2013-يىلىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش» خىزمىتىنى جىددىي قانات يايدۇرۇشى، رايوندىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكان، باغ-ۋاران ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەردىن ئىبارەت «ئالتۇن قوزۇق» تىن ئايرىپ، قاق-سەنەم قىلىپ قويغان؛ ئۇلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ياللانما ئەمگەك كۈچىگە ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى سېتىپ كۈن كۆچۈرىدىغان يوقسۇللارغا ئايلاندۇرغان. بولۇپمۇ 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يەر ۋە خۇسۇسىي مۇقىم مۈلۈكلىرىدىن تولۇق ئايرىلىپ، خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرۇلغان. يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇش» خىزمىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام كۈچەيتىشى، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئىككى يىل داۋام قىلغان «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىي 46 مىڭ 700 پارچە «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقنامىسى» نى يېڭىدىن جەزملەشتۈرگەن ھەم تىزىمغا ئالغان. ھالبۇكى، مەزكۇر خەۋەردە بۇنىڭ قانچىلىك كۆلەمدىكى يەرگە چېتىلىدىغانلىقى، كىملەرنىڭ كوللېكتىپ يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە يېڭىدىن تىزىملانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئېلىش سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە بەزى ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى تارتىپ ئېلىپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» ئىشىنى قايتا ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئارقىسىغا چوڭقۇر مەقسەتلەر يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بېرى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان دېھقانلارنىڭ قولىدىكى يەرلەر ئىگىسىز قالغان ياكى تېرىلماي قالغان. بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرى پىلانلىق تۈردە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلەپ، زاۋۇت-كارخانا قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تارتىۋالغان يەرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇپ بېرىشكە ئۇرۇنغان. زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە تالان-تاراج سىياسىتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يەرلىك دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە ئۆي-جايلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇرلانغان ياكى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى رايوندا تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى، كېۋەزلىكلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي شىركەتلىرى ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېلىپ بەرگەنلىكىگە دائىر ۋەقەلەرمۇ دەلىللىگەن ئىدى.
زۇبەيرە خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنسىز، ئۆي-ماكانسىز ۋە ۋەتەنسىز قالدۇرىدىغان تالان-تاراج بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇپراق ۋە زېمىنغا بولغان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن تولۇق مەھرۇم قالدۇرىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى باشلىغان «ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش» تىن تارتىپ، بۈگۈن داۋاملىشىۋاتقان «كوللېكتىپ يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يېڭىدىن جەزملەشتۈرۈش ۋە تىزىملاش» سىياسىتىگە قەدەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئىكەن.