نورۋېگىيە نېفىت فوندى خىتايغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.09.24
daxua-camera-qara-tizimlik.jpg خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى‏ - داخۇا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى كۆرگەزمىدە. 2018-يىلى 29-ماي، خاڭجۇ.
AFP

خېلسىنكى كومىتېتى، رافتۇ فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 7 تەشكىلات 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11‏-كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى نېفىت فوندىنىڭ خەيكاڭ دىگىتال ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 19-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيە نېفىت فوندى مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتىگە سالغان بىر مىليارد 200 مىليون كىرونلۇق مەبلىغىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى نورۋېگىيە نېفىت فوندىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىگىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 19-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيە نېفىت فوندىنىڭ ئۆزلىرىگە خەت يېزىپ، خەتتە خىتايغا سالغان 1 مىليارد 200 مىليون كىرونلۇق مەبلىغىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ قويۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينى باشقا جەھەتلەردىنمۇ جازالاش كېرەكلىكىنى، شۇڭا نورۋېگىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2019-يىلىدا نورۋېگىيە نېفىت فوندىنىڭ خىتايدىكى ئىككى شىركەتكە سالغان مەبلىغىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نورۋېگىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ لىدېرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. كېيىنكى ئايلاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلىرىمۇ قولايلاشقان. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

نورۋېگىيە نېفىت فوندىنىڭ بۇ ئىككى شىركەتكە مەبلەغ سېلىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە مەزكۇر فوندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆز قائىدە نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەن. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى د ئۇ ق، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نورۋېگىيەدىكى رافتۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىنگرىد خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز رافتو فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە نېفىت فوندىنىڭ خىتاي شىركىتىدىكى مەبلىغىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىدىن خۇرسەن بولدۇق. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر غەلىبە. بۇندىن كېيىن شۇنداق شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك دەپسەندە قىلغۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

نورۋېگىيەنىڭ نوپۇسى ئاز، يەر كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ياۋروپادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. نورۋېگىيە يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، د ئۇ ق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر، خانىم-قىزلار مەسىلىسى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ خىتايدىكى مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايدىكى مەبلىغىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرسە باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ مەبلەغلىرىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە نورۋېگىيە ئاخباراتىدا خىتاينىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان 700 ئۇيغۇرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغان. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى خىتاينىڭ چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىمۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتى بىلەن داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ۋە جازالىشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.