شىۋېتسىيەنىڭ H&M كىيىم-كېچەك شىركىتى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020.09.24
H&M-İstanbul.jpg H&M كىيىم شىركىتىڭ İئىستانبۇل مارمارا فورۇمدىكى شۆبە دۇكىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 23-سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

شۋېتسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق H&M كىيىم-كېچەك شىركىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە پاختا سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقىنى ۋە سودا كېلىشىملەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

Euronews خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى سەۋەبىدىن H&M كىيىم شىركىتى خىتاينىڭ يىپ ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى Huafu Fashion بىلەن تۈزگەن توختام ۋە سودا كېلىشىملىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

H&M كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ باشلىقى  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھېچ بىر توقۇمىچىلىق شىركىتى بىلەن كېلىشىم يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپ چىقىرىش مەركىزى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىن پاختا سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-2019-يىللار ئارىسىدا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەجبۇرى ئەۋەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلاتىدا، شىۋېتسىيەنىڭ H&M كىيىم-كېچەك شىركىتى  خىتاينىڭ رەڭلىك يىپ ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى - Huafu Fashion بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىلگەنىدى. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن .

بۇ خەۋەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدە كەڭ تارقىتىلدى ۋە بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

TGRT تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە پروگرامما تارقاتتى ۋە H&M كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ قارارىنى ماخىتاش بىلەن بىرگە تۈركىيەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.

TGRT تېلېۋىزىيە قانىلى خەۋەر پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئەكرەم ئاچىكئەل سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «خىتاي توغرىسىدا سۆز ئېچىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. شەرقىي تۈركىستان ئىچىمىزدە قانىغان بىر يارا، يەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەقىقەتەن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، ھېچ كىم ئۇنۇتمىسۇن، بىز ئەسلى ئۇ يەردىن كەلدۇق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىستاننى ھېچ كىم ئۇنۇتمىسۇن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىنمۇ ياكى ئۇ يەردىن كۆپلەپ مەھسۇلات ئىمپورت قىلغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ تاڭ بىر تۈرلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەيۋاتىمىز. سۈكۈت قىلىۋاتىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك جەھەتتە بىز سۆزلىشىمىز كېرەكتى بىراق ئاۋاز شۋېتسىيەدىن كەلدى».

TGRT تېلېۋىزىيە قانىلى رىياسەتچىسى ئەكرەم ئاچىكئەل، H&M كىيىم-شىركىتىنى بۇ قارارى بىلەن دۇنياغا ئۈلگە بولغانلىكىنى تەكىتلىدى ۋە نايىك ۋە ئادىداس قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ماركىلارنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشملىرىنى بىكار قىلىش نۆۋىتى كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئەكرەم ئاچىكئەل پروگراممىدا «بىز بۇ ھەقتە نېمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟» دەپ سوئال قويدى ۋە تەنە ئارىلاش ئىپادىسى بىلەن «بىز بەلكى پۇلغا بەكرەك ھېرىسمەن بوپ كەتكەن ئوخشايمىز ۋە ياكى خىتايدىن كۆپلەپ ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار سەۋەبىدىن ئاۋازىمىز چىقمايۋاتىدۇ»، دېدى.

بىز بۇ ھەقتە كۆز-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتچىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندى H&M كىيىم-شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىنى بىكار قىلغانلىق قارارىنىڭ ياخشى بېسىلغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندى، H&M كىيىم-شىركىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان خەلقئارالىق چوڭ بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ شىركەتنىڭ باشلىقى دۇنيادىكى 10 چوڭ باينىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شىركەتنىڭ ئالغان قاراراى خەلقئارادا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا 81 خەلقئارالىق شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىم تۈزۈپ سودىلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىپ ئۇلارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈپ خىتاينىڭ پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندى، H&M كىيىم-شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلغان تۇنجى شىركەت ئەمەسلىكىنى ۋە ئاخىرقىسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە شىركەتنىڭ سودا كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان 81 خەلقئارالىق شىركەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى مەجبۇرى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىدىن  ئىبارەت قىلمىشلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە  بۇ  قىلمىشلار ئىسپاتلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقسا  مەزكۇر 81 شىركەتنىڭمۇ بىر-بىرلەپ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشملىرىنى بىكار قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.