردى» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شەندوڭدىكى مەلۇم بىر ماي توشۇش شىركىتىنىڭ لۇ مىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي شوپۇرى تاپشۇرۇق بويىچە بۇيىل 6-ئايدا «دىزېل مىيى» قاچىلانغان ماشىنىسىنى ھەيدەپ «شىنجاڭ» غا ماڭىدۇ. ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، شىركەت قائىدە بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات، رەسمىيەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنىڭ بىر نۇسخىسىنى شىنجاڭدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا ئالدىن يوللىۋېتىدۇ. ئەمما خىتاي بولۇشىغا ۋە بارلىق رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا قارىماي، بۇ شوپۇر ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم بېسىشى ھامان تۈگىمەس تەكشۈرۈشلەرگە، سوئال-سوراقلارغا، نازارەتلەرگە دۇچ كېلىپ، جېنىدىن جاق تويىدۇ.
16-ئاۋغۇست كۈنى بۇ خىتاي لۇ مىڭ دېگەن يالغان ئىسىم بىلەن «بۈيۈك ئىرا» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمدى مەن شىنجاڭغا ھەرگىز بارمايمەن!» دېگەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: «شىنجاڭغا كىرىپلا ھەر 3 قەدەمدە بىر تەكشۈرۈش پونكىتى، ھەر 5 قەدەمدە بىر قاراۋۇلغا يولۇقتۇم. ھەر بىر مەكتەپ، بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە پۈتكۈل دەرۋازىلارنىڭ ئالدىدا قوراللىق ساقچىلار نۆۋەتتە تۇرىدىكەن. ھەربىر ماي قاچىلاش پونكىتلىرى گويا تۈرمىگە ئوخشايدىكەن، ماي قاچىلىغىچە تىكەنلىك سىملارنىڭ قورشاۋىدا قالىسىز، كىملىكىڭىزنى كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ماي قاچىلىيالايسىز. بىخەتەرلىك پونكىتلىرى، مۇلازىمەت رايونلىرى ھەممە يەردە باركەن. قاتناش ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللاردىمۇ رەسمىيەتلەرنى، كىملىكىڭىزنى كۆرىدىكەن، كود نومۇرىڭىزنى تەكشۈرەيدىكەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىسىڭىز، ئاندىن يولىڭىزنى داۋام قىلدۇرالايدىكەنسىز.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن قارغىلىققا باراتتىم. بىر شەھەردىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ساقچىلار مەن رولغا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا ماشىنامنىڭ ئىشىكىنى پىچەتلىۋەتتى. ئاندىن بىر ساقچى ماشىنىسى ماڭا ئەگىشىپ ماڭدى. ماشىنىدىن چۈشۈشكە، يولدا توختاشقا رۇخسەت قىلمىدى. يېيەلمىدىم، ئىچەلمىدىم. يەنە بىر ناھىيەگە كەلگەندە ماڭا ئەگەشكەن ساقچىلار بارلىق رەسمىيەتلەرنى بۇ ناھىيەنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئەمدى ماڭا بۇلار ئەگەشتى. مەن ئوخشاش شەكىلدە يەنە بىر ناھايىگە قاراپ يولغا چىقتىم. باشقا ماشىنىلار بىلەن يېقىن مېڭىشىمغا بولمايتى، ئالدى-ئارقامدا ماشىنا بولماسلىقى كېرەك ئىدى.»
«بۈيۈك ئىرا» تورى ئۇنىڭدىن شۇنداق سورىغان: «يولدا ھاجەتخانىغا كىرىدىغان ئىشلار بولىدىغۇ؟» بۇ خىتاي شوپۇر مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «تەرىتىم قىستاپ پەقەت بولالمىغاندا، ساقچىلارغا قارىتىپ سىگنال كونۇپكىسىنى باسىمەن. ساقچىلار ماشىنىنى يول بويىدىكى مۇلازىمەت دائىرىسى بار يەرگە باشلايدۇ. ئاندىن ماشىنا ئىشىكىدىكى پىچەتنى ئېلىۋېتىدۇ. مەن ئىشىمنى تۈگۈتۈپ ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، يەنە ئىشىكنى پىچەتلەيدۇ. پۈتۈن سەپەر مۇشۇ يوسۇندا بولدى.»
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ شوپۇر ھەتتا كەچلىرى ناھىيە ئىچىگە كىرىپ مېھمانخانىلاردا ياتالمىغان، دائىم ناھىيە سىرتىدىكى يول بويلىرىدا ماشىنىدا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغان. ساقچىلار ھەر دائىم ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرغان.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇچۇرلارنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقان بولۇپ، لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنىڭ خىتايلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن.
بۇ خىتاي شوپۇرنىڭ ۋەزىپىسى، ئېلىپ ماڭغان «دىزېل مىيى» نى قارغىلىقتىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان بىر ھەربىي بازىغا يەتكۈزۈش بولغان. ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، قارغىلىقتىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ ھەربىي بازا دەل ئالدىنقى قېتىم خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چىېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن رايون ئىكەن.
خىتاي شوپۇر لۇ مىڭ ھەربىي رايونغا يېقىنلاشقاندا تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ھەربىي قاراۋۇلخانىلار، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. ئۇنى ئەمدى ساقچىلاردىن ئەسكەرلەر ئۆتكۈزىۋالىدۇ. ئەسكەرلەر ئۇنى مىنا كۆمۈلگەن يوللاردىن ئېھتىيات بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، «رەسىمگە تارتىشقا، سىنغا ئېلىشقا رۇخسەت يوق. ماشىنىدىن ماينى چۈشۈرىدىغان ئىش بىلەن سېنىڭ ئالاقەڭ يوق،» دېگەن.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ شەندۇڭدىن يولغا چىقىپ، يۇرتىغا قايىتقۇچە بولغان ئارىلىقتا 22 كۈن ۋاقىت ئۆتكەن. بۇ 22 كۈندە دۇچ كەلگەن جىددىيچىلىك، نازارەتتىن بىزار بولغان بۇ خىتاي شوپۇرى «نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمدى شىنجاڭغا ھەرگىز بارمايمەن!» دېگەن
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي شوپۇرى يولۇققان بۇ كىچىك ۋەقەلەردىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يولغا قويۇۋاتقان نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.