ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ دوكلاتى: «مىليونلىغان ساقچى ئون مىليونلىغان ئائىلىلىرىگە كىرىش»
2024.01.10
شى جىنپىڭ 8-يانۋار باشلىنىپ 10-يانۋار ئاخىرلىشىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا «كوممۇنىستىك پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش» ۋە «چىرىكلىككە پولات ئارمىيە بىلەن قارشى تۇرۇش» نى تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىمۇ «خەلققە دوكلات بېرىش» ناملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2023-يىللىق ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ھالبۇكى، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئالدىنقى سەپتە ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك «خىتاي خەلق ساقچىلىرى بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن 9-يانۋار ئۆتكۈزگەن «خەلققە دوكلات بېرىش» ناملىق بۇ يىغىنىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە يۈز بەرگەن جىنايى دېلولارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى سىياسىي جىنايەتلەرگە دائىر ھېچقانداق بىر ئۇچۇر تىلغا ئېلىنمىغان.
ئاتالمىش «دوكلات» نىڭ مۇقەددىمىسىدە «شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى» دېگەن جۈملىدىن باشقا، سىياسىي ۋەزىيەتكە دائىر ھېچقانداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرمىگەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن ئەزەلدىن سىياسىي تەقىبلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماي كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىمۇ خىتاينىڭ بۇ پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ھازىرلانغان.
«دوكلات» تا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن يېمەكلىك ساھەسى ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ساختىكارلىقلار، تور ئالدامچىلىقى، قاتناش بىخەتەرلىكى، ساياھەت بىخەتەرلىكى، تاموژنا قولايلىقى ھەمدە تۈرلۈك ناملاردىكى تورلاشتۇرۇلغان ئىقتىسادىي رەسمىيەت بېجىرىش ساھەلىرىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا بىر تالاي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۆزلىرى بىۋاسىتە قول سېلىپ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ بۈگۈنى، ئىستىقبالى توغرۇلۇق قىلچە زۇۋان سۈرمىگەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش دوكلاتىنى «خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئاتالمىش «دوكلاتى» دا يەنە دىققەتنى تارتىدىغان مۇنداق بىر ئابزاس قوللىنىلغان: «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى› نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹فېڭچياۋ ئۇسلۇبى› دىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىخانىلىرىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ، ‹مىليونلىغان ساقچى ئون مىليونلىغان ئائىلىلەرگە كىرىش› ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ‹چوڭ زىيارەت، چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ ھەل قىلىش› نى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر بۆلۈك توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم» .
مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ‹مىليونلىغان ساقچى ئون مىليونلىغان ئائىلىلەرگە كىرىش› نىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان زور تۇتقۇنلارغا كۆرە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولسىمۇ، ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى› نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن يەنىلا سىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1963-يىلى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» دولقۇنى مەزگىلىدە «پومېشچىكلار، باي دېھقانلار، ئەكسىلئىنقىلابچىلار ۋە بۇزۇق ئۇنسۇرلار» غا زەربە بېرىش ئەۋجىگە چىققان. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان جايلاردا يۇقىرىقى «4 خىل ئۇنسۇر» لارنىڭ «بىر قىسمىنى قاماش» ، «بىر قىسمىنى كۈرەش قىلىش» ، «بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈش» شامىلى يۇقىرى پەللىگە چىققان. بىراق جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو ئالاھىدە رايونىغا تەۋە جۇجىن ناھىيەسىنىڭ فېڭچياۋ رايونى بۇ مەزگىلدە «تۆت خىل ئۇنسۇرلارنى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق باش ئەگدۈرۈش لازىممۇ ياكى مەدەنىي ئىنقىلاب بىلەنمۇ؟ » دېگەن مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرى «مەدەنىي ئىنقىلاب» يولىنى تاللىۋالغان. ئۇلار خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، «4 خىل ئۇنسۇر» لارنى داۋاملىق نازارەت قىلىش، كۈرەشكە تارتىش، تەربىيە خىزمىتى ئىشلەش، قايىل قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن باش ئەگدۈرگەن. مانا بۇ خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى، شۇ چاغدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دەپ ئاتالغان.
بىراق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ تىلغا ئالغىنى «يېڭى دەۋردىكى فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە يەرلەرنى كامېرالار بىلەن نازارەت قىلىش، «مىليونلىغان ساقچى ئون مىليونلىغان ئائىلىلەرگە كىرىش» تەك زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولماقتا.