شى جىنپىڭنىڭ «كىتاب ئوقۇش» چاقىرىقى ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان ئېيىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 23-ئاپرېل « دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك سۆزى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 23-ئاپرېل، 16-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ياشىغان ئىسپانىيەلىك ياغۇچى مىگېل دې سېرۋانتىس ۋە ئەنگلىيەلىك يازغۇچى، درامماتورگ ۋىليام شېكىسپېرنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى يازغۇچى سېرۋانتىس ۋاپات بولغان بۇ كۈننى ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولۇپ، ئىسپانىيەنىڭ تەكلىپى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى 1972-يىلى ھەر يىلى 23-ئاپرېلنى «كىتاب ئوقۇشقا يۈرۈش قىلىش كۈنى» دەپ تەشەببۇس قىلغان. 1995-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قارار چىقىرىپ، 23-ئاپرېل كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش ۋە نەشرىيات ھوقۇقى كۈنى» دەپ بەلگىلىگەن. خەلقئارادا 100 نەچچە دۆلەتتە بۇ كۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا تاكى 2000-يىللارغىچە بۇ كۈننى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەي كەلگەنىدى.

«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاچقان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 23-ئاپرېل.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاچقان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 23-ئاپرېل. (ts.cn)

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەبرىك سۆزى بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ كۈنى يەنە، پۈتكۈل خىتاي بويىچە «كىتاب ئوقۇش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر پائالىيەت خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە مەخسۇس سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ پائالىيەت سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش» پائالىيىتى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن تارتىپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغىچە، ئالىي مەكتەپلەردىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە كەڭ قانات يايدۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابدۇمەجىت «زور كۆلەملىك كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قوزغاشنى ئاۋۋال سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە قانات يايدۇرۇش، كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك خىزمەتتىكى مۇھىم خىزمەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، سىياسىي نەزەرىيە بىلىمىنى ئۆستۈرۈش، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى قوللاپ، 20-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «كىتاب ئوقۇش» دېگەندەك تېمىلاردىكى بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلەر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىلا باشلانغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللەت كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مېڭە يۇيۇش ئىكەن.

خۇ پېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاش. ئىلگىرىكى چاغلاردا رامىزان ئېيى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر ھالدا ئېتىراپ قىلىناتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مەزگىللەردە ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇلاتتى. ئەمما بۇ يىل دەل رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ‹كىتاب ئوقۇش› نامىدا بۇ خىل ھەرىكەتنى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يولغا قويۇشى ئېنىقلا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق. ئەلۋەتتە بۇ ھەرىكەت ھازىر خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل خىتاي دۆلىتى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. مەيلى ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ماۋ زېدوڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى بولسۇن، ياكى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش يۇمتالىنى چۈشۈرۈش ھەرىكەتلىرى دېگەنلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى مەجبۇرلاش، مېڭە يۇيۇش مەقسىتىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر دېيىشكە بولىدۇ».

خۇ پېڭ ئەپەندى يەنە خەلقئارادا خىتايدىكى كومپارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تونۇش، ئۆگىنىش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دېگەندەك ناملاردىكى بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرگە بولغان تونۇشنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي تۈسى قويۇق بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ مېڭىسىنى مەجبۇرىي يۇيۇپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، سىياسىي ھەرىكەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتلىرىگە جىددىي دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» دا 26-ئاپرېل كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە 23-ئاپرېل «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» پائالىيىتىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە: «23-ئاپرېل كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرىشىدا ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار بىرلىكتە 23-ئاپرېل ‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى› نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. پائالىيەتلەردە ‹كلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، كىتابخۇمارلارنى ھۆرمەتلەش›، ‹ئاقسۇغا رىشتە باغلاش› دېگەن تېمىلار بويىچە، ئومۇمىي خەلق دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «ئاقسۇنىڭ كۇچا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلەردە «مېنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇ» «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى مۇنداق دەيدۇ» دېگەن تېمىلاردا دېكلاماتسىيە ئۆتكۈزۈلگەن. «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» قاتارلىق خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىنغان. «بۇ ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىنغان».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «كىتاب ئوقۇش» دېگەندەك ناملاردىكى قىزىل كىتابلارنى ئوقۇش ۋە خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۆتكۈزۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىشى كېرەك ئىكەن.

دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى ئاتالمىش «ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش دولقۇنى» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئاتالمىش ئۇيغۇر «نەمۇنىچىلىرى» نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قىلغان پائالىيەتلىرىنى تەشەببۇس قىلماقتىكەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، رامىزان ئېيىدا باشلانغان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلەنگەن، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرچە دىنىي كىتابلار، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى چەكلەنگەن ۋە يوقىتىلغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.