مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈش قۇرۇق خام خىيالدۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزى (Pew Research Center) نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان يىللىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئامېرىكالىقنىڭ خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى كىرىستىنا خۇاڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان نېگىزلىك تەسىرى ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبتۇر».

ۋەھالەنكى، مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ئاپرېل ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان؛ شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىننىڭ خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى ئاخىرلاشقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى توقۇنۇشلار كۈنسايىن كۈچىيىپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىرى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. تېڭ بياۋ يەنە بۇ خىل ۋەزىيەت ئامېرىكادا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قارىشىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە كوۋىد (COVID-19) يۇقۇمى قاتارلىقلارمۇ نۇرغۇن كىشىلەردە خىتايغا بولغان پاسسىپ كۆز قاراشنى پەيدا قىلغان. شۇنداقلا يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق سەزگۈر مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنى قوللىشىمۇ ئامېرىكادا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشتىكىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولغان، دەپ قارايمەن.»

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 81 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز قاراشتا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 43 پىرسەنت كىشى خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىكەن. 50 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتاينى ئامېرىكاغا رىقابەتچى دۆلەت دەپ قارىسا؛ 6 پىرسەنت ئامېرىكالىق خىتاينى ئامېرىكانىڭ شېرىكى دەپ قارايدىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر دوكلات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا قارىتا سەلبىي قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يىللىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئامېرىكالىقنىڭ ھازىر خىتاينى ئۆزلىرىگە دۈشمەن دەپ قارىغانلىقىدەك بۇ سانلىق مەلۇمات، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكا خەلقىنىڭ راي سىناشتا كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سان ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر دوكلات بۇ يىل 1-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە قۇرامىغا يەتكەن 3600 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىر مەسىلە شۇكى، بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاراش، يەنى بىر دۆلەتكە بولغان قاراش بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ياكى خىتاي خەلقىگە بولغان قاراشنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، مەزكۇر دوكلاتتىكى راي سىناشتا بۇ خىل پەرقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن ۋە ياكى بۇ نۇقتىنى تەكىتلىمىگەن. ئەلۋەتتە، خىتاي ئامېرىكادا كومپارتىيەسىنىڭ ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان ۋە ئۇنىڭغا سەلبىي قاراشتا بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ خىتاي خەلقىنى كەمسىتىش ياكى ئۇلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ تەرەپلەر دوكلاتتىكى راي سىناشتا تەكىتلەنمىگەن بىر نۇقتىدۇر.»

مەزكۇر دوكلاتتا، ئامېرىكالىقلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاينىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنى چەكلەش ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپ بولۇشى كېرەك دەپ قارىسا؛ ئاران 8 پىرسەنت كىشى بۇنى مۇھىم دەپ قارىمايدىكەن. ئامېرىكالىقلار يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغىمۇ سەلبىي باھا بەرگەن بولۇپ، 80 پىرسەنت كىشى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارادا ئىجابىي ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. 10 پىرسەنت كىشىنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە ئېنىق قارىشى يوق ئىكەن.

تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر بىر قاتار مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا سەلبىي نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«مېنىڭچە، ئامېرىكادا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشتىكىلەرنىڭ سانى يەنە داۋاملىق ئېشىپ بارىدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ماھىيەتلىك ياخشىلاپ، ئامېرىكا ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ يۈزلىنىش مەيلى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلاردا بولسۇن، ھېچقانداق ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسىدە ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بۇ خىل سەلبىي پوزىتسىيەسىدە ياخشىلىنىش بولماسلىقى مۇمكىن.»

سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن، نۆۋەتتە ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشى ۋە نارازىلىقلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ تۆۋەنلىمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ۋە يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسىدە كەسكىن ئۆزگىرىش ياسىمىغۇچە، تېخىمۇ توغرىسى خىتايدا دېموكراتىك بىر ئاتموسفېرا پەيدا بولمىغۇچە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلىرىدا ھەرگىزمۇ ياخشىلىنىش بولمايدىكەن.