2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ساناقلىق كۈنلەر قالدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئورۇنلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» داۋام قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، خۇددى تارىختا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە 1936-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى بەرگەنلىك بىلەن ئوخشاش، دەپ قارىماقتا.
غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەر خىل شەكىلدە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
25-يانۋار كۈنى خەلقئارادىكى داڭلىق «ئاقىللار مەركىزى» نىڭ بىرى بولغان ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر سۆھبەتكە ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق سۆزلىگۈچىسى فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، ژۇرنالىست، فىلىم ئىشلىگۈچى بېرنارد-ھېنرى لېۋى ئەپەندى بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى رولى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ خۇدسون ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مۇنبەردە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ بېرنارد-ھېنرى لېۋى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشىنىڭ ناھايىتى زور تەسىر ۋە ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېرنارد-ھېنرى لېۋى ئەپەندى سۆھبەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزنى بەلگىلىمىسەك، بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىقنى ھەر يەردە دائىم خاتىرىلىتىپ تۇرمىساق، ئۇلارنىڭ ئىسىمنى مېڭىمىزگە ئورناتمىساق، كوممۇنىستلارنىڭ چىكى يوق، ئۇلار توختىمايدۇ. تەيۋەنگە ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، خىتاي دىكتاتور بىر دۆلەت. دىكتاتورلار مەڭگۈ ھوقۇق ۋە كۈچكە تويمايدۇ. ئىككىنچىدىن، بىلگىنىمىزدەك كوممۇنىستلار بەك رەھىمسىز كېلىدۇ. ئۇلار خرىستىيان، يەھۇدىي ۋە ئىسلام ئېتىقادىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. كوممۇنىزمدىن باشقا ئېتىقاد بولۇشقا يول قويمايدۇ.»
سۆھبەت داۋامىدا لېۋى ئەپەندى يەنە كېلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا ئىرقى قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش تەرەپدارلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى پوزىتسىيە» دەپ تەنقىدلىدى.
لېۋى ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە پۈتۈن دۇنيادا سەككىز دۆلەت پارلامېنتىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پەرۋاسىزلىق، قورقۇنچاقلىق، لىدىرلىق رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىق ۋە خىتايدىن قورقۇش كەيپىياتى مەۋجۇت. خىتاي دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۈچ. ئەگەر ھەقىقىي لىدىرلار چىقىپ خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرمىسە، كومپارتىيە خالىغانچە قارارىنى چىقىرىۋىرىدۇ. ئامېرىكا دۇنيادىكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ مەركىزى. ئامېرىكا ھەتتا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خاتالىقلىرى بىلەنمۇ يۈزلىشەلەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نېمە دېيىشى ۋە بەزى سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا قۇدرەتلىك دۆلەت.»
20-يانۋار كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيە پارلامېنتى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش ۋە ياكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
لېۋى ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بۇ ھەقتە سورىغان سۇئالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭ ئۈچۈن خىجىلمەن. مەن ۋەتەنپەرۋەر بىرىمەن، دۆلىتىمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن پرېزىدېنت ماكرونغا ئاۋاز بەرگەن، يەنە بېرىمەن، ئەمما فىرانسىيەنىڭ خىتايغا قارشى بىر كۈچلۈك سەپكە قوشۇلمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم. ھېچبولمىغاندا، فرانسىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلالايتتى. لېكىن فىرانسىيەگە بولغان ئۈمىدنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتمەيلى، كۈتۈپ باقايلى، مېنىڭچە، فىرانسىيە بۇ ھامان سەپكە قوشۇلىدۇ.»
ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ سۆھبەت جەريانىدا فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، ژۇرنالىست، فىلىم ئىشلىگۈچى بېرنارد ھېنرى لېۋى ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئىنكار قىلىۋاتقانلارنى تارىخىنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىردى.