مۇتەخەسسىسلەر: «‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى قارار ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق سىياسەتلىرى بىلەن بىر قەدەمدە يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى رايوندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارغان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 15-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى10-نۆۋەتلىك 11-ئومۇمىي يىغىنىدا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن تەڭ رەۋىشتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش توغرىلىق مەخسۇس قارار ماقۇللىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 22-ئاپرېل ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن، ھەمدە بۇ قارارنى ئامېرىكاغا بەرگەن بىر جاۋاب دەپ ھېسابلىغان.

مەزكۇر قاراردا ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كەڭ كۆلەمدە ۋە شىددەتلىك رەۋىشتە ئومۇملاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىگە ئايلاندۇرۇش؛ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكى جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە باشلاش، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى يۇغۇرۇۋېتىش، «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈش، ئاتالمىش دۆلەت تىلى (خىتاي تىلى)نى پۈتكۈل ساھەلەرگە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان ئاشقۇن سىياسىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ رايوندىكى مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى سىياسىي تەدبىر-قارارلارنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پەقەتلا خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى، ھېچبىر زامان خەلقنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ ئېيتقانلىرىغا ئوخشايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى پەقەت دۇنيادىكى ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى يوقىتىپ، پۈتۈن جاھاننى كوممۇنىزم دۇنياسىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ماۋ زېدوڭ ئەينى چاغدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قىزىل بايراق تىكىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، شى جىنپىڭنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي شۇ ۋاقىتتىكى سىياسەت بىلەن ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە، دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقى، ھەتتا ئۇ ئىشلەتكەن تاكتىكا-تېخنىكىلار جەھەتتىن ئەينى چاغ بىلەن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا ھازىر ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا، شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان تەدبىر-سىياسەتلىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ.»

مەزكۇر قاراردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە. شۇڭا، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى›نى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت كادىر-ئاممىسى قان-قېرىنداشلاردەك ۋە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بىر مىللەتنىڭ كىملىكى شۇ مىللەتنىڭ يىلتىزى، غۇرۇرى ۋە روھىي ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئارقىلىق، بىرلا جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندۈرۈشنى يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شېڭ شۆ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چېگرا رايونلاردىكى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، تىلى، دىنىي ۋە تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بىر مىللەت مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاسانلىقچە يوقالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سىياسىي بېسىم ئارقىلىق بىر مىللەتنى يوق قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسى ئىزچىل ھالدا رايوندا كۈچلۈك باستۇرۇش سىياسىيىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى مىللەت ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە قارشىلىق كۈچ دەپ قارايدۇ. شۇڭا مەزكۇر قاراردا بۇ ئىككى مەسىلە ھەققىدە تەكىتلەنگەن ۋە ئىزاھلانغان نۇرغۇن نۇقتىلار بار. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىردىن-بىر نىشانى، پۈتۈن كۈچى بىلەن رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خاراكتېرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىنغان مەزكۇر قاراردا «‹شىنجاڭ تارىخىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ؛ «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى» نى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈشنى مەتبۇئات، نەشرىيات، مائارىپ ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەرگە سىڭدۈرۈش تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش مەيدانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

شېڭ شۆ خانىم خىتاينىڭ مەزكۇر قاراردا قايتا تەكىتلىگەن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچ› مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە دەل ئۆزىدۇر. ئۇ خىتايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرغان 75 يىلدىن بۇيان، ھەددىدىن زىيادە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى باستۇرۇپ كەلدى. نۆۋەتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىيىتىنى يۈرگۈزۈشنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسى ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەشكە دائىر مەخسۇس قارار ماقۇللىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر شەپىسى ئىكەن.