ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مۇھاجىرلار يىغىنى» ۋە خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.08.03
8-qetimliq-wetenge-qaytqan-muhajirlar.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يىغىندا سۆز قىلماقتا.
ts.cn

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «8-قېتىملىق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار» يىغىنى ئاچقان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرىدا مۇھاجىرلار مەسىلىسىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتۇدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش كېرەك،» دىگەن سۆزلەرنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۇينىڭ مۇھاجىرلار توغرىلىق ئېيتقان بۇ سۆزلىرى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاتالمىش «مۇھاجىرلار خىزمىتى» ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مۇھاجىرلار خىزمەت يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

2017-يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «جۇڭگولۇق مۇھاجىر» دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان خىتاينىڭ «ئىشەنچىلىك پۇقراسى» بولالمىغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق تۇتقۇن ئوبېيىكتى قىلىنغان ئىدى. بۇ تۇتقۇنلارنىڭ بەزىلىرى چەت ئەللەردىكى بىر مەزگىللىك ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاپ ھەر خىل ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېلىپ قايتىپ ۋەتەنگە كەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا؛ يەنە بىر قىسمى تىجارەت، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش ياكى ھەج قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرى ئىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «مۇھاجىرلار يىغىنى» ئېچىشىدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش، خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ئىستىراتىگىيەسىدە ۋە چەت ئەللەرگە قاراتقان سىياسىي تەشۋىقات ئىشلىرىدا «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ مەخسۇس دوكلاتلار ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» تەرىپىدىن، ئاۋسترالىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن لى (Lin Li) ۋە ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) نىڭ ئورتاق ئەمگىكى سۈپىتىدە «دوستانە كۈچلەر پەرۋىشى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىغا قاراتقان پائالىيەتلىرى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇزۇندىن بېرى سەل قارىلىپ كېلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتىدىكى تاكتىكىلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىدە بۇ خىل مۇھاجىرلار سىياسىتىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئانالىز قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ ئورگاننىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان ئۇزۇن قولى ئارقىلىق، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىنى پارچىلاش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورگاننىڭ رولى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن. 2021-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى» دا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولمىغان بارلىق شەخسلەرنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ «مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ۋەكىللىك شەخىسلەر» نىڭ بۇ خىل بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكتاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىرلىكسەپ خىزمىتى» يالغۇز دۆلەت ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن باشقا پارتىيە ۋە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتىن باشقا، يەنە چەت ئەللەردە «‹دوستانە كۈچلەر› نى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى زورايتىش» تەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر ۋەزىپىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر خىزمەتلەر بولسا «دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئىكەن. بۇ كومىتېت خىتاينىڭ «مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مۇھاجىرلارنى جەلپ قىلىش» قاتارلىق ناملاردىكى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلارنى ئۆزىگە تارتىش، بولۇپمۇ «مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ۋەكىللىك شەخىسلەر» نى نىشان قىلغان ھالدا، چەت ئەللەردە «‹دوستانە كۈچلەر› نى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى زورايتىش» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مۇھاجىرلار خىزمەت يىغىنى» دا «ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش» تەك بىر قاتار «تارتىش كۈچى زور» سىياسەتلەر تەكەتلەنگەن. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر 2017-يىلىدىن بۇيان چەت ئەللەردىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقالىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئالەم قاتنىشى ئىدارسىنىڭ ئالىي ئىنجېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي گەرچە «مۇھاجىرلار يىغىنى» دېگەندەك تۈرلۈك يىغىنلارنى ئېچىپ، ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىقاچان شەكىللەندۈرۈپ بولغان يوقۇرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، مۇھاجىرلارنى جەلپ قىلىش تاكتىكىسىنىڭ بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىننىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئېچىلغان بولماستىن، بەلكى يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش، ئۇلارغا مەلۇم مەنپەئەتلەرنى بېرىش، ھەتتا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ «مۇھاجىرلار يىغىنى» دەيدىغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، چەت ئەللەردە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر قىسىم كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ خىل «مۇھاجىرلار يىغىنى» غا مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىمۇ مەخپىي تەكلىپ قىلغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ سېزىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەر خىل ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، سودا ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەنپەئەت ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ياكى ئۇيغۇر بولمىغان چەت ئەللىكلەرنى سېتىۋالغان ئەھۋاللار كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ھاللاردا ئۇلارنى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلرىنى توپلاشقا مەجبۇرلىغان. ئۇندىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر، ھەتتا خىتاينى تەنقىدلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرى بار شەخسلەر ياكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشتا پايدىلانغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى قانۇن ئورگانلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى ياكى بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.