خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى پەن يۆ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ بىر ياقتىن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى نىشان قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەنىدى. ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي مەيدانى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى، 2020-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) نىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەمدە يېقىندا كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ تولۇق ئەزالىقىغا سايلانغان پەن يۆ بولۇپ، پەن يۆنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەپ باھالانماقتا.

بۇ قاراشنى ئالغا سۈرگۈچى ئارون گلاسسېرمان ئەپەندى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پائۇل ۋە ماركيا ۋىتېس تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى. ئۇ، خىتاي ئارخىپلىرى (China File) ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان «‹مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى› نى تەشۋىق قىلىش-خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل يېڭى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى مەدەنىيەت پەرقى يوق دۆلەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە خىتاي ئەمەلدارى پەن يۆ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەن يۆ گەرچە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مۇتلەق نازارەت ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشتىن تارتىپ، خىتاي تىلىنى بىردىن-بىر مائارىپ تىلى قىلىش، مەسچىت گۈمبەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش چەتئەل بىناكارلىق ئامىللىرىنى يوقىتىشقىچە بولغان سىياسەتلەرنى باشلىغان كىشى بولمىسىمۇ، ئۇنى كېڭەيتكەن ۋە كۈچەيتكەن كىشى ئىكەن. چۈنكى ئۇ، بۇ ۋەزىپىگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان بەزى ماقالىلىرىدە مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە كەلتۈرىدىغان خەۋپى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان. شى جىنپىڭنىڭ ئۇنى ئۆستۈرۈشىدە بۇ ئىككىسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئوخشاش بولۇشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن پەن يۆنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مىللىي كىملىك بەرپا قىلىشتا خىتاي ئەنئەنىسىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. . . . ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، خىتاي كومپارتىيەسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قالاق ۋە زالىم دەپ قارىغان بولسا، شۇندىن كېيىن بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە كومپارتىيە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا، كونا ماركسىزملىق سۆزلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى قەدىمىي خىتاي ئەنئەنىسىنىڭ چېمپىيونى دەپ تەشۋىق قىلدى، كۇڭزىغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلگەن سىما ۋە ئىدىيەلەرنى ئۇلۇغلاشقا باشلىدى».

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، پەن يۆ دەل خىتاي ئەنئەنىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىشنىڭ دەسلەپكى تەشەببۇسچىسى ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ئەمەلدارى پەن يۆنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن تونۇلىدىغان بىر شەخسلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە ئالاھىدە ياراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەتقىقاتچى ئارون گلاسسېرماننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، پەن يۆ 2001-يىلى ئېلان قىلغان پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى ماقالىسىدە مەخسۇس مىللەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇش، يۇغۇرۇۋېتىش قىسقىسى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك «ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقى» ھەققىدە توختالغان. پەن يۆ يەنە خىتاينىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىن 50 مىليون خىتاينى غەربىي رايونلارغا كۆچۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بىر قانچە خىل كرىزىسنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى جۈملىدىن «دۆلەتنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىدىكى نوپۇس بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشقا قۇلايلىق يارىتىدىغانلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى يوقىتىپ، ‹مىللىي يۇغۇرۇلۇشنى› نى ئىلگىرى سۈرۈپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى» قەلەمگە ئالغانىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، پەن يۆ دىسسېرتاتسىيەدە يەنە، غەربىي رايونلارغا كۆچمەن يۆتكەش مەسىلىسىدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىمۇ ئۈلگە كۆرسەتكەن. مەسىلەن ئۇ، كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش ئارقىلىق «ئىسرائىلىيەنىڭ چۆللىشىشكە قارشى تۇرغانلىقى، رۇسىيەنىڭ بايلىق ئاچقانلىقى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنلىكى ۋە يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئامېرىكا توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «غەربكە كېڭىيىش ئامېرىكىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تاماملىشىغا يول قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دۇنيادا كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينايدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. . . بىز ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە مۇتلەق پايدىلىنىشىمىز كېرەك. . بىز ئىمكانقەدەر خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆچمەنلەر ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكادىكى ئانتروپولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دەررىن بايلېر بولسا پەن يۆنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى قارا داغ ھېسابلىنىدىغان يەرلىك ئىندىيانلارغا يۈرگۈزۈلگەن خاتا سىياسەتلەرنى ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ تولىمۇ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇنى «تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە پەن يۆنىڭ خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانلار رايونلىرىغا كېڭىيىشىنى سېلىشتۇرۇشى تولىمۇ دىققەت قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ يەردە سېلىشتۇرۇۋاتقىنى ئامېرىكانىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە سەۋەب بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان (genocidal process) بىر جەريان بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق بىر كىشى ياكى دۆلەت ئۆرنەك ئالىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەپسۇسكى، پەن يۆ ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەيىبلەيدىغان ۋە قايتا يۈز بېرىشىنى قەتئىي خالىمايدىغان بىر ئۇرۇش جىنايىتىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن ئۆرنەك ئېلىشنى، ئۇنى دوراشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، قىسقىسى ئۇ زوراۋانلىقنى قوللاۋاتىدۇ»،

مەلۇم بولۇشىچە، پەن يۆ خۇددى ئامېرىكادىكى ھەممە كۆچمەن مىللەتلەر ئۆزىنى ئامېرىكالىق دەپ ئاتىغاندەك خىتايدىمۇ «مەدەنىيەت پەرقى بولمىغان ئورتاق كىملىك» بەرپا قىلىش چۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇڭا ئۇلار خىتايدىكى ئۇيغۇرغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاي كىملىكى ئاستىدا توپلىنىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. بىراق، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكادەك كۆچمەنلەر دۆلىتىدىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئامېرىكالىق كىملىكى ئاستىغا توپلىنىشى ھەرگىزمۇ مەجبۇرلاپ ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى بۇ دۆلەتتە قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بولۇشى بىلەن ئىشقا ئاشقان. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئورتاق كىملىك ھاسىل قىلىشىنى پۈتۈنلەي خاتا ۋە ئەخلاقسىزلىق، دەپ كۆرسەتتى.

پەن يۆنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنى، تىلى ھەم شۇنداقلا ئاتاققا بولسىمۇ بېرىلگەن ئاپتونومىيەسى ھەققىدىمۇ رادىكال كۆز قاراشلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بۇ مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنىمۇ يۇمشاق بولۇپ قالدى، دەپ قارىغان ئىكەن.

«خىتاي ئارخىپلىرى» ماۋزۇلۇق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى ئارون گلاسسېرمان مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن مۇتەخەسسسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنى دۆلەتنىڭ بېسىم سىياسىتى، خىتاي كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشى ۋە يەرلىك ئىقتىسادقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدەك بىر قاتار ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ باھالىسا، پەن يۆ مەسىلىنى ئىسلام دىنىدا ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدە دەپ باھالىغان». ئاپتورنىڭ دېيىشىچە پەن يۆ شۇ قېتىملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «1949-يىلى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزى ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىنتايىن پايدىلىق مۇئامىلە قىلدى ئەمما، ئىسلام مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ قانچىلىك ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر بىز كۈتكەندەك نەتىجە چىقمىدى، رايوندا مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايلار قەيەردە كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولسا شۇ يەردە داۋالغۇش ئاز بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكىگە ئوخشاش. ئەمما مۇسۇلمانلار كۆپلەپ توپلانغان جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا بولسا مالىمانچىلىق چوڭ بولۇۋاتىدۇ. . . . بىزنىڭ مەقسىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. شۇڭا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان مىللىي يېزىقلارنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلغاننىڭ ئورنىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك خىتايچىنى كۆپرەك تەشەببۇس قىلغان ياخشى».

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، پەن يۆ رايوندىكى مەسىلىنى مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، بوشلۇق ۋە نوپۇس مەسىلىسى دەپ قارىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش چارىسىمۇ كەڭ كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈش بولغان. پەن يۆ ئەينى چاغدا ماقالىسىدە يەنە تىبەت دىنى ۋە ئىسلام دىنىنى قانداق قالاق ۋە قاتمال دەپ قارىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ دىنىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان رەھبەرلىك سىستېمىسىنىمۇ تەڭ دەرىجىدە تەنقىد قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ھالقىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن.

دوكتور دەررىن بايلىېر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە دۆلەت زوراۋانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ بۇنداق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ۋە ئەمىلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇل بىر رەھبەرلىك ئورنىغا پەن يۆگە ئوخشاش دۆلەت زوراۋانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللايدىغان ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ قويۇلۇشى كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ ھەمدە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەگەر پەن يۆ يۇقىرىدا دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ ئوچۇق نامايان بولۇپ تۇرماقتا».

ماقالە ئاپتورى ئارون گلاسسېرمانمۇ پەن يۆنىڭ مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا كىرىشىنى ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەپ باھالىغان. ئۇ ماقالىسىنى «پەن يۆنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن مىللەتلەرنى يۇغۇرۇش ئىدىيەسى بىلەن خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىرىكىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەن يۆنىڭ 2001-يىلىدىكى دىسسېرتاتسىيەسىدە يازغانلىرى ئۇنىڭ بۈگۈنكى مىللىي ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ‹مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى› غا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئەمىلىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتقانلىقىدىن قارىغاندا بۇ ئېھتىماللىقنى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ»، دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مۇددەتچە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.